ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى نوپۇسى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر(1)
2006.12.05
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رەسمىي ستاتىستىكىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 9 مىليوندىن ئارتۇق، دەپ ئېلان قىلىنسىمۇ، لېكىن خەلق ئىچىدە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ھەقىقى سانى توغرىسىدا ئوخشىمىغان پەرەزلەر مەۋجۇت.
بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر نوپۇسىنى 12 مىليون دېسە، يەنە بەزىلەر بۇنىڭ ئاز دېگەندە 15 مىليونغا يېتىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكىلەر ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 25 مىليوندىن ئاشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. لېكىن بۇ سان يەنىلا تالاش تارتىشتىكى پەرەز بولۇپ، ئاخىرقى خۇلاسە ئەمەس.
ئۇيغۇر نوپۇسى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرنى گېرمانىيىدىكى ئوبزورچىمىز پەرھات مۇھەممىدىدىن ئاڭلاڭ.
©
2006 Radio Free Asia