ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرالمىدى؟(3)

0:00 / 0:00
yakupbeg.jpg

ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆز مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئىزدەنگەن رۇسىيە مۇتەخەسسىسى ۋىكتور دېنىسوپ ئۆزىنىڭ " رۇسىيە خەۋەرلىرى گېزىتىدە" ئېلان قىلغان ماقالىسىدە پىكىرلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ياقۇپ بەگنىڭ شۇنچە قۇدرەت تاپقان ئۇيغۇر دۆلىتىنى ساقلاپ قالالمىغانلىقىنىڭ بىر قاتار سەۋەبلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.

رۇسىيە ياقۇپ بەگنىڭ ھەرىكىتىنى قاتتىق كۆزەت ئاستىغا ئالغان

ۋىكتور دېنىسوپنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە،1867-يىلىدىن 1870-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ياقۇپ بەگ ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كۈچىنى مۇستەھكەملىگەندىن تاشقىرى 1871-يىلى، ئۈرۈمچىدىكى تۇڭگانلارنىڭ غەرب تەرەپتىكى جايلارغا كېڭىيىپ تاكى كۇچارغىچە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۈرۈمچىگە قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئاخىرى تۇڭگانلارنى بويسۇندۇرىدۇ ھەمدە ئۆز دائىرىسىنى ماناسقىچە كېڭەيتىدۇ. بۇ ئەھۋال رۇسىيىنى تېخىمۇ خەۋپسىزلەندۈرگەن.

سانكىتپېتېربۇرگ 1872-يىلى، چار رۇسىيە ئارمىيىسى باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ ئوفىتسېرى گېنېرال د. بوگۇسلاۋسكىينى تۈركىستانغا ئەۋەتىپ شۇ جايدىكى ھەربىي ۋەزىيەت ھەققىدە ماتېرىيال توپلايدۇ. ئۇنىڭغا مانجۇ ھۆكۈمىتىگە ئىلى مەسىلىنى ھەل قىلىش ھەققىدە سۆھبەتلىشىش ۋەزىپىسىمۇ تاپشۇرۇلىدۇ. رۇسىيە مۇتەخەسسىسى ۋىكتور دېنىسوپنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، بۇ چاغدا ياقۇپ بەگنىڭ ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى تۇڭگانلار رەھبىرى رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن ياردەم سورىغان. لېكىن، رۇسىيە بۇنىڭغا جاۋاب بەرمىگەن. ئەمما ، ياقۇپ بەگ ماناسنى ئېلىش بىلەن غۇلجىدىكى تارانچى سۇلتانلىقىغا نىسبەتەن جىددىي تەھدىدلەرنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن ئىدى . مانا مۇشۇنداق، ياقۇپ بەگنىڭ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىشى تاشكەندىكى تۈركىستان گۇبېرناتورى ك.پ. كائۇفماننى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان بولۇپ، كائۇفمان خىتاي-مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيىگە قويغان ياقۇپ بەگ ۋە ئىلىدىكى تارانچى (ئۇيغۇر) سۇلتانلىقىغا بىرلىكتە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش تەلىپىنى نەزەرگە ئېلىشقا ھەمدە ئاخىرىدا ئىلىغا رۇسىيە قوشۇنلىرىنى ئەۋەتىشكە مەجبۇر بولغان.

رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقى ئىلىدا

ۋىكتور دېنىسوپنىڭ بايان قىلىشىچە، چار رۇسىيە قوشۇنلىرى 1871-يىلى،22-ئىيۇل كۈنى ئىلىنىڭ مەركىزى ھېسابلانغان غۇلجا شەھىرىگە كىردى. رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئىلىنى ئىشغال قىلىشنى دەسلەپتە پەقەت ۋاقىتلىق ھەربىي ھەرىكەت يەنى مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ جۇڭغارىيىدىكى ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىش دەپ قارىغان. رۇسىيىنىڭ ئىلىنى ئىشغال قىلىشى شەرقتىن كېلىدىغان مەنچىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ياقۇپ بەگ ۋە تۇڭگانلارنى مەغلۇب قىلىشىغا ئوڭۇشلۇق شارائىت يارىتىپ بەردى.

بۇ چاغدا رۇسىيىنىڭ ئاساسىي نىشانى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوقەنت خانلىقىنى يوقىتىشقا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئەنگىلىيە بىلەن رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. تۈركىستان گۇبېرناتورى كائۇفمان قوقەنتنى يوقىتىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى سۈپىتىدە ئالدى بىلەن ئۇنى رۇسىيىگە تەۋە دۆلەت قىلىش ئارقىلىق قوقەنت خانى خۇدايارخان بىلەن 1868-يىلى 13-فېۋرالدا كېلىشىم تۈزدى. رۇسىيىنىڭ ئىلگىرى ئاخىرى قوقەنت ۋە ئىلى سۇلتانلىقىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىشى يەتتە شەھەر دۆلىتىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى، نەتىجىدە بۇ چاغدا ياقۇپ بەگنىڭ يەتتە شەھەر دۆلىتى بىلەن چار رۇسىيە ئارىسىدا بىۋاستە قارشىلىشىش ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيادا مەنپەئەت تالىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى.

تۇڭگانلار ۋە رۇسىيە

تارىخىي مەلۇماتلاردا ئىلگىرى كۆرسىتىلمىگەن بىر نۇقتا رۇسىيە تارىخچىسى ۋىكتور دېنىسوپ تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ يېزىشىچە، 1872-يىلى باھاردا ئۈرۈمچى ۋە ماناستىكى تۇڭگانلار ئۆز ئەلچىلىرىنى رۇسىيىنىڭ يەتتە سۇ ئوبلاستلىق مەمۇرىيىتىگە ئەۋەتىپ تۇڭگانلارنىڭ رۇسىيە تەۋەلىكىگە ئۆتۈشى ھەمدە رۇسىيىنىڭ ئۇلارنى ياقۇپ بەگدىن قوغدىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغان

تۈركىستان گۇبېرناتورى كائۇفمان بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ئەگەر ئۇلارنىڭ ئەلچىلىرى كەلسە "ئۈرۈمچىنىڭ خىتاينىڭ يېرى بولغانلىقى ئۈچۈن" تۇڭگانلارنىڭ قەشقەر ھۆكۈمرانىدىن قوغدىنىش يولىنى مەنچىڭ ھۆكۈمىتىدىن ئىزدىشى لازىملىقىنى ئېيتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئارقىدىنلا، تۇڭگان رەھبىرى ھەزرەت لاۋتەي رۇسىيىنىڭ سەمىپالاتىنكىسىي ئوبلاستى بىلەن ئالاقىلىشىپ، يۇقىرىدىكى تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

سەمىپالاتىنكىسي ھەربىي گۇبېرناتورى غەربىي سىبىرىيە گۇبېرناتورىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، قوشۇن ئەۋەتىپ ئۈرۈمچىنى ئىشغال قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن. تۇڭگانلارنىڭ رۇسىيىدىن سورىغان ياردەم تەلىپى مەنچىڭ ئىمپېرىيىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئەمەس بەلكى، ياقۇپ بەگكە قارشى تۇرۇشتىن بولغانلىقى روشەن. بىراق، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ھەربىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ياقۇپ بەگكە قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش تەكلىپلىرىنى رەت قىلغان. رۇسىيە ھەربىي ۋە تاشقى ئىشلار دائىرىلىرى ئەگەر ئۇنداق قىلغاندا ياقۇپ بەگ بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا تۈزۈلگەن سودا كېلىشىمىگە خىلاپ بولىدىغانلىقى ھەمدە بۇنىڭ يەنە رۇسىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان ھەربىي- سىياسىي پىلانىغا زىيانلىق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

ۋىكتور دېنىسوپنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۇڭگانلارنىڭ تەلىپىنى ئىجرا قىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى ياقۇپ بەگ ھۆكۈمرانلىقىغا ھەربىي ھەرىكەت قوللانماسلىقى نەتىجىسىدە ياقۇپ بەگ شەرقىي تۈركىستاندىكى بىردىن-بىر ھۆكۈمرانغا ئايلىنىپ، ئۇنىڭ دۆلىتىنىڭ مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى ۋە رۇسىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن بىۋاستە چېگرىلىنىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى.(ئۈمىدۋار)