خىتاي نوپۇس مەسىلىسىدە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە

0:00 / 0:00

شاڭخەيدە ئېچىلغان "نوپۇس ۋە ئىزچىل تەرەققىيات ستراتىگىيە خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى" غا قاتناشقان خىتاينىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى مۇدىرى جاڭ ۋېيچىڭ، نۆۋەتتىكى خىتاينىڭ تۇغۇت سىياسىتىگە ئاساسلانغاندا كەلگۈسى 20 يىل ئىچىدە خىتاي نوپۇسىنىڭ ھەر يىلىغا 10 مىليوندىن ئېشىپ، -2030يىلىغا بارغاندا 1 مىليارد 460 مىليونغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان يامان تەسىرلەر

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، نۆۋەتتە كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيايلىسى مەمەت توختى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، نوپۇسنىڭ ئېشىشى بىلەن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق يولغا قويىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر يۈرۈش يامان تەسىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، 2020 - يىلىغا بارغاندا، خىتايدا 15 ياشتىن 64 ياشقىچە بولغان ئەمگەك كۈچى 940 مىليونغا يېتىپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ٪ 65 نى تەشكىل قىلىدىكەن. شۇنداقلا بۇ خىتاينىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ بېسىم بولىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ياشانغانلار نىسبىتىمۇ نۆۋەتتىكى ٪ 7 تىن ٪ 12 كە ئېشىپ، جەمئىيەت پاراۋانلىق سىستېمىسىغا چوڭ رىقابەت بولىدىكەن. خىتاي نوپۇسى ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان نوپۇس مەسىلىسى مۇتەخەسىسى دوكتور جون ئېيرد ) جوھن س. ئائىرد ( ئەپەندىمۇ، پىلانلىق تۇغۇتقا ئوخشاش نوپۇسنى سۈنئىي ئۇسۇلدا كونترول قىلىشنىڭ يۇقارقىدەك سەلبىي تەسىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

" پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى خىتايدا بىر يۈرۈش ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مەسىلەن، قىز-ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى. خىتايدا ھازىر 117 ئوغۇلغا 100 قىز توغرا كېلىدۇ. بۇ خەلقئارا ئۆلچەمدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن. شۇ سەۋەپتىن كەلگۈسى خىتايدا ئاياللارنىڭ كەمچىللىكى كېلىپ چىقىپ ھەتتا ئەخلاق بۇزۇلۇشتەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى شەكىللەندۈرىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تۈزۈملىرىگە پۈتۈنلەي خىلاپ بىر ئىش."

چەت-ياقا رايونلارنىڭ پاراۋانلىق مەسىلىسى نۆۋەتتىكى ھەممىدىن مۇھىم مەسىلە

دوكتور جون سۆزىدە يەنە، نۆۋەتتىكى ھەممىدىن مۇھىم مەسىلە نوپۇسنىڭ ئېشىشى ئەمەس، بەلكى چەت-ياقا رايونلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ جەمئىيەت پاراۋانلىق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، چۈنكى پىلانلىق تۇغۇت سەۋەبىدىن كەلگۈسىدە بۇلارنى باقىدىغان ياشلار يېتىشمەي، خىتاي جەمئىيەت پاراۋانلىق مەسىلىسىدە تېخىمۇ مۈشكۈل ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

" نوپۇس ۋە ئىزچىل تەرەققىيات ستراتىگىيە خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى" دا سۆز قىلغان خىتاي ئەمەلدارى جاڭ ۋېيچىڭ يەنە نۆۋەتتە خىتاينىڭ، نوپۇس ساپاسى تۆۋەن بولۇش، كۆچمەن نوپۇسىنىڭ كۆلىمى كەڭ بولۇش، تۇغۇلۇش جىنسىي نىسبىتى تەڭپۇڭسىزلىشىش، ئەيدىز كېسىلى يامراپ كېتىش ۋە كەمبەغەللەر ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئېشىشىغا ئوخشاش بەش چوڭ قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

كۆچمەن نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى ھەققىدە توختالغان مەمەت توختى ئەپەندى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:

نوپۇس مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى دوكتور جون ئېيرد ئەپەندى، نۆۋەتتە خىتاي ئېلان قىلىۋاتقان نوپۇس سىتاتىستىكىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، نوپۇسنىڭ ئەمەلىي ئېشىش نىسبىتىنىڭ خىتاي ئېلان قىلغاندىكىدىن كۆپ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەپ، گەرچە خىتاي دەسلەپ 1982 - يىلى ئېلان قىلغان ستاتىستىكا ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولسىمۇ، لېكىن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، نۇرغۇن يەرلىك ئورۇنلار ھۆكۈمەت سىياسىتىنى ياخشى ئورۇنلىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئەمەلىيەتنى يوشۇرۇپ، نوپۇسنى قەستەن تۆۋەن ئېلان قىلىپ كەلگەن. (پەرىدە)