خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان ھەر قانداق مىللەتنىڭ مۇستەقىل بولۇش ھوقۇقى بار
2007.01.09
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ تىبەت بۆلۈمى يېقىندا 2006 - يىل 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، كاڭبالىق تىبەتلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ئاچقان خەلقئارالىق يىغىنىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. ئاسىيا دېموكراتىك ئىتتىپاقى دېگەن تەشكىلاتنىڭ رەئىسى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سىياسىي كۆز قارىشى ئوخشىمايدىغان ئەرباب ۋېي جىنشېڭ ئەپەندىنىڭ بۇ يىغىندا قىلغان سۆزى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ دىققىتى قوزغىدى. تىبەتلىك دوستلارنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، تىبەتلەر ئۆزاڭ، ئامدو ۋە كاڭبا دەپ ئاتىلىدىغان 3 خىل شىۋىدە سۆزلىشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى تىبەتنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىدىكى 'تۆت دەريا ، ئالتە تاغ ئارىسىدا ياشايدىغان كاڭبالار' دەپ ئاتىلىدىغان تىبەتلەر خىتايلار بىلەن كۆپ ئارىلىشىپ، كۆپ ساۋاققا ئىگە بولغان، مىللىي ھېسسىياتى كۈچلۈك كىشىلەر، دەپ قارىلىدىكەن. شۇڭلاشقا خىتاي ھۆكۈمىتى كاڭبالارنى 'مۇستەقىلچىلەر' دەپ قارايدۇ، شۇنداقلا چەتئەللىكلەرنىڭ كاڭبالار رايونىغا بېرىپ زىيارەت قىلىشىنى قاتتىق چەكلەپ كېلىۋاتىدۇ.
تىبەت ھۆكۈمىتى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ۋە جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ باققان ئەمەس
دوۋېي ئاگېنتلىقىنىڭ كاڭبالىق تىبەتلەرنىڭ خەلقئارالىق يىغىنى ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 80 - يىللاردا تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى دېموكراتىيە تېمىغا شىر يازغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانغان، ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ۋېي جىنشېڭ ئەپەندىنىڭ كاڭبالىق تىبەتلەرنىڭ خەلقئارالىق يىغىنىدا قىلغان سۆزى: تىبەت ھۆكۈمىتى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ۋە جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ باققان ئەمەس؛ خىتايغا مۇستەملىكە بولۇپ قالغان ھەر قانداق مىللەتنىڭ مۇستەقىل بولۇش ھوقۇقى بار، بۇ ئۇلارنىڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقى؛ دالاي لامانىڭ 'ئوتتۇرىچە يول نەزەرىيىسى' بىلەن مۇستەقىللىق ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق توقۇنۇش يوق؛ ھازىر خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ زولۇمىغا چىدىماي مۇستەقىللىق يولىغا مېڭىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى گۇمران بولغاندىن كېيىن ئۆزلىرى تاللايدىغان يولى تېخىمۇ كۆپ؛ خىتاي خەلقىنىڭ ئىچىدىمۇ تىبەتلەرنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى قوللايغان، ئۆزىمۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ زۇلۇمىدىن ئۆزىنى ئازاد قىلىشنى خالايدىغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، دېگەن بەش نۇقتىدىن ئىبارەت.
خىتاي خەلقنىڭ ئىچىدىمۇ كوممۇنىست پارتىيىنىڭ زۇلۇمىدىن ئۆزىنى ئازاد قىلىشنى خالايدىغان كىشىلەر بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ
ۋېي جىنشېڭ ئەپەندى كاڭبالىق تىبەتلەرنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ئېچىلغان خەلقئارالىق يىغىنىدا يەنە مۇنداق دېگەن:
ۋېي جىنشېڭ ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي خەلقىنىڭ ئىچىدە تىبەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ئىزىلىۋاتقانلىقىنى، مىللىي غۇرۇرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
تىبەتلەر قارشىلىق ۋە بېسىمنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاندىلا، ئاندىن خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلىكلەرنى كۆزگە ئېلىپ سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىدۇ
ۋېي جىنشېڭ ئەپەندى كاڭبالىق تىبەتلەرنىڭ خەلقئارالىق يىغىندا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن تىبەتلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشىكە قوشۇلغانلىقى ۋە يەنە نېمە ئۈچۈن تىبەت -خىتاي سۆھبىتى توساتتىن توختاپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالغاندا، تىبەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتكەن ئىدى، ئۇلار تىبەتلىكلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى. تىبەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'ئالدى بىلەن ھەر قانداق قارشىلىق ھەرىكەتلەرنى توختىتىش لازىم' دېگەن ئالدىنقى شەرتىگە قوشۇلۇپ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى توختاتقان ھامان، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشنى دەرھال توختاتتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تىبەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان قارشىلىق ۋە بېسىمنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاندىلا، ئاندىن ئۇ تىبەتلىكلەرنى كۆزگە ئېلىپ سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىدۇ، دېگەن.
خۇ جىنتاۋ ھۆكۈمىتىدىن ياخشىلىق كېلىدۇ دەپ ھەرگىز ئۈمىد كۈتمەسلىك كېرەك
ۋېي جىنشېڭ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە توختالغاندا، خۇ جىنتاۋ ھۆكۈمىتىدىن ياخشىلىق كېلىدۇ دەپ ھەرگىز ئۈمىد كۈتمەسلىك كېرەكلىكىنى، ئۇلاردىن مەرھەمەت كۈتۈپ ھەرگىز خۇشامەت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە يۇقىرى بېسىمنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىقلا ئاندىن كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىش مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن. ۋېي جىنشېڭ ئەپەندىنىڭ بۇ سۆزلىرى تىبەتلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- 2007 - يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش تۇيغۇسى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەيدىغان يىل
- خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان مەدەنىيەت ساھەسىدىكى سىياسىتى مۇتەخەسىسلەرنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى
- خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار راستىنلا ئىنتايىن ئاز ساندىكى تېررورىستلارمۇ؟
- ئۆزبېكىستاننىڭ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى جەمئىيەت ۋەزىيىتى(2)
- ئۆزبېكىستاننىڭ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى جەمئىيەت ۋەزىيىتى(1)
- كۋېبېكنىڭ كانادانىڭ ئىچىدىكى دۆلەت، دېگەن سالاھىيەتكە ئېرىشىشى مۇستەقىللىق ئۈچۈن باشقان بىر قەدەممۇ؟
- "ئاز سانلىق مىللەتلەر نېمە ئۈچۈن خەنزۇلارغا قارشى تۇرىدۇ،" دېگەن ماقالىغا باھا
- ئىنتېرنېتتە ھازىر "خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتامدۇ ياكى ئۆز -ئارا بىرلىشىۋاتامدۇ؟" دېگەن تېمىدا ئەركىن مۇنازىرە باشلاندى (2)
- ئىنتېرنېتتە ھازىر "خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتامدۇ ياكى ئۆز -ئارا بىرلىشىۋاتامدۇ؟" دېگەن تېمىدا ئەركىن مۇنازىرە باشلاندى (1)
- ئامېرىكا ئالىمىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ 15 يىللىق مۇستەقىللىقى ھەققىدىكى يەكۈنلىرى