
رۇسىيە مۇتەخەسسىسى ۋىكتور دېنىسوپ ئۆز ماقالىسىدە دەسلەپتە رۇسىيىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇڭگانلار ۋە مانجۇلار بىلەن بىرلىشىپ، ياقۇپبەگكە قارشى ئىتتىپاق تۈزمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ چاغدا ياقۇپبەگ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا زور ئابرۇي قازانغان بولۇپ، تۇڭگانلارنىڭ رەھبىرى ئۇنداق شۆھرەت تىكلىيەلمىگەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە رۇسىيە ياقۇپبەگكە قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللانسا، بۇنىڭدىن ئەنگىلىيىلىكلەر پايدىلىنىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. سودا جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۈرۈمچى ۋە ماناس قاتارلىق جايلار رۇسىيە سودىگەرلىرىنى قەشقەرىيەدەك ئۇنچىۋالا پايدىغا ئېرىشتۈرەلمەيتتى. چۈنكى ، قەشقەرىيە شەھەرلىرى رۇسىيىگە يېقىن، سېتىۋېلىش كۈچى زور بولۇپ، ئۇ رۇسىيە ئۈچۈن مۇھىم ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتالايتتى. يەنە بىر سەۋەب شۇكى رۇسىيىنىڭ ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا ئەسكەر ئەۋەتىشى كۆپ چىقىملارغا ۋە توسالغۇلۇقلارغا دۇچ كېلەتتى.
رۇسىيە ھۆكۈمىتى ياقۇپبەگنى مەنچىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ ئۆزىنىڭ يوقىتىشىنى كۈتتى
رۇسىيە مۇتەخەسسىسى ۋىكتور دېنىسوپنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى تۇڭگانلارغا ياردەم بېرىپ، ياقۇب بەگكە قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى ئۆزىگە پايدىسىز دەپ ھېسابلاش بىلەن بەلكى، بۇ دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مەۋجۇت بولالمايدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرۈۋالغان بولسا كېرەك ؟! شۇڭا رۇسىيە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا ئەسكەر ئەۋەتىش ئارقىلىق مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بۇزۇشقا تەۋەككۈلچىلىك قىلمىدى. بېيجىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇنازىرىلەردىن كېيىن ئاخىرى ياقۇپبەگكە قارشى ھەربىي يۈرۈش قىلىش قارارىغا كەلدى.
رۇس ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە ياقۇپبەگ دۆلىتى مەسىلىسىدە يېنىكلىق قىلماي، يا ئۇنى خەلقئارا سەھنىدە ئاشكارا قوللىماي ۋە ياكى ئۇنىڭغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللانماي، پەقەت ئۇنىڭ مەنچىڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىشىنى كۈتۈپ، پۇرسەتتىن پايدىلانماقچى بولدى.
رۇسىيە مەنچىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدىن كېيىن بىردىنلا سىياسىتىنى ئۆزگەرتتى
ۋىكتور دېنىسوپنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياقۇپبەگ رەھبەرلىكىدىكى قەشقەرىيە ۋە ياكى رۇسلارنىڭ ئاتىشى بويىچە يەتتە شەھەر دۆلىتىگە تۇتقان سىياسىتى ئۆزگىرىشچان بولۇپ، بۇنىڭدا رۇسىيە يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك خىتاي ئامىلى، ئەنگىلىيە ئامىلى، ئىقتىسادىي پايدا قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك مەسىلىلەرنى نەزەرگە ئالغان ئىدى. ئەمما، 1875- 1876-يىلى مەنچىڭ قوشۇنلىرى ئۈرۈمچى ۋە ماناستىكى تۇڭگان قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلغاندىن ھەمدە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئىگىلەش ئۈچۈن ھەربىي تەييارلىق قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، رۇسىيە ھۆكۈمىتى مەنچىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قايتىدىن شەرقىي تۈركىستاندا تىكلىنىشىگە نىسبەتەن تولۇق ئىشەنچىگە كەلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رۇسىيە ھۆكۈمىتى ياقۇپبەگ تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن قىرغىز يەرلىرىنىڭ تەقدىرىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلدى.
رۇسىيە ھۆكۈمىتى ياقۇپبەگنىڭ ئەنگىلىيە ۋە ئوسمانلى ھۆكۈمەتلىرىدىن كۆزلىگەن ياردەملەرگە ئېرىشەلمىگەنلىكىدەك شۇنىڭدەك مەنچىڭ ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كېلىشتەك قىيىنچىلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ، ياقۇپبەگ ئىگىلىۋالغان زېمىنلەرنى قوقەنتكە قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە ئۇنىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزۈش تاكتىكىسى قوللاندى. رۇسىيە ھېچ بولمىغاندا بۇ يول بىلەن بىر قىسىم زېمىنلارغا ئېرىشىۋېلىش ئويىغا كەلدى. 1877-يىلى ياقۇپبەگ ئاخىرى رۇسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ پەرغانە بىلەن بولغان چېگرىسىنى سۈيۈك- ئۇلۇغچات –مالتابىر ئارقىلىق ئايرىشقا، رۇسىيە ئۇلۇغچاتنى ئىگىلەشكە قوشۇلغان، ئەمما ئارىلىقتا ياقۇپبەگنىڭ ئۆلۈشى ۋە مەنچىڭ قوشۇنلىرىنىڭ يەتتە شەھەر دۆلىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى بىلەن بۇ كېلىشىم ئەمەلگە ئاشماي قالغان.
مۇستەقىل دۆلەت قۇرالماسلىقتىكى ئاساسىي سەۋەبلەرنىڭ بىرى رۇس ۋە خىتاي ھەمكارلىقى
ۋىتور دېنىسوپنىڭ يەكۈنلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدىغان نۇقتىلار شۇكى، ياقۇپبەگ رەھبەرلىكىدىكى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا مەنچىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يوقىتىلىشى رۇسىيىنىڭ تاشقى سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ياقۇپبەگ بىلەن سودا-ئىقتىساد ۋە چېگرا كېلىشىملىرى تۈزۈپ، ئۇنى پەپىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىلى سۇلتانلىقىنى يوقىتىش ئارىلىق ئۇنىڭ كۈچىنى چەكلىدى شۇنىڭدەك مەنچىڭ-خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ياردەم قىلىش تەلەپلىرىنى بىجا كەلتۈرۈپ، مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى قايتا ئىشغال قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى. قىسقىسى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىدا رۇسىيە بەلگىلىك رول ئوينىدى.
قازاقىستانلىق مەرھۇم ئۇيغۇر تارىخچىسى داۋۇت ئىسىيېۋ ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ "يەتتە شەر دۆلىتى" ناملىق كىتابىدا رۇسىيە بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ ئۇيغۇر دۆلىتىگە تۇتقان تاشقى سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنگىلىيىنىڭ بىر قانچە قېتىم بىرلىكتە يەتتە شەھەر دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، مەنچىڭ قوشۇنلىرىنىڭ تاجاۋۇزىنى توسۇش تەكلىپىنى رەت قىلىپ، زو زوڭتاڭ-ليۇ جىڭتاڭ باشلىق خىتاي جاللاتلىرىنىڭ قەشقەرىيىگە بېسىپ كىرىپ، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈشىدەك ۋەھشىلىكلىرىگە يول ئاچقانلىقىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.
ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىنىڭ چار رۇسىيىنىڭ تاشقى سىياسىتى ئىكەنلىكىنى تارىخىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلىغان مەزكۇر رۇس مۇتەخەسسىسى ۋىكتور دېنىسوپ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىسىدا خۇلاسە چىقىرىپ، ياقۇپبەگنىڭ ئۆلۈمى بىلەن غايىۋى "ئۇلۇغ تۇران" قۇرۇش ئىدىيىسى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان تەۋەككۈلچىلىكلەر ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىدىيىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىپ، يېڭى ئەۋلادلار ئارىسىدا بىخ ئۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئەمما ئاپتور ئۆزىنىڭ بۇ ئىدىيىگە قارشى ئىكەنلىكىنى يوشۇرماستىن، بۇ ئىدىيىدىكى كىشىلەر "ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ ئىدىيىنىڭ ئىستىقبالسىز ۋە ھالاكەتلىك ئىكەنلىكىنى سەزمەۋاتىدۇ ۋە سېزىشنىمۇ خالىمايدۇ" دەپ يەكۈن چىقىرىدۇ.
ئەلۋەتتە، شۇنى قىستۇرۇش مۇمكىنكى، 19-ۋە 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئازاد قىلىش، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بارلىق ھەرىكەتلىرى چار رۇسىيە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھەمدە گومىنداڭ ھەم كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن ئەنە شۇنداق "ئۇلۇغا تۇرانچىلىق"،' "پانتۈركىزم"، " پان ئىسلامىزم" دېگەندەك ناملار بىلەن قارىلانغان بولۇپ، چۈنكى بۇنىڭدىكى سەۋەبلەر شۇكى ، مەزكۇر ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھېچ قايسىسى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ بولۇشىنى خالىمىغان ئىدى. رۇس ۋە خىتاي سىياسىيونلىرىنىڭ ئىدىيىسى بويىچە ئالغاندا، رۇسلارنىڭ، خىتايلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھەتتا ئىمپېرىيە بولۇش ھوقۇقى بار، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ يوق.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ 19-20-ئەسىرلەردە ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرالماسلىقى ۋە ياكى ساقلاپ قالالماسلىقىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئەنە شۇ ئىسمى ئاتالغان دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مەيدانى ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ھەمكارلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. (ئۈمىدۋار)