ليەن، سوڭ، خۇ - 3 رەئىس ئېغىز يالىشىپ ئۆزلىرى زەھەرلەندى(4)

تارىخشۇناس، سىياسىي مۇلاھىزىچى شىڭ خاۋنيەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، دېموكراتىيە پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىلەن سۆھبەتلىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۇلارنىڭ پىكىر ياكى نىيەت مەقسەتلىرى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. پەقەت خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى يوقىتىلىپ بولغاندا، ئاندىن تەيۋەن ياكى ھەر قانداق باشقا تەرەپ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كوممۇنىست پارتىيىدىن خالى بولغان ھۆكۈمەت بىلەن ئۆز - ئارا نېمىنى سۆزلەشسە بولىۋېرىدۇ. ھاۋا بوشلۇقىدا، دېڭىزدىكى سۇ يۈزىدە ياكى يەر يۈزىدە چېگرىنى قانداق ئايرىش، نوپۇسنى قانداق ھېساپلاشمۇ ئاسان.

سۆھبەتنى خىتاي كومپارتىيىسى يوقالغاندىن كېيىن قىلىش كېرەك

ھازىرقى مۇستەقىلچىلارنىڭ ياكى ئوخشىمىغان سىياسىي كۆز قاراشتا بولىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قارشى تۇرىدىغان ئورتاق نىشانى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بولۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇستەبىت تۈزۈمگە نارازى. بولۇپمۇ تەيۋەنلىكلەر چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خەلقتەك قۇللۇق ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشنى خالىمايدۇ. چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خەلقمۇ، ۋىجدانلىق زىيالىلارمۇ تەيۋەن خەلقنى كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ زۇلۇمى ئاستىغا چۈشۈرۈپ قويۇشنى خالىمايدۇ. دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلەر خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ "بىرلىك" دېگەن ھىلىسىگە ئالدىنىپ قالماسلىقى كېرەك. ھەر قانداق سۆھبەتنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى يوقىتىپ بولغاندىن كېيىن قىلىش كېرەك.

خىتاي كومپارتىيىسى ھەممە ئىشنى يوشۇرۇن قىلىدۇ

تارىخشۇناس، سىياسىي مۇلاھىزىچى شىڭ خاۋنيەن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئىنسانپەرۋەرلىك دېگەننى بىلمەيدىغان پارتىيە. ئۇ خەلققە قارىتا قولىدىن كېلىدىغان ھەر قانداق شۇملۇقنى قىلىشتىن يانمايدۇ. بۇ پارتىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا زىددىيەت، ئۆز-ئارا كۈرەش ناھايىتى جىددى. ئۇلار ئۆز - ئارا ھەممە قۇۋلۇق -شۇملۇقنى قوللىنىشىدۇ. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 1 - قول ۋە 2 - قول ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلمىگەن. ئۇلار قىلغان ئىشىنى، سۈيىقەست ياكى پىلانلىرىنى سىرتقا ئاشكارىلىمايدۇ. ئەمما سىرتقا ۋە خەلققە تاقابىل تۇرۇشقا كەلگەندە پىكرى ئوخشاش، ئوخشاش بولمىغاندىمۇ، ئۇلار بىر-بىرىنى خەلققە يامانلىق قىلىشتىن توسمايدۇ، ھەتتا ناھايىتى چوڭ قىرغىنچىلىق پىلانلىسىمۇ، ئۇنىڭغا ئۇچۇق - ئاشكارا قارشى چىقمايدۇ.

خۇ ياۋباڭ، جاۋزىياڭلار "بۇ ئىشنى قىلمايمەن" دەپ چېكىنسە بولاتتىغۇ. ئۇلار ئۆز - ئارا شۇ قەدەر جىددىي ئېلىشسىمۇ، نەقەدەر شەرمەندە، ۋەھشى ۋاستىلارنى قوللىنىشسىمۇ، ئۇلارنىڭ قايسىبىرى ھەر قانچە يامان ئەھۋالغا قالغاندىمۇ، ئەمەلىدىن ئىستىپا بەرمەيدۇ ياكى قارشى چىقمايدۇ. ۋاقتى كەلگەندە گەپ قىلماي جىم تۇرىۋالىدۇ. خەلققە يامانلىق قىلىشقا كەلگەندە ئۇلار يەنىلا ئوخشاش، ھېچ بولمىغاندا سۈكۈت قىلىدۇ.

پارتىيىدىن چېكىنىش توسقىلى بولمايدىغان قۇدرەتلىك ئېقىم

تارىخشۇناس، سىياسىي مۇلاھىزىچى شىڭ خاۋنيەن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ياۋرۇپا ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ گۇمران بولۇشى پارتىيىدىن چېكىنىش دولقۇنى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىققان. ھازىر خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىمۇ دەل شۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلدى. ھازىر خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئىچىدە داۋام قىلىۋاتقان پارتىيىدىن چېكىنىش دولقۇنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا توسقىلى بولمايدىغان ناھايىتى قۇدرەتلىك ئېقىم. بۇ زور ئېقىمنىڭ تارىخىي تۆھپىسى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. بۇ دولقۇن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ، ئۇلارنىڭ ۋېجدانىنى سىنايدىغان بىر پۇرسەت.

راي سىناشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى كوممۇنىزمغا ئىشەنمەيدۇ. كوممۇنىست پارتىيىنى، ماركىس، لېنىن، ستالىن، ماۋ زېدوڭلارنى سۆيمەيدۇ. ئۇنداقتا سەن نېمە ئۈچۈن يەنە كوممۇنىست پارتىيىگە ئەزا بولۇپ تۇرىۋىرىسەن؟ مەن كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرنىڭ بۇ جىنايەتكار پارتىيىدىن بىر-بىرلەپ چىكىنىپ چىقىشىنى، بۇ پارتىيىدىن قۇتۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، - دەيدۇ تارىخشۇناس، سىياسىي مۇلاھىزىچى شىڭ خاۋنيەن ئەپەندى، - ھازىر بىر ياخشى باشلىنىش بولىۋاتىدۇ.

شىڭ خاۋنيەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ھازىر خىتايدا "سوتسىيالىزىم قۇرىۋاتىمىز" دېگەنگە ئىشىنىدىغان ئادەم يوق. كوممۇنىست پارتىيىگە قارشى تۇرۇشقا كەلگەندە، خەلققە قارىغاندا پارتىيە ئەزالىرى بەكراق قارشى تۇرىدۇ، ئادەتتىكى پارتىيە ئەزالىرىغا قارىغاندا پىشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى تېخىمۇ بەكراق قارشى تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلار كوممۇنىست پارتىيىنى تېخىمۇ بەك چۈشىنىدۇ. ئەمما كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرى ۋە كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلار مىھرىنى ئۈزەلمەيدىغان بىر مەنپەئەت مەسىلىسى بار. ئەگەر ئۇلار ئۆزىنى خەلقنىڭ ئورنىغا قويۇپ تۇرۇپ ئويلاپ باقسا، خەلقنى بۇلاپ ئالىدىغان مەنپەئەتتىن ۋاز كەچسە، ئۇلاردا پارتىيدىن چىكىنىدىغان جاسارەت پەيدا بولىدۇ. ئۇلار بىر - بىرلەپ كوممۇنىست پارتىيىدىن چېكىنىۋەرسە، بۇ جىنايەتكار پارتىيە كۈچسىزلىنىپ گۇمران بولىدۇ. كوممۇنىست پارتىيە گۇمران بولغان ھامان خەلق ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىنى، كىشىلىك ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا ئالىدۇ. دۇنيادا ئادەمگە ئەركىنلىكتىن ئەلا نەرسە بولمىسا كىرەك. (تۈگىدى) (ۋەلى)