سىبىرىيىدىكى مۇنازىرىلەر: ئۇيغۇرلار مۇستەقىل دۆلەت قۇرالامدۇ؟ (2)


2005-04-21
Share
atliq.jpg
شەرقىي تۈركىستان ئارمىيىسى ئاتلىق قىسمىدىن كۆرۈنۈش.

رۇس مۇتەخەسسىسى ۋلادىمىر كۇزمېنكىننىڭ رۇسىيىنىڭ نوۋوسىبىرسك شەھىرىدە چىقىدىغان "نوۋوسىبىرسك كەچلىك گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان " ئېتىشىۋاتقانلارنىڭ ئالدىنقى سېپىدە " ناملىق ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە رايونىدىكى تومسكىي رايونلار ئارا ئىنىستىتۇتى بىلەن ئالتاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىرلىشىپ ئاچقان مۇھاكىمە يىغىنىدا، رۇس ئالىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي مەسىلىلىرىدىن باشقا يەنە بۈگۈنكى زامان مەسىلىلىرى ھەققىدىمۇ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خۇددى ئەشۇ تارىختىكىگە ئوخشاشلا ئۆز مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرالىشى-قۇرالماسلىقى ھەققىدە ئەركىن مۇلاھىزىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.

رۇس مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ نەزىرىدىكى بېيجىڭ سىياسىتى

ۋلادىمىر كۇزمېنكىننىڭ يېزىشىچە، ھازىرقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قارىتىلىۋاتقان خىتاي سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، بۇ رايوندىكى خەنزۇلارنىڭ نوپۇسىنى سۈنئىي ھالدا يەرلىك ئاھالىلاردىن ئاشۇرۇش ۋە ھەل قىلغۇچ ھوقۇقلارنى پەقەت خەنزۇلارغا تاپشۇرۇش ۋە باشقىلاردۇر.

ماقالىدە يەنە بېيجىڭنىڭ يەرلىك دىنىي زاتلارنى ئىدىيە جەھەتتىن كونترول قىلىش، ھەربىي سەپتىن قايتقان خىتاي ھەربىيلىرىنى يەرلىك ئورۇنلارغا جايلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللۇنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ بۇ رايونغا زور مەبلەغ سېلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق رايوننى ئۆزلەشتۈرۈش تاكتىكىسى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭنىڭ بۇنداق كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ بىر قانچە ئامىلى بار بولۇپ، بۇلار، بۇ يەردىكى يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ پۈتۈن خىتايدىكى بايلىقلارنىڭ 80 ٪نى ئىگىلىگەنلىكى، كۆمۈر زاپىسىنىڭ 37٪نى تەشكىل قىلغانلىقى ۋە بۇ جايدا يەنە 57 ئالتۇن كانى بارلىقى ئىكەن. خىتاي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىچارىلەرچە ئاقىۋىتىنى كۆرگەندىن كېيىن، پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن شىنجاڭنى ئۆز تەركىبىدە ساقلاپ قېلىشقا تىرىشماقتا.

ئۇيغۇرلار قايتا مۇستەقىل دۆلەت قۇرالامدۇ؟

رۇس مۇتەخەسسىسى ۋلادىمىر كۇزمېنكىننىڭ بايان قىلىشىچە، كۆپلىگەن كىشىلەر ھازىر شىنجاڭنى "خىتاينىڭ چېچىنىيىسى" دەپ ئاتىشىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب، بۇ جايدا قوراللىق قارشىلىق كۈرەشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىدىدۇر. بىر يىلنىڭ ئىچىدىلا يۈزدىن ئارتۇق ۋەقە يۈز بەردى. مەسىلە، بۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىش بولۇپ، بۇ ۋەقەلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى دەپ چۈشىنىش كېرەكمۇ ياكى بۆلگۈنچىلىك دەپ قاراش كېرەكمۇ؟

ئاپتور ماقالىسىدە دۇنيا سىياسىي خەرىتىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ پەيدا بولۇش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ -يوق دېگەن مەسىلىدە توختىلىدۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنغا قاتناشقان رۇسىيە ئالىملىرى مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە مەخسۇس مۇنازىرىلەشكەن بولۇپ، بۇ ھەقتە ئىككى خىل پىكىر ئېقىمى مەيدانغا چىققان.

بەزى ئالىملار مەسىلەن، بارنائۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بارمىن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشىنىڭ ناھايىتى قىيىنغا توختايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىكى سەۋەبلەر تۈرلۈك بولۇپ، بۇنىڭغا خىتاينىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەمدە رۇسىيە يەنىلا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئۇ، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مىللىي مەسىلىلەردە بىر -بىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، بۇنداق يېڭى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىنى رۇسىيىنىڭمۇ ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ قوشنىلىرى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭمۇ قوللىمايدىغانلىقىنى، گەرچە ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئاھالىلىرى بولسىمۇ، لېكىن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ئۇرۇشۇپ قالماسلىق ئۈچۈن مۇنداق تەۋەككۈلچىلىكنى قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن".

"رۇسىيە خىتاينىڭ مىللىي مەسىلىلىرىگە جۈملىدىن شىنجاڭ مەسىلىسىگە تەگمەسلىك، خىتاي رۇسىيىنىڭ مىللىي مەسىلىلىرى جۈملىدىن چېچىنىيە مەسىلىسىگە تەگمەسلىككە پۈتۈشكەن بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بىر -بىرىنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش كېلىشىمى بار."

بارمىن قاتارلىق بىر قىسىم رۇس ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە، بۈگۈنكى رۇسىيە -خىتاي ھەمكارلىقى خۇددى تارىختىكىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان سەۋەبلەردىن بولۇپ، بۇنى خىتاي ياخشى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىققا ئالاھىدە ئېتىبار بەرمەكتە.

ۋلادىمىر كۇزمېنكىننىڭ ئوتتۇرىغا قويىشىچە مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىدا يەنە، بىر قىسىم رۇس ئالىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدە مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان بولۇپ، بارنائۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سېرگېي مايسېيېۋ بۇ پىكىرنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھەر قايسى دەۋرلەردە دائىم كرىزىسقا پاتقان بولۇپ، شۇڭا ئۇيغۇرلار بۇنداق پۇرسەتتىن پايدىلىنىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي تارىخىدا كرىزىسلىق دەۋرلەر ناھايىتى كۆپ بولغان.

پروفېسسور سېرگېي مايسېيېۋ بارمىننىڭ سۆزلىرىنى ئىنكار قىلىپ، كەلگۈسىدە يېڭى قۇرۇلىدىغان ئۇيغۇر دۆلىتىنى خىتاينىڭ 21-ئەسىردىكى مۇھىم رەقىبى بولىدىغان ئامېرىكا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قوللىشى مۇمكىن دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

رۇس ئالىملىرى يەنە كەلگۈسىدە قۇرۇلۇشى مۇمكىن بولغان ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ شەكلى ۋە خاراكتېرى ھەققىدىمۇ مۇنازىرىلەشكەن بولۇپ، بەزىلەر بۇ دۆلەتنىڭ ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىسە، يەنە بەزىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي جۇمھۇرىيىتى -ئۇيغۇرىستان بولۇشىنى پەرەز قىلغان. ئەمما ئۈچىنچى خىل كۆز قاراشتىكىلەر بولسا، پەقەت ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس بەلكى، مەزكۇر رايوندا ياشاۋاتقان تۇڭگان، قازاق، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنى بىرلەشتۈرگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى مۇمكىن دېگەن پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاينىڭ مەبلەغلىرى رايوننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ

سىبىرىيىدىكى تومسكىي رايونلار ئارا ئىنىستىتۇتى بىلەن ئالتاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن رۇس ئۇيغۇرشۇناسلىرىنىڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ يەنە بىرى ئىقتىسادىي نۇقتا بولۇپ، رۇس ئالىملىرى خىتاينىڭ بۇ رايونغا مەيلى قانچىلىك مەبلەغ سېلىپ، ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا، شۇ ئارقىلىق رايوننى ئۆزگەرتىش ۋە ئۆزلەشتۇرۇشكە تىرىشىشىدىن قەتئىي نەزەر، بەرىبىر ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكەتلىرىنى توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن.

پروفېسسور سېرگېي ماسېيېۋ بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەپ توختالغان: " خىتاي رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا زور دەرىجىدە مەبلەغ سالسىمۇ، لېكىن بۇ بەرىبىر سىياسىي ۋەزىيەتكە تەسىر كۆرسۈتەلمەيدۇ. چۈنكى، 1759-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە شىنجاڭ زېمىنىدە خىتاي ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۆت يۈز قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەنلىكى بۇنىڭ پاكىتىدۇر" (ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت