
ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئۆز مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرالمىدى دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىزدەنگەن رۇسىيە مۇتەخەسسىسى ۋىكتور دېنىسوپ ئۆزىنىڭ " رۇسىيە خەۋەرلىرى گېزىتىدە" ئېلان قىلغان " خىتايدىكى مۇسۇلمانلار نېمە ئۈچۈن ئۆز مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرالمىدى؟" دەپ ئاتالغان ماقالىسىدە پىكىرلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 19-ئەسىردىكى ياقۇپ بەگ رەھبەرلىكىدىكى يەتتە شەھەر دۆلىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا كەلگەن مەزكۇر تارىخىي پۇرسەتنىڭ رۇسىيىنىڭ مەنپەئەتلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن قۇربان قىلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
رۇس مۇتەخەسسىسى ۋىكتور دېنىسوپنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولالماي قېلىشىدىكى ئاساسىي ئامىل يەنىلا شۇ سابىق چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى بولۇپ، ئاپتور ئۆز كۆز قاشلىرىنى تارىخىي پاكىتلار ۋە مەنتىقىلىق تەپەككۈرگە تايىنى تەپسىلى بايان قىلىدۇ.
رۇس ئاپتورىنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خاتالىقلىرى
رۇس مۇتەخەسسىسى ۋىكتور دېنىسوپ ئەپەندى 1864-يىلى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ،ئىلى، كۇچار، قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلىرىدا كۆتۈرۈلگەن كەڭ كۆلەملىك قوراللىق قوزغىلاڭلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر، تۇڭگان قاتارلىق مۇسۇلمان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ قەھرىمانلارچە كۈرەشلىرى نەتىجىسىدە مەنچىڭ قوشۇنلىرىنىڭ تېزدىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە دېگۈدەك مەنچىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقىنى چۈشەندۇرىدۇ . ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ئەنە شۇ قوزغىلاڭلار نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاندا غۇلجىنى مەركەز قىلغان ئەلاخان سۇلتان باشچىلىقىدىكى ئىلى تارانچى سۇلتانلىقى، داۋۇت خەلىپە رەھبەرلىكىدىكى ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان تۇڭگان ھۆكۈمىتى، ياقۇپ بەگ رەھبەرلىكىدىكى قەشقەرنى مەركەز قىلغان "يەتتە شەھەر دۆلىتى" قاتارلىق ئۈچ مۇستەقىل فېئوداللىق ھاكىمىيەت بارلىققا كەلدى. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۇ ئۈچ ھاكىمىيەت مەۋجۇت بولغان كۈنىدىن ئېتىبارەن رايوننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى تالىشىدىغان دەھشەتلىك ۋە قانلىق كۈرەشكە كىرىپ قالدى. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىچكى نىزالار ئۇلارنىڭ ئۆز مۇستەقىل دۆلىتىنى يوقىتىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.
ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى سانكىتپېتېربۇرگ ئۆزىگە نىسبەتەن يېڭى تەھدىد دەپ ھېسابلىدى
ۋىكتور دېنىسوپ ئەپەندى رۇسىيىنىڭ يېڭىدىن ئىشغال قىلغان زېمىنلىرىگە يېقىن بولغان شەرقىي تۈركىستاندا كۆتۈرۈلگەن مەزكۇر قوزغىلاڭلار ۋە مەيدانغا كەلگەن مۇستەقىل ھۆكۈمەتلەرگە نىسبەتەن رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خاتىرجەمسىزلىنىپ، دەسلەپتە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېھتىياتچان ۋە كۆزىتىش مۇئامىلىسىدە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا قوزغىلاڭلار كۆتۈرۈلگەن ۋاقىت رۇسىيىنىڭ يېڭىدىن ئىشغال قىلغان قازاقىستان ۋە پەرغانە ۋادىسىدا مەمۇرىي باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى ئەمدىلا تەسىس قىلىپ، ئۇ جايلاردا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇۋاتقان پەيت ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلىڭى رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى پوزىتسىيىسىگە نىسبەتەن تەھدىد ئېلىپ كەلدى ھەمدە رۇسىيىنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرىنىڭ يوقىلىش خەۋپىنى پەيدا قىلدى.
رۇس ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، بۇنى ئاز دېگەندەك ياقۇپ بەگ ئۆزىگە "ئاتالىق غازى" دېگەن ئۇنۋاننى بېرىپ، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى ئازاد قىلىشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادە قىلدى. ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن يەنە پامىر ئەتراپىدىكى قىرغىزلارنىڭ رۇسىيە تەۋەسىگە ئۆتۈش ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، ئۇلارنى رۇسىيە تەۋەسىگە ئۆتمەسلىككە دەۋەت قىلدى شۇنىڭدەك يەنە "يەتتە شەھەر دۆلىتى"نىڭ چېگرىسىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇپ، قوقەنت خانلىقىغا تەۋە بىر قىسىم جايلارنى ھەمدە رۇسىيە ئىشغال قىلغان يەتتە سۇ ئوبلاستىنىڭ چېگرا جايلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشقا ئۇرۇندى. ياقۇپ بەگ بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن يەنە قازاق ۋە قىرغىز قەبىلىلىرى ئارىسىدا رۇسىيىگە قارشى تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسىمىنى ئۆزىگە قارىتىپ، رۇسىيىگە قارشى چېگرا پونكىتلىرىنى تەسىس قىلدى ھەمدە ئەسكەر تۇرغۇزدى.
رۇسىيە ئۈچۈن يەنە بىر تەھدىد ياقۇپ بەگنىڭ ئوسمانلىغا تەۋە بولۇشىدۇر
رۇس مۇتەخەسسىسى ۋىكتور دېنىسوپنىڭ كۆزىتىشىچە، چار رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى ئەڭ خەۋپسىزلەندۈرگەن نۇقتىلارنىڭ بىرى ياقۇپ بەگنىڭ تاشقى سىياسى ئىستراتېگىيىسى، يەنى ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا رۇسىيىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمىنى ھېسابلانغان ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۆزىنى ئوسمانلىغا تەۋە دەپ ئېلان قىلىشى ھەمدە تۈرك ھەربىي مەسلىھەتچىلىرىنى تەكلىپ قىلىشىدۇر.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەينى ۋاقىتتا قوقەنت خانلىقى شەرقتىكى مۇسۇلمانلار بىلەن غەربتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەمكارلىقىدىكى ۋاسىتىچىغا ئايلانغان بولۇپ، قوقەنت خانلىقىدىكى خوجىلار ئەۋلادلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى كۆپلەپ قەشقەرىيىگە كەلدى. ياقۇپ بەگ قوقەنت خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئۆزارا زىددىيەتلەر ۋە ئىچكى ئۇرۇشلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆز تەسىر ھەم زېمىن دائىرىسىنى ئۇنىڭ دائىرىسىگە كېڭەيتىشكە تىرىشتى. ياقۇپ بەگ قوقەنت خانلىقى ئىگىلىۋالغان ئەركەشتام، نۇرا، ئويتال ۋە ئۇلۇغچات قاتارلىق جايلارنى تارتىۋېلىپ، ئۆز تەۋەلىكىگە كىرگۈزۈپ، پەرغانە ۋادىسىغا يول ئاچتى.
ياقۇپ بەگ يەنە جەنۇب تەرەپتە سېرىق قول رايونىنى ئىگىلەپ، سېرىق قول ھۆكۈمرانىنى ئۆزىگە تەۋە قىلدى. ئۇ يەنە ئۈرۈمچىدىكى تۇڭگان ھۆكۈمرانلىقى ۋە ئىلىدىكى تارانچى سۇلتانلىقىغىمۇ كېڭىيىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن سىياسىي مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىلىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇشقا ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رۇسىيە-خىتاي سودىسىنى ئۈزىۋېتىشكە تىرىشتى.
رۇس مۇتەخەسسىسى ۋىكتور دېنىسوپ رۇسىيىنىڭ ياقۇپ بەگنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىشىنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ھەقىقىي تەھدىد ئىكەنلىكى، ئەمدى، خىتاي-مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل ھالدا كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلاڭلىرىنىنى باستۇرۇشقا ياردەم بېرىش تەلىپىنى ئويلاشماي بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئەسلىدىكى كۆزىتىش ۋە مۆتىدىل پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. (ئۈمىدۋار)