سوۋېت ئىتتىپاقىدا مۇستەبىتلىك تۈزۈم قانداق يىمىرىلگەن؟ (1)

ئامېرىكىدا چىقىدىغان "كۆزۈتۈش ژورنىلى" دا "سوۋېت ئىتتىپاقىدا مۇستەبىتلىك تۈزۈم قانداق يىمىرىلگەن؟" ناملىق بىر مۇلاھىزە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالە سوۋېت ئىتتىپاقىدا مۇستەبىتلىك تۈزۈمنىڭ قانداق يېمىرىلگەنلىكى، سوۋېت ئىتتىپاقىدا پۈتۈن نوپۇسنىڭ 10٪ نى تەشكىل قىلىدىغان، ئۆزىنى چەكسىز كۈچلۈك دەپ ئاتىغان كوممۇنىست پارتىيە نېمە ئۈچۈن توساتتىنلا خەلق ئىچىدە قوللايدىغان ھېچبىر ئادەم قالماي، ئۆزى چەك-چېكىدىن يېمىرىلگەنلىكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنى بىر نەچچە 10 يىل تەتقىق قىلىپ ئاخىر "سوۋېت ئىتتىپاقى ھەرگىز يېمىرلمەيدۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ تۇرالايدۇ" دەپ يەكۈن چىقارغان بىر مۇنچە تەتقىقاتچىلار، ھازىر شۇ ۋاقىتتا چىقارغان يەكۈنىدىن خىجىل بولغانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇچۇرلارنى بايان قىلىپ، بۇ ئارقىلىق تېخىچە مۇستەبىتلىك ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان شارائىتتىكى خەلقنىڭ ئەركىنلىك ھەۋەسلىرىنى تەجرىبە - ساۋاقلار بىلەن تەمىنلىگەن.

"سوۋېت ئىتتىپاقىدا مۇستەبىتلىك تۈزۈم قانداق يىمىرىلگەن؟" ناملىق مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، كوممۇنىست مۇتەئەسسىپلىرى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ باققان بولسىمۇ، ئەمما ھېچكىم ئۇنىڭغا ئەگەشمىگەن. بەلكى مۇتەئەسسىپ كوممۇنىستلارنىڭ بۇنداق ئاخمىقانە ھەرىكەتلىرى ئۆزىنىڭ تېخىمۇ تىز سۈرئەت بىلەن يىمىرىلىشىنى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق يولىغا مېڭىشىنى تېخىمۇ تىزلەتكەن. شۇ چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا پۈتۈن نوپۇسنىڭ 10٪ نى تەشكىل قىلىدىغان، ئۆزىنى چەكسىز كۈچ، دۆلەتنىڭ تۈۋرۈكى دەپ ئاتىغان كوممۇنىست پارتىيىگە ئەگىشىدىغان ئادەم چىقماي قالىدىغان ئەھۋال پەيدا بولۇشىنى باشقا كىشى ئەمەس، ھەتتا گورباچېۋ ئەپەندى ئۆزىمۇ تەسەۋۋۇر قىلمىغان. شۇنداق پەيتتە، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە جاسۇس سېستىمىلىرىنىڭ ھېچقايسىسىئى كېرەككە كەلمىگەن. "تارىخىنىڭ مۇقەررەرلىكى" دېگەن شۇ بولسا كېرەك.

"سوۋېت ئىتتىپاقىدا مۇستەبىتلىك تۈزۈم قانداق يىمىرىلگەن؟" ناملىق مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى چوڭ ئۆزگىرىشنى گورباچېۋنىڭ "چەتكە قارىتا ئىقتىسادنى ئېچىۋېتىش، دۆلەت ئىچىدە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش" سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان. سوۋېت ئىتتىپاقىدا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئورنىدا چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا بولغان ھامان، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى گورباچېۋنى سوۋېت ئىتتىپاقىنى گۇمران قىلغان باش جىنايەتچى، دەپ قارىغان. ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن، ناھايىتى قۇدرەتلىك ئەسكىرى كۈچكە ئىگە سوۋېت ئىتتىپاقى شۇ قەدەر تىز گۇمران بولغان، بولۇپمۇ بۇنداق چوڭ گۇمرانلىقتىن بۇرۇن ھېچقانداق ئالامەتنى كىشىلەر سەزمەي قالغان . ھەتتا ئامېرىكىدا كات ئەپەندى پرېزىدېنت بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە "سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈزۈمى 2000 - يىلىغىچە گۇمران بولىدۇ" دەپ ھۆكۈم قىلغان ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى بۇرجىنىسكى ئەپەندىمۇ، بو ئۆزگىرىشنىڭ شۇنداق تىز يېتىپ كەلگەنلىكىگە ئىشەنمەي قالغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە باشقا ھەر جەھەتتىن بىر نەچچە 10 يىل تەتقىق قىلىپ "سوۋېت ئىتىپاقى ھەرگىز يىمىرلمەيدۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ تۇرالايدۇ" دەپ يەكۈن چىقارغان نۇرغۇن تەتقىقاتىچلار كېيىن ئۆزىدىن قاتتىق خىجىل بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي ئىسلاھات كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ چوڭ نەتىجىدىن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قاتتىق چۈچۈپ، كوممۇنىست پارتىيە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان دۆلەتتە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش خاتا، دەپ ساۋاق ئالغان.

"سوۋېت ئىتتىپاقىدا مۇستەبىتلىك تۈزۈم قانداق يىمىرىلگەن؟" ناملىق مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي دائىرىلىرى سوغۇقچىلىق ئۇرۇشى دەۋرىدىلا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي يېڭى قوراللارنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلالمايۋاتقانلىقىنى، شۇڭلاشقا ھەربىي قىسىملار غەرب ئەللىرى بىلەن كۈچ سېلىشتۇرمىسى جەھەتتە تەڭ تۇرالمايۋاتقانلىقىنى، شۇنداق بولىۋەرسە، سوغۇقچىلىق ئۇرۇشىدا ئۆزىنىڭ مەغلۇب بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، مۇرەسسە قىلىش لازىملىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوتسيالىزمى شۇ دەۋردىكى ئىككى خىل تۈزۈمنىڭ كۈچ سېلىشتۇرۇشى جەريانىدا مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيە جەھەتتە ياۋرۇپانىڭ مۇھىملىقىغا ئەھمىيەت بېرەلمەي قالغان. شۇڭلاشقا 1989 - يىلى ياۋرۇپادا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونتروللىقىدىكى دۆلەتلەرئۆز ئالدىغا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا باشلىغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قامچىسى يەتمىدى.

ئەسلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىلا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن بىرمۇنچە كىشىلەرنى ئەكىلىپ تەربىيىلەپ، ئۇلارنى ئۆز دۆلەتلىرىگە ئەۋەتىپ، ئۇلار ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھامى ھۆكۈمەتلەرنى پەيدا قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى بۇنداق ھامى ھۆكۈمەتلەرگە قارىتىلغان ھەر قانداق خەلق ئىنقىلابىنى باستۇرۇپ تۇردى. كېيىنچە، سوۋېت ئىتتىپاقى ياۋرۇپا بۇ ھامىيلارغا ئارقا تېرەك بولالمىغاندىن كېيىن، ئۇ دۆلەتلەردە خەلقنىڭ كۈچى ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىدىن قالغان ياۋرۇپادىكى كوممۇنىست ھاكىمىيەتلىرى بۇ چاغدا خەلقنىڭ قوزغىلاڭلىرىنى باستۇرۇپقا قۇربى يەتمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كونتروللىقىدىن قالغان ياۋروپا دۆلەتلىرىدە سوتسىيالىزىم تىزلا گۇمران بولدى. (ۋەلى)