ئامېرىكىدا چىقىدىغان "كۆزىتىش ژورنىلى"دا ئېلان قىلىنغان "سوۋېت ئىتتىپاقىدا مۇستەبىت تۈزۈم قانداق يىمىرىلگەن؟" ناملىق مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى توساتتىن گۇمران بولغاندىن كېيىن، بۇرۇن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھامىي بولۇپ قالغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بەزىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوتسىيالىزىمدىن ئىبارەت بۇنداق "كونا كېيىم-ئەسكى ئاياق" نى دەرھال چۆرۈۋەتكەن. يەنە بەزىلىرى كونا تۈزۈمنىڭ "پاراۋانلىق" سىياسىتىدىن كۆڭلىنى ئۈزەلمەي ياكى يېڭىچە "بازار ئىگىلىكى" تۈزۈمىگە ئۈمىد باغلىيالماي تۇرۇپ قالغان. ئەمما سوتسىيالىزىم ياۋروپا دۆلەتلىرىگە "مىلتىقنىڭ نەيزىسى" بىلەن كىرگۈزۈلگەن بولغاچقا، ياۋروپادا سوتسىيالىزىمدىن ئىبارەت " كونا كېيىم-ئەسكى ئاياق" نى ئاسانلا چۆرۈۋېتىدىغان دۆلەتلەر كۆپ ساننى ئىگىلىگەن. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز دائىرىسىدە بولسا، نۇرغۇن كىشىلەر سوتسىيالىزمنىڭ پاراۋانلىق سىياسىتىنى سېغىنغان، ئۇنى يولغا قويغان "ئاتا - بوۋىلار" لارغا تەنقىدىي نەزەردە تىل تەككۈزۈشنى راۋا كۆزرمىگەن.
گورباچېف ئەپەندى ئالدى بىلەن سىياسىي ئىسلاھاتنى باشلىغان ئىدى. ئەمما ئەينى ۋاقىتتا گورباچېفنىڭ قولىدا ئىقتىسادىي مەنبەئە قالمىغاچقا، ئىسلاھات جەريانىدا جەمئىيەتكە "مۇقىملىق" ۋە كىشىلەرگە "راھەت-پاراغەت" سېتىۋېلىشقا ئامال بولمىغان. بەلكى كىشىلەرنى ئىسلاھاتنىڭ جاپا - مۇشەققىتى كۈتۈپ تۇرغان. گورباچېفقا ئىشەنمەيدىغان كىشىلەر پەيدا بولغان. بۇ چاغدا خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات يولغا قويۇلماي ، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋەرگەن ئەھۋال ئاستىدا، بازار ئىگىلىكى تۈزۈمى يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان.
"مەسئۇلىيەتىسزلىكنى سۈرۈشتۈرۈش" ھەرىكىتى
"سوۋېت ئىتتىپاقىدا مۇستەبىت تۈزۈم قانداق يىمىرىلگەن؟" ناملىق مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىسلاھات جەريانىدا ئارقىغا چېكىنىشكە ئۇرۇنۇپ كۆرىدىغان ۋەقەمۇ كېلىپ چىققان. گورباچېفتىن بۇرۇنقى ئاندىرىپوف ئەپەندى جەمئىيەتنى قاتتىق باشقۇرىدىغان تۈزۈمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ، "مەسئۇلىيەتىسزلىكنى سۈرۈشتۈرۈش" دېگەن ھەرىكەتنى باشلىغان.
ك گ ب نىڭ خادىملىرى كوچىلاردا، دۇكانلاردا كىشىلەرنى توسۇپ، كىملىك كىنىشكىلىرىنى تەكشۈرۈش، ئەگەر قايسى بىركىمنىڭ خىزمەت ۋاقتىدا بازارغا چىققانلىقى ئېنىقلانسا، ئۇنداق خىزمەتچىنى ئىدارە باشلىقى ئۆزى كېلىپ ك گ ب نىڭ قولىدىن ئېلىپ كېتىش دېگەندەك مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش شەكىللىرى يولغا قويۇلغان. كىشىلەرنى مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ بوي سۇندۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان بۇنداق ۋاستىنىڭ ئۈنۈمى بولمىغان. كېيىن گورباچېفمۇ "ھاراق چەكلەش" دېگەن ھەرىكەتنى قوزغاپ، كىشىلەرنى تولا ھاراق ئىچىپ مەس بولىۋالىدىغان ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ بوي سۇندۇرۇشنى ئويلىغان. ئۇنىڭمۇ ئۈنۈمى بولمىغاندىن كېيىن، گورباچېف ئاخىر "باھا ئىسلاھاتى"نى كېچىكتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. چۈنكى باھا ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلسا، گورباچېفنىڭ قولىدا ئۆرلىگەن باھاغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئىش ھەققىگە پۇل قوشۇپ بېرىدىغان مەبلەغ يوق ئىدى. دېمەك، ئېغىر سانائەت ۋە ھەربىي سانائەت ئاساس قىلىنغان ئىقتىسادىي قۇرۇلما شارائىتىدىكى دۆلەتتە يۇقىرى پاراۋانلىقنى يولغا قويۇشنىڭ نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي كرىزىسنى گورباچېفنىڭ ھەل قىلىشى تەسكە چۈشكەن.
سوۋېت ئىتتىپاقى ئەينى ۋاقىتتىلا كەينىگە قايتالمايدىغان، ئالدىغا ماڭسا، قانچە تىز ماڭسا شۇنچە تىز گۇمران بولىدىغان تۇيۇق يولغا ئاللىقاچان كىرىپ قالغان ئىدى. ئەمما خىتايدا باھا ئىسلاھاتى باشقا ئەھۋالغا دۇچ كەلمەيلا داۋاملىشىۋەرگەندە، موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن گورباچېفتىن، مۇنتىئىزم مائارىپ تەربىيىسى كۆرمىگەن دېڭ شاۋپىڭ ئەقىللىقراق كۆرۈندى. ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ تەجرىبىسى زادى نېمە ئىكەنلىكىنى ھازىرغىچە ئېنىق چۈشەنمەيدۇ.
خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوخشاشلىق
"سوۋېت ئىتتىپاقىدا مۇستەبىت تۈزۈم قانداق يىمىرىلگەن؟" ناملىق مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا 3 خىل ئوخشىماسلىق بار ئىدى. بىرىنچىدىن، خىتايدا خەلق تا ئىسلاھات باشلانغىچە پۈتۈنلەي جاپا- مۇشەققەت ئىچىدە تۇرمۇش كۆچۈرۈپ كەلمەكتە ئىدى. دېڭ شاۋپىڭ خەلققە "پۇل چاچقان" ۋە "باي بولۇش" دېگەن ھامان، ئۇلار تامامەن رازى بولغان. ئىنكىنچىدىن، خىتايدىكى نامرات سوتسىيالىزمدا 6 ئادەمنىڭ 5 ئى راھەت كۆرمىگەن. خىتايدا "نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش" دېگەن شۇئارنى ئالقىشلىمايدىغان ئادەم يوق ئىدى. ئۈچۈنچىدىن، ، خىتايغا مۇۋاپىق شەكىل بولسىلا، خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى خىتايلاردىن مەبلەغ كېلەتتى. مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە يەنە، خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا بىرلا نەرسە تامامەن ئوخشايدۇ، يەنى ستالىنمۇ، ماۋزېدوڭمۇ خەلقنى راھەتكە يېقىن يولاتمىغان. سوۋېت ئىتتىپاقىدا يوقىرىي پاراۋانلىق سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇنداق پاراۋانلىق كېمىسىگە چىقىپ بولغان خەلقنى بۇ كېمىدىن چۈشۈرۈش مۇمكىن بولمىغان. سوۋېت ئىتتىپاقىدا مۇقىملىقنى پۇلغا سېتىۋالغان بولسا، مۇستەبىت تۈزۈم داۋام قىلىۋەرگەن خىتايدا، كەڭ كۆلەملىك ئىشتىن بوشىتىش، ئېقىملارغا ئايرىش، كارخانىلارنىڭ گۇمران بولۇشىغا رۇخسەت قىلىش دېگەن شەكىللەر يولغا قويۇلدى. (ۋەلى)