ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرالمىدى؟(1)

0:00 / 0:00

سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلار بىلەن ئېتنىك تۇغقانچىلىققا ئىگە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەر ئۆز مۇستەقىل دۆلەتلىرىنى قۇردى.

قازاقلار، قىرغىزلار، ئۆزبېكلەر، تۈركمەنلەر ۋە ئازەربەيجانلار مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ئارقىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەسمى تەڭ باراۋەر ئەزاسى بولۇپ قالدى. ئەمما سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنىدىكى يەنە باشقا تۈركىي خەلقلەردىن تاتارلار، باشقۇرتلار، قۇمۇقلار، چۇۋاشلار، خاكاسلار، تۇۋالار ھەم ئالتايلار مۇستەقىل دۆلەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىسىمۇ، بىراق يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي جۇمھۇرىيەت ھوقۇقلىرىغا ئېرىشىپ، رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ تەركىبىدە موسكۋا بىلەن فېدېرال كېلىشىمگە قول قويدى.

بۇ مىللەتلەر ئۆز جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنى، دۆلەت بايرىقى ۋە دۆلەت گىمنىنى بېكىتىش شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ پرېزىدېنتى ۋە پارلامېنتىنى سايلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىچكى سىياسىتىنى تۈزۈش ۋە بەلگىلەش ھوقۇقلىرىغا سازاۋەر بولدى. نوپۇس جەھەتتە ئۇيغۇرلاردىن نەچچە ئون ھەسسە ئاز بولغان مەزكۇر تۈركىي مىللەتلەر ھوقۇق جەھەتتە يەنىلا ئۇيغۇرلاردىن زور ئۈستۈن تۇرىدۇ خالاس.

ئۇيغۇرلار مۇستەقىل دۆلەت قۇرالامدۇ يوق؟

ئانداقتا، ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي مەدەنىيەتلىك ۋە تارىختا كۆپ قېتىم مۇستەقىل دۆلەتلەرنى قۇرغان بىر كۆپ نوپۇسلۇق تۈركىي خەلق تۇرۇغلۇق نېمە ئۈچۈن ئۆز مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرالمىدى؟ ئۇيغۇرلار مۇستەقىل دۆلەت قۇرالامدۇ يوق؟ دېگەندەك تېمىلار ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر رۇسىيە تەتقىقاتچىلىرى ئارىسىدا داۋاملاشماقتا.

ئۆتكەندە رۇسىيىنىڭ نوۋوسىبىرسك شەھىرىدە رۇس ئالىملىرى يىغىلىپ، مەخسۇس تۈردە ئۇيغۇر مەسىلىسى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدە مۇستەقىل دۆلەت قۇرالاش-قۇرالماسلىقى مەسىلىسى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارغان ئىدى. نوۋوسىبىرسك كەچلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇس ئالىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدە مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئىقتىدارىغا 19-ۋە 20-ئەسىردىلا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيە ۋە كېيىنكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۈملىدىن ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار قۇرغان دۆلەتلەرنى گۇمران قىلىۋەتكەنلىكىنى ، رۇس ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشىدىكى توسالغۇغا ئايلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان ئىدى.

يېقىندا ۋ.دېنىسوپ ئىسىملىك رۇس مۇتەخەسسىسى ماقالە يېزىپ، بۇ تېمىغا مۇراجەت قىلدى. ئۇ ماقالىسىنىنىڭ تېمىسىنى " خىتايدىكى مۇسۇلمانلار نېمە ئۈچۈن ئۆز مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرالمىدى؟" دەپ ئاتىغان.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ باش قىسمىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرلىشىپ، بىر سىياسىي گەۋدىگە ئايلىنىش غايىسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، ئۇلار قۇرماقچى بولغان "بۈيۈك تۇرانغا" ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭمۇ كىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 19-ئەسىردىلا مەزكۇر ئىدىيە ئاستىدا ئىنقىلاب قىلغانلىقى، ياقۇپ بەگ كۆزلىگەن مەقسەتنىڭ ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۈيۈك تۈركىستاندىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭ رۇسىيىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن دۈشمەنلىشىپ قالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ئۇيغۇرلار مۇستەقىل دۆلەت ئىدىيىسىدىن ھېچ قاچان ۋاز كەچمىگەن

رۇس مۇتەخەسسىسى ۋ. دېنىسوپ ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئىدىيىسىدىن ھېچ قاچان يالتايمىغانلىقى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋارقان ئېغىر مەسىلىگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ ماقالىسىدە "بېيجىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق ئورناتقان بىلەن بىراق ئۆزلىرىگە ئېغىر باش ئاغرىقى تېپىۋالدى. شىنجاڭ بىلەن تىبەت خىتاينىڭ ئەڭ مۇقىمسىز رايونلىرىغا ئايلاندى. شىنجاڭدا ياشاۋاتقان خەلقلەر ھەر خىل لوزۇنكىلار ۋە بايراقلار ئاستىدا ئۆزلىرىنى خىتاي ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد قىلىشقا ئىنتىلدى.

19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا شىنجاڭ تېررىتورىيىسىدە كۆتۈرۈلگەن كۈچلۈك قوزغىلاڭلار نەتىجىسىدە بىر قانچە مۇستەقىل دۆلەتلەر قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكىلىرىنىڭ بىرى ياقۇپ باشچىلىقىدىكى ئۇلۇغ تۇران قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان قوزغىلاڭدۇر."

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، 19-ئەسىر ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەشلىرى قاينىغان ئەسىر

رۇس ئاپتورىنىڭ نەزىرىدە 19-ئەسىر ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش يولىدا قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ چوڭ پۇرسىتى بولۇپ، بۇنىڭدا ياقۇپ بەگ مۇھىم رول ئوينىدى. ياقۇپ رەھبەرلىكىدىكى مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دۆلىتىنى مەڭگۈلۈك بەرپا قىلىش يولىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە غەلىبىلىك ئۇرۇنۇش بولسىمۇ، ئەپسۇسكى، بۇ ھۆكۈمەت چوڭ دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئويۇنلىرى ئارقىسىدا مەۋجۇت بولماي قالدى. مەزكۇر رۇس ئاپتورى ۋ. دېنىسوپ ئەپەندى ماقالىسىنى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ 19-ئەسىرىدىكى مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى ۋە ياقۇپ بەگنىڭ ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ۋەيران بولۇشى مەسىلىسىگە بېغىشلايدۇ. (ئۈمىدۋار)