ھازىر خىتاي دۇنيادا نېفىت ئىمپورت قىلىش جەھەتتە ئامېرىكىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت بولۇپ قالدى، ـــــ دەپ ئوبزورىنى باشلايدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى، ــــــ ھازىر خىتايدا سەرپ قىلىنىدىغان نېفىتنىڭ 5 تىن 3 قىسمى چەتئەللەردىن ئىمپورت قىلىنىۋاتىدۇ. خىتاي بۇيىل يۈز مىليۇن توننا نېفىت ئىمپورت قىلىپ بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ھەدەپ جىددىلىشىۋاتقان نېفىت مەسىلىسىنى "غەربنى كەڭ كۈلەمدە ئېچىش" ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇپمۇ باقتى. خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى نىۇ ۋېنيۇەننىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ھازىر يارىتىلىۋاتقان ئومۇمى مەھسۇلات قىممىتى كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە كەلمەكتە. ھازىر ختايدا يارىتىلىۋاتقان ھەر بىر ئامېرىكا دوللىرىلىق قىممەت ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان بايلىق نىسبىتى ئامېرىكىدىن 4 ھەسسە يۇقىرى. گېرمانىيە ، فىرانسىيىلەردىن 7 ھەسسە يۇقىرى، ياپۇنىيەدىن 11 ھەسە يۇقىرى. خىتاي ھازىر ئۆزىلا پۈتۈن دۇنيانىڭ % 31 كۆمۈر زاپىسىنى،% 39 تۆمۈر زاپىسىنى، % 27 پۇلات زاپىسىنى، % 40 سىمۇنت زاپىسىنى سەرپ قىلىۋاتسىمۇ، ئەمما ئۇ پۈتۈن دۇنيادا يارىتىلىدىغان ئىقتىسادىي قىمممەت ئاران % 4.
لىن باۋخۇ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر خىتايدا ئېلېكتىر قۇۋىتى يىتىشمەسلىك مەسىلىسى بۇلتۇرقىدىن ئېغىر. كۆپۈنچە ئۆلكىلەردە ھازىر توك بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە قاتتىق چەكلىمە بار. ھەتتا "خىتايچە سوتسىالىزىم" نىڭ كۆرگەزمىسى بولغان بېيجىڭ، شاڭخەيلەردىمۇ ھەشەمەتلىك چىراق نۇرلىرى پات - پات كۆزدىن غايىپ بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ھازىر خىتايغا مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئۈمىتسىلەندۈرمەكتە. خىتايدا ئېلېكتىر ئىسىتانسىلىرىنىڭ كۆپۈنچىىسى نېفىتنى ئەمەس كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلاتتى. ئېلېكتىر ئىسىتانسىلىرىنىڭ بۇ يىلقى كۆمۈر زاپىسى بۇلتۇرقىدىن ئاز. ئۇنى يۆتكەپ كىلىشتىمۇ ھەرخىل قىيىنچىلىق بار. يېراقنى كۆزلىگەندە، خىتاينىڭ نېفىتكە بولغان ئېھتىياجى كۆمۈرگە بولغان ئىھتىياجىدىن يۇقىرى. چۈنكى كەلگۈسىدە خىتاينىڭ ئىقىتىسادىي قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە خەلق تۇرمۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نېفت بىلەن زىچ مۇناسىبەتلىك. ھازىر خىتاي ھۈكۈمىتى 1 مىليارت 400 مىليۇن ئادەمنى "شاۋكاڭ جەمىيىىتىگە يەتكۈزۈش" دەپ تۈزگەن چوڭ پىلان بۇيىچە بولسا، خىتاي پۈتۈن دۇنيادىكى نېفتنىڭ كۆپ سانلىقىنى سەرىپ قىلىشى كېرەك.
ھازىر خىتاينىڭ نېفتكە بولغان ئىھتىياجى ئاشقانسىرى، ئۇ تەيۋەن بوغۇزىدا پەيدا قىلغان جىددىلىكنىڭ دەرىجىسى شۇنچە يۇقۇرى ئۆرلەۋاتىدۇ. ــــ دەيدۇ لىنباۋخۇا ئەپەندى،ـــــ خىتاي ھەتتا ئامېرىكا بىلەنمۇ ئۇرۇشماقچى. ئەمما خىتاينىڭ ھازىر قولىدا بار نېفىتى ئاران 22 كۈنگە يىتىدۇ. ئامېرىكا ۋە ياپۇنىيەلەرنىڭ بولسا، قولىدابار نەخ نېفت 150 كۈنگە يىتىدۇ. ھازىر خەلقئارا بازاردا بىر باك نېفتنىڭ باھاسى 50 دوللار چىقتى. مۇشۇ ئەمىلىيەتكە ئاساسەن، خىتاينىڭ ھازىرقى دېپلوماتىيە پائالىيەتلىرى نېفتنى ئاساس قىلماقتا. قاراپ باقايلى، خىتاي ئۈز ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە ، ئالدى بىلەن كۆزىنى مول يەر ئاستى نېفىت زاپىسى بار رۇسىيە تىككەن ئىدى. شۇڭلاشقا ئالدى بىلەن رۇسىيەگە تالاش تارتىشتىكى زىمىنلەرنى بېرىۋەتتى، كەينىدىنلا رۇسىيەدىن كۆپلەپ قورال - ياراق سېتىۋېلىش يۇلى بىلەن مەنپەئەت يەتكۈزدى. ئۇنىڭدىن كېيىنلا رۇسىيەدىن نېفت سېتىۋالماقچى بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئەمما رۇسىيە خىتايدىن ئېتىيات قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ نېفت تۇرۇبىسىنى خىتايغا ئەمەس ياپۇنىيەگە ياتقۇزىدىغان كىلىشىمگە ئىمزا قويدى. ئەمدى خىتاي كۆزىنى قازاقستانغا تىكمەكتە.
خىتاينىڭ ئەتراپىدىكى جەنۇبى دېڭىز، شەرقى دېڭىز ۋە سېرىق دېڭىزلاردىمۇ مول نېفت ۋە تەبىئى گاز بايلىقى بار، ــــ دەيدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى، ــــــــ خىتاي بۇ جايلاردىكى نېفىت بايلىقى ئۈچۈن ياپۇنىيە، جەنۇبى كورىيە، ۋېتنام، پىلىپىن، مالاشىيا، ھىندىنوزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن تۇقۇنۇشماقتا. ئەمما بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممسى خىتايغا بۇزەك بولماسلىق ئۈچۈن ئامېرىكا ئىبلەن يېقىن مۇناسىبەت ئورنىتىۋالدى.(ۋەلى)