خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى نەشرىيات ۋە ئىلىم - پەن ساھاسىدە نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلانماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى نەشرىيات ۋە ئىلىم - پەن ساھاسىدە نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلانماقتا خىتاي ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتايدا ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ، ئىلىم - پەن ۋە نەشرىيات ساھاسىگىمۇ سودىلىشىش ئادەتلىرى سىڭىشكە باشلىغان .

بولۇپمۇ كىتاب نەشىر قىلىشتا ياكى ھەر يىلى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇنۋان باھالاش ھەرىكىتىدە، كىم پۇلنى كۆپرەك بەرگەن بولسا، شۇنىڭ كىتابى ياكى ماقالىسى ئالدىن ئېلان قىلىنىدىغان ئەھۋال كۈنسېرى ئېغىرلاشقان . ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ خىل ئەھۋاللار ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت بولۇپ ھەتتا ئىلمىي ئەسەر ۋە ماقالىلار سىياسىي جەھەتتىنمۇ قاتتىق تەكشۈرىلگەنلىكتىن، ئاسانلىقچە ئېلان قىلىنمايدىكەن .