شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى قىرغىزىستاندا

ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تەخمىنەن مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق چېگرا لىنىيىسىگە ئىگە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى كۈچەيمەكتە. شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيە ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى روبېرت سىممونس دۈشەنبە كۈنى قىرغىزىستانغا يېتىپ كېلىپ، بېشكەك ھەربىي ۋە سىياسىي رەھبەرلىرى بىلەن مۇھىم مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇردى.

NATO ۋە قىرغىزىستان

بۇ يىل 3-ئايدىكى ئۆكتىچى-دېموكراتلار ئىنقىلابىدىن كېيىنكى قىسقىغىنا 7 ئاي ئىچىدە ئىككى قېتىم ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىي قىسىمى بىلەن ئۇزۇن چېگرا لىنىيىسىگە ئىگە مەزكۇر تاغلىق قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنى رەسمى زىيارەت قىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيە ئىشلىرى بويىچە ۋەكىلى روبېرت سىممونس ئەپەندى دۈشەنبە كۈنى بېشكەكتە قىرغىزىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى، قىرغىزىستان پارلامېنتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ھەربىي-سىياسىي ۋەزىيىتى، جۈملىدىن خەلقئارا ۋە رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

قىرغىزىستاننىڭ دۆلەتلىك " قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، روبېرت سىممونس قىرغىزىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال لېيتىنانت ئىسمائىل ئىسساقوپ بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆھبىتىدە قىرغىزىستان بىلەن NATO نىڭ " تىنچلىق ئۈچۈن ھەمكارلىق" پروگراممىسى رامكىسى ئاستىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقلىرى ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان. ئىسمائىل ئىسساقوپ NATO نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ھەمدە بېشكەك بىلەن NATO نىڭ ھەمكارلىقىنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىق، دىنىي ئەسەبىيلىك، زەھەرلىك چېكىملىك ھەم قورال-ياراق سودىسىغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىش شۇنىڭدەك چېگرىلارنى بىرلىكتە قوغداش ساھەسىدە بولۇشىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە قىرغىزىستاننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا قىرغىزىستان ھەربىي خادىملىرىنى تەربىيىلەش ۋە ھەربىي-تېخنىكا ھەمكارلىقى شۇنىڭدەك قىرغىزىستان ھەربىرلىرىنىڭ NATO ئۇيۇشتۇرغان ھەربىي مانېۋىرلار، ھەربىي ئىشلار سېمىنارلىرىغا قاتنىشىشى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

"قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا قىرغىزىستان NATO بىلەن سۆزلىشىپ، بىر قاتار ئىقتىسادىي ھۆججەتلەر ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بىريۇيېسىلدىكى باش شىتابىدا مەخسۇس تۇرىدىغان ئوفىتسېر ئەۋەتمەكچى ئىكەن.

NATO مەيدانى قىرغىزىستاننى قوللاش

فەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى يەنە قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ئەركىنبېك ئالىمبېكوپ بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، NATO بىلەن قىرغىزىستاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كېلىشكەن. روبېرت سىممونس ئەپەندى قىرغىزىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى رولى ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىزىستاننى ئەنجان ۋەقەسى بىلەن باغلىشى يەنى ئۆزبېكىستان باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەنجان ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلارنىڭ قىرغىزىستاندا تەييارلانغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلىشىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، NATO نىڭ مەيدانىنىڭ قىرغىزىستاننى قوللاش ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلغان.

13-مايدىكى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى شۇنىڭدەك شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىدىن ئەنجان ۋەقەسىنى خەلقئارالىق گۇرۇپپا تەشكىللەپ تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغان. تاشكەنت رەھبەرلىرى ئارقىدىنلا قىرغىزىستانغا قېچىپ بېرىۋالغان ئۆزبېك مۇساپىرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە بېشكەككە بېسىم ئىشلەتكەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا جەمىيەتنىڭ قوللۇشى بىلەن بۇ مۇساپىرلار رومانىيىگە ماڭدۇرۇلغان. ئارقىدىنلا ئۆزبېكىستان تەپتىش مەھكىمىسى ئەنجان ۋەقەسىنى پەيدا قىلغۇچى دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ قىرغىزىستاننىڭ ئوش قاتارلىق جايلىرىدا تەربىيىلەنگەنلىكى ،بۇنىڭدا قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قولى بارلىقىنى ئېيتىپ، نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئەمما بۇ قىرغىزىستان رەھبەرلىرى تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنىپ، نەتىجىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن ئىدى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى يەنە ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ مىنىستىرلار كابىنېتى ۋە ھەربىي خامچوتلارنى كونترول قىلىش مېخانىزمىنى قۇرۇپ چىقىشىغا ياردەم بېرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. قىرغىزىستان پارلامېنت رەئىسىمۇ جاۋابەن قىرغىزىستاننىڭ دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ كۈچىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تاشقى تەھدىدلەردىن باشقا يەنە ئىچكى جەھەتتە جەمىيەتتە كوممۇنىستىك خائىشلارنىڭ باش كۆتۈرۈشىدەك ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، " شۇنىڭ ئۈچۈن بىز شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج" دېگەن.

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى 1994-يىلىدىن رەسمى باشلانغان بولۇپ، قىرغىزىستان 1995-يىلىدىن ئېتىبارەن NATO نىڭ " تىنچلىق ئۈچۈن ھەمكارلىق" پروگراممىسىغا قېتىلىپ، NATO بىلەن ھەربىي ئالاقىلارنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى. 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، قىرغىزىستاننىڭ ئامېرىكا ۋە NATO بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ قويۇقلاشقان. بۇ يىل 3-ئايدىن كېيىن ئەسقەر ئاقايېۋ يىقىلىپ، يېڭى دېموكراتىك ھۆكۈمەت ھاكىمىيەتكە چىققاندىن كېيىن، بۇ يېڭى ھۆكۈمەت دېموكراتىيىلىشىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ھەمدە ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى جۈملىدىن NATO بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى ئېلان قىلدى. ئەمما ئۆزبېكىستان ئۆزىنىڭ غەرب سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇپ، غەربكە تاقابىل تۇرماقچى بولغان. (ئۈمىدۋار)