ئامېرىكا ئالىمىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ 15 يىللىق مۇستەقىللىقى ھەققىدىكى يەكۈنلىرى
2006.09.18
كۆپىنچە مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقى شۇ مىللەتلەرنىڭ مىڭلىغان ھەتتا يۈز مىڭلىغان پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە كەلگەن بولسا، ئەمما، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى مۇستەقىللىقنىڭ يەنە بىر يولىنى يەنى قان تۆكمەي، تىنچلىق بىلەن قولغا كەلتۈرۈش نەمۇنىسىنى ياراتتى.
تىنچلىق بىلەن قولغا كەلگەن مۇستەقىللىقنىڭ قىممىتى
ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن قاتارلىق ئۇيغۇرلار بىلەن قوشنا ھەم ئۆز نۆۋىتىدە قانداش ۋە تىلداش ھېسابلىنىدىغان مەزكۇر تۈركىي خەلقلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىش قەدىمى بىلەن تەڭ مۇستەملىكە ئاستىدا ياشاش ھالىتىگە خاتىمە بېرىپ، رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىككى ئەسىرلىك ھۆكۈمرانلىقىدىن بىراقلا قۇتۇلۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى جاكارلىدى. مانا ئەمدى، ئۇلار مۇستەقىللىق ھاياتىدا 15 يىلنى ئۆتكۈزۈپ، 16 – يىلغا قەدەم قويدى. لېكىن، بۇ 15 يىللىق مۇستەقىللىق جەرياندا ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى يەنىلا ئوخشىمىغان دەرىجىدە كۈلپەتلەرنى تارتتى، ھەتتا ئۆز رەھبەرلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇشقا ئۇچرىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرىمۇ ئۆز ھاكىمىيەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر خىل شەكىلدىكى تاشقى ۋە ئىچكى سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشكە مەجبۇر بولدى. بۈگۈنكى كۈندە ئوتتۇرا ئاسىيا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دېموكراتىك ئولچەملىرىگە چۈشمەيلا قالماستىن بەلكى، ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرى دىكتاتۇرلار تىزىملىكىگە ئېلىندى. ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆكتىچىلىرى بولسا، 15 يىلىدىن بۇيان تەختتىن چۈشمەيۋاتقان ھەم ئۆز ھوقۇقلىرىنى ئەبەدىي ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقان رەھبەرلىرىنى خۇددىي سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ستالىن كەبى ۋەھشىيلىك ۋە مۇستەبىتلىك بىلەن ئەيىبلىمەكتە. بىراق، ئۇلار بەرىبىر ئۆز ئالدىغان تاشقى سىياسەت بەلگىلەپ، ئامېرىكا ۋە غەرب مەملىكەتلىرى بىلەن نورمال مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلمەكتە.
ئۇنداقتا ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ 15 يىللىق مۇستەقىللىقى ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلايدۇ؟
ۋاشىنگتوندىكى ياۋرو-ئاسىيا مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان گۇدزون ئىنىستىتۇتىنىڭ دىرېكتورى زېينو باران ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ 15 يىللىق مۇستەقىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئېلان قىلدى. غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەۋجۇت ۋەزىيەتكە تەسىر كۆرسەتمىدى دوكتور زېينو باران ئالدى بىلەن 15 يىللىق مۇستەقىللىق جەريانىدا ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ يەنىلا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردە زور ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى، بولۇپمۇ قازاقىستاننىڭ نېفىت زاپىسىغا ئىگە بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ئېنېرگىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىقتىسادىي تارماقتا مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرسەتتى. لېكىن ئۇ، ئۆتكۈزۈلگەن خاتالىقلارنىمۇ تەكىتلەپ، بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقلىرىنى ئەيىبلىمەيدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭمۇ بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆتكۈنچى قىيىن باسقۇچتىن ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلىرى بىلەن ياردەم بەرمىگەنلىكىنى نەزەرگە ئېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيىتىگە جۈملىدىن رايوننىڭ ئۇرۇقداشلىق تۈزۈلمىسى، دىنىي ۋە ئېتنىك قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە بولغان چۈشەنچە ۋە ھۆرمەتنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھەم ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈلمىلەرنى بەرپا قىلىشىغا ياردەملەرنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر رايوندا داۋاملىشىۋاتقان ۋەزىيەتكە تەسىر كۆرسىتەلمىدى.
ئامېرىكا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا
زېينو باران قىرغىزىستان-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۇ يەردىكى ئاتالمىش ئىنقىلابنى چۈشەنمىگەنلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن " ئۇ يەردىكى ئىنقىلاب گرۇزىيىدىكىن پەرقلىق بولۇپ، ھەقىقىي ئىنقىلاب ئەمەس، پەقەت باشقا بىر مەنپەئەتنى كۆزلىگەن گۇرۇپپىدىكى ئادەملەرنىڭ يەنە باشقا بىر مەنپەئەتنى كۆزلىگەن گۇرۇپپىدىكى ئادەملەرنىڭ ھوقۇقىنى ئىگىلىشى" ئىكەنلىكىنى، قىرغىزىستاندا ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەنلەرنىڭ ھېچ قانداق دېموكراتىك ئىسلاھاتنى يەنى ۋاشىنگتون كۆرۈشنى خالىغان ئىسلاھاتنى ئېلىپ بېرىشنى زىممىسىگە ئالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ "ئامېرىكا-قىرغىزىستان مۇناسىۋەتلىرى پۇختا ۋە ياخشى بولالمايدۇ" دەپ قارايدۇ ھەمدە ھەر ئىككىلا دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك مۇناسىۋەت يولىنى تەپىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
زېينو باراننىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ يىگانە ئىسلام مەدەنىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئوخشاش ۋاقىتتا، دىن بىلەن سىياسەت ئايرىلغان دۆلەت ھەم دېموكراتىك دۆلەت بولالايتتى، بىراق ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى ئۆزلىرىگە كېرەك بولغان ئېلېمەنتلاردىن پايدىلانماي، ئەكسىچە مۇسۇلمان ئېلېمېنتلىرىنى باستۇردى. ئۇلارنىڭ يەنە بىر نامۇۋاپىق تەرىپى ئۇلاردا رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىقنىڭ بولماسلىقى ۋە خۇسۇسىي مەنپەئەت كۆز قارىشىڭ كۈچلۈكلۈكىدۇر.
ئۇ، ئۆزبېكىستان مەسىلىسىدە توختىلىپ، ئەندىجان ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سوغۇقلۇشۇپ كەتكەنلىكى، ئۆزبېكىستان ئامېرىكا ئۈچۈن جۇغراپىيىۋى سىياسەت نۇقتىسىدىن ئالغاندا، مۇھىم دۆلەت بولسىمۇ، بىراق ھازىر ئامېرىكىدا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ كەرىموپ ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇ يەردىكى ئىنسان ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى سەۋەبىدىن قايتا ياخشىلىنىشنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، يەنە بەلكى ئامېرىكا بىلەن ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىنى قايتا ياخشىلاپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.
نزارابايېۋنىڭ ئامېرىكا سەپىرى مۇھىم ۋەقە
زېينو باران قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارىدىغان ئامېرىكا زىيارىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ ناھايىتى زور ۋەقە ئىكەنلىكىنى، ھازىر ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن قازاقىستاننى قوللاپ، قازاقىستاننى ياۋروپا بىخەتەرلىكى ھەم ھەمكارلىقى تەشكىلاتىنىڭ باشلامچىسى قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى كۆرسەتتى.
ئۇنىڭ قارىشىچە : پرېزىدېنت نازاربايېۋ ئەقىللىق رەھبەر بولۇپ، قازاقىستان ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىمەكتە، قازاقىستان خىتاي، ئىران، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرماقتا ھەمدە ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممىسى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلىماقتا. قازاقىستان باي نېفىت ھەم تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن رايوندىكى زور ئىقتىسادىي كۈچ بولسىمۇ، لېكىن ئۆزبېكىستان يەنىلا داۋاملىق رايوننىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت لىدېرى (رەھبىرى) بولۇپ قېلىۋېرىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا رەھبەرلىك (لىدېرلىك) قىلىدىغان ساھەسى مەۋجۇت بولۇپ، شۇڭا كىم ئوتتۇرا ئاسىيادا لىدېر دېگەننى تالىشىشنىڭ ھاجىتى يوق. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- نۇرسۇلتان نازاربايېف 9 - ئاي ئاق ساراينى زىيارەت قىلىدۇ
- ئامېرىكىنىڭ ياردەمچى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى قازاقىستاننى زىيارەت قىلدى
- مۇستەقىللىق ئۆزبېكىستانغا نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟
- قازاقىستان پرېزىدېنتى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلماقچى
- ئامېرىكا ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش نىيىتىنى ئىپادىلىدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تېمىسىدا ئىسپات بېرىش يىغىنى ئېچىلدى
- ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادا تۇرىدىغان ھەربىي قىسىملىرىنى قىسقارتىشى مۇمكىن
- خىتاينىڭ ئىران پرېزىدېنتىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تەكلىپ قىلىشى ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرغانلىقمۇ؟
- "شەرقىي تۈركىستان" مۇستەقىللىقى كىمنىڭ ئارزۇسى؟
- ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان سىياسىتىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن