"مۇز توچكىسى" دېگەن ھەپتىلىك گېزىت ھەققىدىكى مۇنازىرە تېخى تۈگىمىدى
2006.03.01
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا "مۇز توچكىسى" دېگەن ھەپتىلىك گېزىت 1994 - يىلىدىن باشلاپ نەشر قىلىنىپ كەلمەكتە ئىدى. بۇ گېزىتتە 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى جۇڭسەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى يۇەن ۋېيسى ئەپەندىنىڭ "زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە تارىخ دەرسلىكى كىتابلىرى" دېگەن ماقالىسى بېسىلغاندىن كېيىن، ختاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قاتتىق غەزەپلىنىپ، 1- ئاينىڭ 24 - كۈنى گېزىتنى تەرتىپكە سېلىش توغرىسىدا جىددىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بۇ گېزىتنى توختىتىۋەتكەن.
يۇەن ئەپەندىنىڭ ماقالىسىدە "خىتايدا مەكتەپلەردە قوللىنىلىدىغان تارىخ دەرسلىكى كىتابلىرىدا ئەپىيۇن ئۇرۇشى، دېگەندەك خىتاي بىلەن چەتئەللەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا بىرمۇ راس گەپ يوق. بۇنداق مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق جاۋاپكارلىقى بارلىقى ھەرگىز سۆزلەنمەي، بەلكى ئۇنىڭدا تامامەن چەتئەللەرگە بولغان ئۆچمەنلىكنى قوزغاشلا مەقسەت قىلىنىدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن. شۇنداقلا "جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى بۇرۇن بىزنى پۈتۈنلەي خاتا ئۇچۇر بېلەن تەربىيىلەپ چوڭ قىلغان ئىدى، ھازىر يەنە بىزنىڭ ئەۋلاتلىرىمىزغا شۇنداق 'بۆرى سۈتى' ئەمگۈزۈۋاتىدۇ" دەپ تەنقىد قىلىنغان ئىدى. ھۆكۈمەت بۇ گېزىتنى توختىتىۋەتكەندىن كېيىن، بۇ مەسىلە خىتايدا ۋە چەتئەللەردە جىددىي مۇنازىرە قوزغىدى. مۇنازىرە جىددىي داۋام قىلىۋاتقاندا، خىتاي دۆلەت كابىنىتىنىڭ ئۇچۇر -ئاخبارات ئىشخانىسى قارىمىقىدىكى ئىنتېرنېت تور ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى ليۇ روڭجېڭ 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى دۇنياغا بىر بايانات ئېلان قىلىپ "جۇڭگودا ھېچقانداق بىر كىشى ئىنتېرنېت تورىدا پىكىر بايان قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغىنى يوق. جۇڭگودا ئىنتېرنېت تور بەتلىرى خەلقئارالىق ئۆلچەم بويىچە ئىدارە قىلىنىۋاتىدۇ" دەپ جاكارلىغان.
ليۇ روڭجېڭدەك يالغانچىلاردىن ھەزەر ئەيلىمىگەن كىشىنى ' كېسەل ئېيىق' دەپ ئاتاش كېرەك
خىتاي دۆلەت كابىنتى ئۇچۇر -ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ قارىمىقىدىكى ئىنتېرنېت تور ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى ليۇروڭجېڭنىڭ باياناتىنى ئاڭلىغان زىيالىيلاردىن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى جيا ۋگوبياۋ ئەپەندى 2 - ئاينىڭ 16 - كۈنى بىر ئوبزور يېزىپ، ئۇنى"يېڭى ئەسىر ژۇرنىلى"دا ئېلان قىلدى.
- ليۇروڭجېڭنىڭ باياناتى دۆلەت كابىنتى ئۇچۇر -ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ يالغانچىلىق تارىخىنى ئەڭ يېڭى نۇمۇسسزلىق پەللىسىگە كۆتەردى، - دەپ باشلايدۇ جاۋ گوبياۋ ئەپەندى ئوبزورىنى، - ئەگەر خىتايدا خەلق ليۇروڭجېڭدەك شەرمەندە يالغانچىلاردىن ھەزەر ئەيلىمىسە، ئۆزىنى زىيالىي دەپ ئاتايدىغان كىشىلەر بۇنداق كىشىنى ئەيىبقا بۇيرىمىسا، پۈتۈن دۇنيا جۇڭگولۇقنى 'كېسەل ئېيىق' دەپ ئاتاشقا ھەقلىق ، - دەپ ئوبزورىنى داۋاملاشتۇرىدۇ جاۋ گوبياۋ ئەپەندى ، - ھەي ليۇروڭجېڭ، سەن كۆزۈڭنى ئېچىپ بۇ ئىسىملارنى ئوقۇغىن،خۇاڭچىغا 5 يىللىق، شى تاۋغا 10 يىللىق، چىڭ شۇيجۈن، ليۇماۋ، ۋۇيىرەن، لى يىبىن، لوچاڭفۇ، سەي لۇجۆن، دۇداۋبى قاتارلىق كىشىلەرگە 12 يىللىقتىن قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان 'جۇڭگو ھۆكۈمىتى' ئەمەسمۇ؟ "جۇڭگو خەلقئارالىق ئۆلچەم بۇيىچە ئىش قىلىۋاتىدۇ" دېگەن ئۆلچەم قايسى 'خەلقئارا'نىڭ ئۆلچىمى؟ شىمالىي كورىيىدىكى كىم يوڭئېلنىڭ خەلقئاراسىمۇ، كۇبادىكى كاستىرونىڭ خەلقئاراسىمۇ ياكى قايسى ئالۋاستىنىڭ خەلقئاراسى؟ سەنلەر قاچانغىچە خەلقى- ئالەم ئالدىدا يالغان ئېيتىۋېرىشتىن نۇمۇس قىلمايسەن؟ ئادەم قىياپىتىدە ياشاشنى خالىمامسەن؟ ليۇروڭجېڭنىڭ خوتۇنى، بالىلىرى، ئۇرۇق تۇققانلىرى، دوستلىرى، بۇرۇن مەكتەپلەردە بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرى، سىلەر بۇ نۇمۇسسىز كىشىگە خەت يېزىڭلار، تېلېفون قىلىڭلار. ھېچ بولمىغاندا بۇ كىشىنى ئادەم دەپ ئاتاشقا لايىق ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمگە قايتۇرۇپ كېلىشكە تىرىشىڭلار. خىتايدىكى ئادۋۇكاتلار، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئادۋۇكاتلار سىلەر ليۇروڭجېڭدەك بۇنداق نۇمۇسسىز يالغانچى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ بىشەم چۇماقچىسىنى سوتقا تارتىڭلار. ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋىرسىتېتىنىڭ ھۆكۈمەت مەمۇرىيىتى پاكولتېتى، سىلەر ليۇروڭجېڭغا بەرگەن ئۇنۋانىڭلارنى قايتۇرۇپ ئېلىڭلار.
-پۈتۈن غەرب ئەللىرى، سىلەرمۇ يېڭىدىن بەلگىلىمە چىقىرىپ، پۈتۈن دۇنياغا دۈشمەنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بۇنداق ئورگانلارنىڭ ۋىۋىسكىسىنى ئېلىپ تاشلاڭلار، بۇنداق ئورگانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان شەرمەندە كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى ئېتىراپ قىلماڭلار ، - دەپ ئوبزورىنى داۋاملاشتۇرىدۇ جاۋ گوبياۋ ئەپەندى ، - چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا شۈشىلىڭ ،چيۇجىن، ۋاڭ جىڭۋېي دېگەن زاتلار مەدەنىيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا قارشى تۇرغان كىشىلەرنى يۇشۇرۇن يوق قىلىش چارىسىنى قوللانغان ئىدى. تارىخ تەرەققى قىلىپ زامانىمىزغا كەلگەندە،ھازىر مەدەنىيەتلىك خەلق يۇشۇرۇن يوق قىلىش دېگەن چارىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئەمما خىتاي خەلقنىڭ، ئەگەر ليۇ روڭجېڭدەك ئىنسانىيەت ئۈچۈن كېرىكى يوق، زىيىنى بار ئەبلەخلەرنى بىرتەرەپ قىلىدىغان بىر يۈرۈش چارىسى بولمىسا، جۇڭگو خەلقى بۇنىڭدىن كېيىن دۇنيادا يىتىم قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خەلق ئىچىدە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە چۇماقچىلىق قىلىپ خەلقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغىدىغان مەلئۇنلارنى يوق قىلىشنى شەرەپ بىلىدىغان ئەخلاق تىكلەش كېرەك. دۆلەت كابىنىتىنىڭ ئۇچۇر -ئاخبارەت ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەر، سىلەرمۇ ليۇ مۇئاۋىن جۇيجاڭنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ كۆزىگە غەزەپ بىلەن 3 سكۇنت تىكىلىپ قاراڭلار، ئەگەر ئۇنىڭ شەرمەندە چىرايىدا ئىزا تارتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىسە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرى قانۇنىنىڭ 1 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن "راستچىل بولۇش" دېگەن سۆزگە بىنائەن ئۇنى جازاغا تارتىڭلار. * * * يۇقىرىقىدەك مۇنازىرىلەردىن كېيىن، ب ب س نىڭ 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا "مۇز توچكىسى" دېگەن ھەپتىلىك گېزىت يەنە قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۆلگەن. ئەمما بۇ گېزىتنىڭ باش مۇھەررىر -تەھرىرلىرىنىڭ خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىگەن. شۇ سەۋەبتىن بۇ گېزىت ھەققىدىكى مۇنازىدە تېخىچە ئاياغلاشقىنى يوق. (ۋەلى)