ئامېرىكىدا چىقىدىغان "كۆزۈتۈش ژورنىلى"دا ئېلان قىلىنغان "سوۋېت ئىتتىپاقىدا مۇستەبىت تۈزۈم قانداق يىمىرىلگەن؟" ناملىق مۇلاھىزىدە، سوۋېت ئىتتىپاقىدا مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ گۇمران بولۇشى گورباچېفنىڭ "چەتكە قارىتا ئىقتىسادنى ئېچىۋېتىش، دۆلەت ئىچىدە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش" دېگەن سىياسەتنى يولغا قويغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارايدىغان كۆز قاراش بىلەن سوغۇق ئۇرۇشى دەۋرىدىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ گۇمران بولۇشىنى پەيدا قىلغان، دەپ قارايدىغان كۆز قاراشتىن باشقا يەنە، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ ئاساسى بولغان سوتسىيالىزىمنى مۇستەبىتلەر ئۆزلىرى خەلقنى ئالداش ئۈچۈن يولغا قويغان "يۇقىرى پاراۋانلىق" دېگەن سىياسەت گۇمرانلىققا ئېلىپ باردى، دەيدىغان كۆز قاراشمۇ بايان قىلىنغان.
ئىقتىسادىي سەۋەبلەر
"سوۋېت ئىتتىپاقىدا مۇستەبىت تۈزۈم قانداق يىمىرىلگەن؟" ناملىق مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، 80 -يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادى ناچار ئىكەنلىكى ھەممە كىشىگە ئايان. ئەينى ۋاقىتتا بىر مۇنچە مۇتەخەسسىسلەر دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشنىلا تەكىتلىگەن. شۇڭلاشقا، سوۋېت ئىتتىئىپاقىدا مىللى سانائەت ئارقىدا قالغان ئىدى. ھۆكۈمەت "مۇقىملىقنى ساقلاش" نى مەقسەت قىلىپ، خەلققە قارىتا "يۇقىرى پاراۋانلىق" سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا توغرا كەلدى. بۇ جەرياندا مۇتەخەسسىسلەر، جەمئىيەتنىڭ پاراۋانلىق چىقىملىرى ئېشىۋىرىپ، پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىنى گۇمرانلىققا ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزمەي قالدى.
مەسئۇلىيەتسىزلىك ئەۋج ئالغان
ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، برېژنېف دەۋرىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى داۋاملىق ھالدا تېررورلۇققا ۋە كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسىگە تايىنىپ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا ئامالسىز قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، كۆپلەپ پۇل خەجلەپ "مۇقىملىقنى سېتىۋىلىش" قا، يەنى خەلقنىڭ رايىنى، خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بوي سۇنۇشىنى پۇل بىلەن سېتىۋېلىشقا توغرا كەلگەن. ھۆكۈمەت ھەرخىل پاراۋانلىق سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. بازارلاردا توۋارلار مول، تۈرلىرى تولۇق، باھاسى تۆۋەن بولغان. كىشىلەر ئىشنىڭ يىنىكىنى، ئاسىنىنى تاللاشقا يۈزلەنگەن. ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىش تۈزۈملىرى بوشاپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك ئەۋج ئالغان. بۇنداق ئەھۋال 20 يىل داۋام قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى توساتتىن گۇمران بولغاندا، ئاندىن دۆلەتنىڭ نەقەدەر كۆپ قەرزگە بوغۇلغانلىقى ئاشكارىلانغان. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال ھازىر خىتايدا بولۇۋاتىدۇ.
مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن دۆلەت غەزىنىسى قۇرىغان
"سوۋېت ئىتتىپاقىدا مۇستەبىت تۈزۈم قانداق يىمىرىلگەن؟" ناملىق مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى "مۇقىملىق" نى پۇل خەجلەپ سېتىۋالغاندا، كوممۇنىست پارتىيە جەمئىيەت ئامانلىقىدىن ئەندىشە قىلمايدىغان، خەلقمۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدىن ئەندىشە قىلماي راھەتتە ياشايدىغان، كۆرۈنۈشتە پارتىيىمۇ، خەلقمۇ ھەر ئىككىلىسى رازى بولغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. گورباچېف دەۋرىگە كەلگەندە، خىراجەت قىلىدىغان زاپاسلار تۈگەپ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ، ھەتتا نەۋرە ئەمەس، بەلكى چەۋرىلەرنىڭ نىسىۋىسىنىمۇ ساقلاپ قويماي سەرپ قىلىش باشلانغان. بۇنى گورباچېف سەزگەن ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، بازار ئىگىلىكىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇتقۇزۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق يۇقىرى سەۋىيىدە ساقلاپ قېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئاللىقاچان كېچىككەن ئىدى. بىر دۆلەتنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى خەلق ئەقىللىق، ئاقكۆڭۈل ئادەملەر ئىچىدىن تاللاپ سايلاپ چىقىلغان ئەربابقا تۇتقۇزۇلماي، بەلكى قايسى بىر مۇستەبىت بەلگىلەپ قويغان، ھەتتا يېزىپ بەرگەن تېكىستنىمۇ توغرا ئوقۇيالمايدىغان كىشىنىڭ قولىغا قالغاندا، ئۇنداق كىشىنىڭ دۆلەت ئۈچۈن يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەيدىغان سىياسەت يولغا قويالىشى مۇمكىن ئەمەس. ھازىر خىتايدىمۇ، خەلق بۇنداق ئەھۋالنى ھېس قىلغاچقا، ئۆزىنىڭ يېتەكچىلىرىنى ئېقىللىق، ئاقكۆڭۈل ئادەملەر ئىچىدىن تاللاپ سايلاپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
"سوۋېت ئىتتىپاقىدا مۇستەبىت تۈزۈم قانداق يىمىرىلگەن؟" ناملىق مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى "مۇقىملىق" نى پۇل خەجلەپ سېتىۋالىدىغان سىياسەتنى يولغا قويۇش نەتىجىسىدە، ئالدىنقى ئەۋلادنىڭ قەرزىنى كېيىنكى ئەۋلاد تۆلەشكە، ئالدىنىقى ئەۋلاد يىگەن گۈرۈچنىڭ شاكىلىنى كېيىنكى ئەۋلاد يېيىشكە مەجبۇر بولۇدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى مىلتىق بىلەن ئۆزىگە ھامى قىلىۋالغان ياۋروپا دۆلەتلىرى بۇنى سەزگەن ھامان، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قالغان جەندە - كۇلانى چۆرىۋېتىپ، جەمئىيىتىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان يېڭى مودىللارنى ئۆزلىرى تاللىۋېلىشقا باشلغان. (داۋامى بار) (ۋەلى)