سوۋېت ئىتتىپاقىدا مۇستەبىتلىك تۈزۈم قانداق يىمىرىلگەن؟ (4)

ئامېرىكىدا چىقىدىغان "كۆزىتىش ژورنىلى" دا ئېلان قىلىنغان "سوۋېت ئىتتىپاقىدا مۇستەبىت تۈزۈم قانداق يىمىرىلگەن؟" ناملىق مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، گەرچە سوۋېت ئىتتىپاقىدا گورباچېف ئەپەندى ئېلىپ بارغان ئىقتىسادىي ئىسلاھات مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئېلىپ بارغان سىياسىي ئىسلاھات مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. سىياسىي ئىسلاھات ئارقىلىق، ھۆكۈمەتنىڭ ئوخشىمىغان سىياسىي كۆز قاراشتىكى كىشىلەرنى باستۇرۇشى چەكلەنگەن. خەلقنىڭ ھەرخىل تەشكىلاتلارنى، ھەتتا سىياسىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇشىغىمۇ رۇخسەت قىلىنغان. دېموكراتىك سايلام يولغا قويۇلغان. گورباچېف زىيالىلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. ئەمما ئۇ ئەمەلدار بيۇروكراتلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. گورباچېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ سىياسىي ئىسلاھاتنى داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا، بەزى باسقۇچلارنى، مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ 70٪ئى قارشى تۇرۇپ، ئۆزى ئاز سانلىق بولۇپ قالغاندا، ئۆزىنىڭ باش سېكرىتارلىق سالاھىيىتىنى ئىشقا سېلىپ داۋاملاشتۇرغان.

غەرب تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، گورباچېف سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بارغان سىياسىي ئىسلاھاتنى ھېچقانداق تەشكىلات ياكى سىياسىي كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزمىگەن ھالدا، قوللايدىغان ئادەم كۆرۈنمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزى بىر خىل تولۇق ئىشەنچ بىلەن، يالغۇز چىڭ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرغان. پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنى كونترول قىلالىغان، ھەتتا ھەرخىل يىغىنلاردا سىياسىي ئىسلاھاتنى ئېلىپ بېرىشقا ئوچۇق قارشى تۇرغان كۆپ سانلىق پارتىيە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى نېمە ئۈچۈن گورباچېفنىڭ سىياسىي ئىسلاھاتىنى توسۇپ قالالمىدى؟ دېگەن سوئال چىققاندا، رۇسىيە تەتقىقاتچىلىرى، ئەينى ۋاقىتتا پارتىيە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە زىيالىيلاردىن ئوچۇق بايانات ئېلان قىلىپ گورباچېفنى قەتئىي قوللىغان ئادەملەرنى كۆرگىلى بولمىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھەممىسى يۇشۇرۇن ھالدا دېموكراتىك تۈزۈمنى قارشى ئېلىشقا تەييار تۇراتتى، دەپ چۈشەندۈرگەن.

"سوۋېت ئىتتىپاقىدا مۇستەبىت تۈزۈم قانداق يىمىرىلگەن؟" ناملىق مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۆزگىرىش بولۇۋاتقاندا، كىشىلەر "چۆكۈۋاتقان كېمە" بىلەن بىللە يوقالماي، بەلكى ئۇنى دەرھال تاشلاپ "جان قۇتقۇزۇش" كېمىسىگە چىقىۋېلىشقا تەييار تۇرغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئەڭ ئاخىرىغىچە باتۇرلۇق بىلەن قوغداش نىيىتىدە بولۇۋاتقان ئادەم يوق دېيەرلىك ئىدى. ھەتتا پارتىيە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىمۇ شۇنداق ئەھۋالدا تۇرغان. ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدە تۇرغانلار دېيىلگەنلىرىمۇ "شامالغا قاراپ لەگلەك ئۇچۇرۇشقا تەييار تۇرغان" ئىدى. ئىسلاھات جەريانىدا يەنە باشقا بىرەر يېڭىلىق چىقسا، ئۇلار ئۇنىڭغا مايىل بولۇشقىمۇ تەييار ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ، كېمە ئالماشتۇرۇشقا تەييار تۇرغان كىشىلەر 1990 - يىلى توساتتىنلا گورباچېفتىن يۈز ئۆرۈپ، يېلتسىن ئەپەندىنى قوللىغان. رۇسىيىلىكلەر ئالدى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا باج تاپشۇرماي، رۇسىيىگە باج تاپشۇرۇشقا باشلىغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسلار سوۋېت ئىتتىپاقىغا باج تاپشۇرۇشنى رەت قىلغان بۇنداق ھەرىكەت، ئەينى ۋاقىتتا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تىز گۇمران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولغان.

"سوۋېت ئىتتىپاقىدا مۇستەبىت تۈزۈم قانداق يىمىرىلگەن؟" ناملىق مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، 60 - يىللاردا، چېختا ئاددىي دۇكانلارغىمۇ "پۈتۈن دۇنيا پۇرولېتارلىرى بىرلىشەيلى" دېگەن ۋېۋىسكا ئېسىلاتتى.- چېخ يازغۇچىسى خاۋىر شۇنداق دەپ تەسۋىرلىگەن: - دۇكان ئىگىلىرى ئۇنى ئۆزىگە مالامەت تېپىۋالماي، بەلكى ئۇلار ھۆكۈمەتنى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ قائىدىلىرىگە بوي سۇنىدىغان كىشى دېگەن ئويغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاسىدۇ. كوممۇنىست پارتىيە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە، ئوچۇق سورۇنلاردا، بولۇپمۇ سىياسىي تۈس ئالغان مەسىلىلەردە يالغان گەپ قىلمايدىغان ئادەم تېپىلمايدۇ. ئادەمنىڭ تەبىئىتى ساختىلىقنى ياخشى كۆرمىسىمۇ، ئەمما كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى شارائىتىدا، كىشىلەر ھەر كۈنى، ھەر ۋاقىتتا يالغان سۆزلەشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى كۆڭلىگە جېكىلەپ ئىشقا ماڭىدۇ. ئۇلار ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، بالا - چاقىلىرى بىلەن كۆرۈشكىچە بولغان ۋاقىتنىڭ ھەممىسىدە، پۈتۈنلەي يالغان سۆز ۋە ياسالما ھەرىكەتتە بولىدۇ. -- چېخ يازغۇچىسى خاۋىر شۇنداق تەسۋىرلەيدۇ، - كوممۇنىست پارتىيە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرىغا ئىشىنىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق. كىشىلەر يالغان تەشۋىقاتلارغا پۈتۈنلەي يالغان سۆزلەش ئارقلىق مۇئامىلە قىلىدۇ. كوممۇنىست پارتىيە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان دۆلەتلەردە، خەلق يالغان سۆزلەشكە مەجبۇر بولىۋېلىپ، يالغان سۆزلەش بارا - بارا ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن. ھەتتا يېقىن كىشىلەر بىر- بىرى بىلەن ئۇچراشقاندىمۇ، ھۆكۈمەتكە چېقىپ قويمىسۇن دەپ، ئەتراپتىكىلەرگە ئاڭلىتىپ تۇرۇپ، پارتىيىنى ۋە ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرنى قىلىۋالىدۇ. كوممۇنىست پارتىيە بولسا، خەلق رەسمىي سورۇنلاردا مۇشۇنداق يالغان ئېيتىدىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قارارنى ماقۇللاپ، ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەپ تۇرىدۇ. خىتايدىمۇ ئەھۋال دەل چېخ يازغۇچىسى تەسۋىرلىگەنگە ئوخشايدۇ. بەلكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى باشقا ھەر قانداق كوممۇنىست پارتىيىلەرگە قارىغاندا يالغانچىلىق قىلىش ۋە يالغانچىلىق قىلغۇزۇشتا تېخىمۇ ئۇستا، خەلققە رەھىمسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ ۋەھشى. خىتايدا كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ گېپىگە ئىشىنىدىغان بىرمۇ نورمال ئادەم يوق. كىشىلەرنىڭ سۆز- ھەرىكەت ۋە ئىپادىلىرى چېخ يازغۇچىسى تەسۋىلىگەندىنمۇ بەك غەلىتە. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىمۇ دەل كىشىلەرنى رەسمىي سورۇنلاردا يالغانچىلىق قىلغۇزۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەپ تۇرىدۇ. (ۋەلى)