خىتاي مۇپەتتىش مەھكىمىسىنىڭ "2003 - يىللىق مەركىزى خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە باشقا مالىيە كىرىم- چىقىملىرىنىڭ مۇپەتتىش دوكلاتى" ئېلان قىلىنىپ، بىر تۈركۈم چوڭ دىلولار پاش بولغاندىن كىيىن، خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قالايمىقان باشقۇرۇش، قالايمىقان مەبلەغ سېلىش ۋە قائىدىگە خىلاپ ھالدا مەبلەغنى يۆتكەپ ئىشلىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈش، رەتكە سېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان. كىشىلەر بۇنى خىتايدا كۆتۈرۈلگەن "مۇپەتتىش بورىنى" دەپ ئاتىغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت كابېنتى يېقىندا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتىنىڭ 13 - نۆۋەتلىك يىغىنىغا مۇپەتتىش دوكلاتىدا كۆرۈلگەن چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىپ تەرتىپكە سالغانلىقى ھەققىدە دوكلات سۇنغان. 26 بەتلىك مەزكۇر " تەرتىپكە سېلىش ۋە تۈزىتىش دوكلاتى" دا، خىتاي مۇپەتتىش مەھكىمىسىنىڭ دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئىزاھ بېرىلگەن.
ئامېرىكىنىڭ نىيۇ يۇرك شەھىرىدىكى "بېيجىڭ باھارى" ژورنىلىنىڭ باش تەھرىرى خۇپىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دۆلەت كابېنتىنىڭ " تەرتىپكە سېلىش ۋە تۈزىتىش دوكلاتى" ئاساسلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى نامايەن قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن:
"مېنىڭچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دوكلاتى ئارقىلىق ئاساسلىقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يولىدا ئىشلىگەن خىزمەتلىرى ۋە بۇ جەرياندا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى كۆرسەتمەكچى."
مەزكۇر " تەرتىپكە سېلىش ۋە تۈزىتىش دوكلاتى" دا،" 2003 - يىللىق مۇپەتتىش دوكلاتىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋاللىرى ئاساسەن ياخشى بولغان. ئۆتكەن يىلى 10 - ئايغىچە، قايتۇرىۋېلىنغان مالىيە كىرىمى 20 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، يەتتە يۈز نەچچە ئادەم جازالانغان" دەپ كۆرسىتىلگەن.
مۇپەتتىش دوكلاتىنىڭ ئۈنۈمى گۇمانلىق
ئەمما خۇپىڭ ئەپەندى، خىتاينىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدە، مۇپەتتىش ئارقىلىق يەنى ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز- ئۆزىنى نازارەت قىلىشى ئارقىلىق چىرىكلىككە يىتەرلىك زەربە بەرگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دىدى:
"مەن خىتاينىڭ مۇپەتتىش دوكلاتى ۋە ئۇنىڭ ئۈنۈمىگە گۇمان بىلەن قارايمەن. چۈنكى ھازىر خىتاي قوللىنىۋاتقىنى ئىنتايىن ئەنئەنىۋىي ئۆز- ئۆزىنى تۈزىتىش ئۇسۇلى ھەمدە ئۇنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن تار بىر دائىرىدە چەكلىنىپ قالغان. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئەمەلدالىرى ئىنتايىن چىرىكلەشكەن بۇگۈنكى كۈندە بۇ خىل ئۇسۇل ئاقمايدۇ. ئەمىلىيەتتە مېنىڭ قارىشىمچە، خىتاي دائىرىلىرى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇنى ئېلان قىلىشتا ئۆز خائىشى بويىچە تاللايدۇ. ھەممىمىز بىلىدىغان چوڭ دىلولارنى، بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا چېتىشلىق بولغان چېرىكلىك مەسىلىلىرى بۇنداق تەپتىش دوكلاتلىرىدا قەتئىي تىلغا ئېلىنمايدۇ."
خىتاي دۆلەت كابېنتى ئىش بىجىرىش نازارىتى مەزكۈر" تەرتىپكە سېلىش ۋە تۈزىتىش دوكلاتى" نى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي ھەيئەت كومىتىتىغا تاپشۇرغان. ئەمما بىر قىسىم ئانالىزچىلار، مەزكۇر دوكلاتنىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا سۇنۇلىشى پەقەتلا شەكىل جەھەتتىن رەسمىيەت ئۆتەش ئىكەنلىكىنى، چۈنكى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ، ھۆكۈمەت مەمۇرىي تارماقلىرىنى نازارەت قىلىش فونكىسىيىسىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان بىر قىسىم مەسىلىلەر مىسالغا ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەنخۈي ۋە جاڭسۇ ئۆلكىلىرىدىكى 14 ناھىيىدە كۆرۈلگەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش پۇللىرىنىڭ قالايمىقان ئىشلىتىلىش مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە مەزكۇر ئۆلكىلەر تەرتىپكە سېلىش ۋە تۈزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەنخۈي ئۆلكىسىدىنلا قالايمىقان ئىشلىتىلگەن بەش مىليون بەش يۈز مىڭ يۈئەندىن ئارتۇق پۇل يىغىۋېلىنغان، دىلوغا چېتىشلىق يەتتە كىشى ئەدىلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان. بىراق خەۋەردە ئۇيغۇر ئېلىغا مۇناسىۋەتلىك دىلولار بولسا تىلغا ئېلىنمىغان.
چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى پەرقلىق سىياسەت
خىتاينىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىك ئەھۋاللىرىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا ئوخشاش بولمىغان سىياسەت يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دىدى:
دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، خىتاينىڭ مۇپەتتىش دوكلاتى ۋە چىرىكلىككە قارشى ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈنۈمى چەكلىك ئىكەن. چۈنكى خىتايدا مەركىزى ھۆكۈمەتتىن ناھىيە ۋە يېزىلارغىچە بولغان ئورگانلاردىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىك ئەھۋاللىرىنى مۇستەقىل ھالدا سىرتتىن نازارەت قىلىدىغان بىرەر تۈزۈلمە يوق ئىكەن. (ئارزۇ)
