خىتاي -ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىكى ئىلگىرىلەش

4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتايدا ياپونىيىگە قارشى نامايىش يۈز بەرگەندىن كېيىن پەيدا بولغان خىتاي - ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ھەل قىلىش جەھەتتە ھازىر يېڭى ئىلگىرىلەش بولىۋاتىدۇ.

"س ن ن رادىئو-تېلېۋىزىيە شىركىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىرى جۇنىشىرو كويزۇمى ئەپەندى ھىندونېزىيىنىڭ جاكارتا شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان ئاسىيا- ئافرىقا دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا "باندون يىغىنىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش" بويىچە قىلغان سۆزىدە ئۇرۇش يىللىرىدا ياپونىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ۋە تاجاۋۇزچىلىق ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان دۆلەتلەردىن سەمىمىي ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

1995 - يىلىدىمۇ ياپونىيىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى باش مىنىستىرى ئۇرۇش يىللىرىدا ياپونىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ۋە تاجاۋۇزچىلىق ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان دۆلەتلەردىن سەمىمىي ئەپۇ سورىغان ئىدى.

"رويتىرىس ئاگېنتلىقى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىرى جۇنىشىرو كويزۇمى ئەپەندى جاكارتا يىغىنىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان دۆلەتلەردىن ئەپۇ سورىغاندىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە " خۇ جىنتاۋنىڭ 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى مەن بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ھەققىدە سۆھبەتلىشىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم " دېگەن.

جاكارتا يىغىنىدا، خۇددى رويتىرىس ئاگېنتلىقى بايان قىلغاندەك، ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىرى كويزۇمى ئەپەندى "ئەپۇ سوراش" شەكلى ئارقىلق ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ۋە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان دۆلەتلەرگە "زەيتۇن يوپۇرمىقى" سۇنغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ بىلەن سۆھبەتلىشىشمۇ كۈن تەرتىپكە قويۇلۇپ، ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش پەيدا بولىۋاتقاندا، "ب ب س" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە ياپونىيىدە پارلامىنت ئەزالىرىدىن 100 گە يېقىن ئادەمنىڭ ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىغا بېرىپ تاۋاپ قىلغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ياپونىيىدە 80 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىغا بارغان. كويزۇمى ئەپەندى 2001 - يىلىدىن كېيىن ھەر يىلى ياسۇكۇنى بۇزرۇكگاھىغا بېرىپ تۇرغان ئىدى. ئەمما بۇيىل ئەركىنلىك-خەلقپەرۋەتلىك پارتىيىسىنىڭ كويزۇمى ئەپەندىدىن باشقا ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى بارغان.

خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىسىتىرلىقى، خۇددى ب ب س نىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنغاندەك، 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى دۆلەت پۇقرالىرىغا "رۇخسەت قىلىنمىغان نامايىشقا قاتناشماسلىق كېرەك؛ ئىنتېرنېت ياكى يانفون ئارقىلىق، جايلاردا بولغان نامايىش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى تارقاتماسلىق كېرەك" دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەندىن كېيىن، "فرانسىيە ئاگېنتلىقى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى يەنە ئىنتېرنېتتىكى خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتىگە دائىر مۇھاكىمە بولۇپ تۇرىدىغان بىرمۇنچە تور پونكىتلىرىنى تاقىغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا ياپونىيىگە قارشى نامايىش باشلانغاندىن كېيىن، بىر مۇنچە ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە 5 - ئاينىڭ 1 - ۋە 4 - كۈنىرىلىرىدە شاڭخەي، نەننىڭ، ۋېنجۇ، چوڭچىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە تېخىمۇ چوڭ نامايىش ئېلىپ بېرىش ھەققىدە چاقىرىق قىلىنىپ، بىرمۇنچە يېڭى تېمىلار غۇلغۇلا قىلىنىۋاتقان ئىدى. ئەمدى دۆلەت پۇقرالىرى بۇنداق تور بەتلىرىگە كىرىپ ئەركىن پىكىر بايان قىلالمايدۇ. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تېلېۋىزىيە- رادىئولىرى ھازىر خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ "رۇخسەت قىلىنمىغان نامايىشقا قاتناشماسلىق كېرەك، ئەمما جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا زىيان يەتكۈزمەسلىك شەرتى ئاستىدا تەرتىپلىك، سوغۇققانلىق شەكىل بىلەن ھېسىيات ئىپادىلىسە بولىدۇ" دەپ تەكىتلىمەكتە.

"ئۇلۇغ ئىرا گېزىتى" دە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھازىر جەمئىيەتتە ئەۋج ئېلىۋاتقان " كوممۇنىست پارتىيىدىن چىكىنىش دولقۇنى"دىن ۋە دۆلەت ئىچىدە كۈنسىرى كەسكىنلىشىۋاتقان ئىجتىمائىي زىددىيەتلەردىن ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، خەلق ئىچىدە "ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى" دېگەن ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىپ، بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق ياپونىيىگە قارشى نامايىش قوزغاتقان ئىدى. ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قوزغىغان ياپونىيىگە قارشى نامايىشلار ھازىر مۇرەككەپلەشتى. ئۇ ھازىر خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسگە قارشى ھەرىكەتكە ئايلىنىشقا باشلىغانلىقتىن، شۇنداقلا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئەخلاقىي جەھەتتە دۇنيانىڭ ئەيىپلىشىغا ئۇچراپ، ئۆز-ئۆزىدىن ئەندىشە قىلىپ، جىددىيلىشىپ كونا ئادىتى بويىچە يەنىلا خەلققە زالىملىق قىلىشقا باشلىدى. (ۋەلى)