خىتايدا ھازىرغا قەدەر ئىجرا قىلىنىۋاتقان نۇپۇس تۈزۈمىنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق دېلوسى

0:00 / 0:00

‏- خىتايدا ھۆكۈمەت مۇستەبىت تۈزۈمگە تايىنىپ خەلقنى 'شەھەر نۇپۇسى' ۋە 'يېزا نۇپۇسى' دەپ ئىككىگە ئايرىپ تاشلىغان ئىدى. كەسپ تاللاش، ماكانلىشىش -كۆچۈش، ھەق ئېلىش جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ ئىككى خىل تەبىقە ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ناھايىتى چوڭ، ‏- دەپ مۇلاھىزە باشلىنىدۇ 'كۆزۈتۈش ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلىنغان 'خىتايدا ھازىرغا قەدەر ئىجرا قىلىنىۋاتقان نۇپۇس تۈزۈمىنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق دېلوسى' دېگەن ماقالىدا، ‏- خىتايدا 90% دىن ئارتۇق ئادەم، تۇغۇلغاندىلا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن پىشانىسىگە 'شەھەر نۇپۇسى' ياكى 'يېزا نۇپۇسى' دېگەن تامغۇ بېسىلغان. شەھەردە تۇغۇلغان كىشىلەر تا ئۆلۈپ كەتكىچە دۆلەتنىڭ مالىيىسىدىن تەمىنلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلۇشۇش جەھەتلەردىكى ھەممە ھۇقۇقى دۆلەتنىڭ كاپالىتى ئاستىدا تۇرىدۇ. ئەمما يېزىدا تۇغۇلغانلار بولسا مەڭگۇ نامراتلىقتا، ناچار شارائىتتا، جاپا چېكىپ ئۆتىدۇ، گەرچە ئۇلاردىن شەھەردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىپ ناھايىتى چوڭ نەتىجە قازانلار بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ پىشانىسىدىن 'دېھقان كارخانىچى' ياكى 'دېھقان زىيالىي' دېگەندەك يېزا تامغۇسى مەڭگۇ ئۈچمەيدۇ، خۇددى ئۇلار تۇغۇلغاندىلا بىرخىل 'جىنايەت' بىلەن بىللە تۇغۇلغاندەك، ‏- دەپ مۇلاھىزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور جۇ چىڭ خانىم. ئاپتور شىئەندىكى 'راۋايەت -چۆچەك مۇزىيىي'، 'خەلق ئارىسىدا' دېگەن ژۇرناللارنىڭ باش مۇھەررىرى، ئۇ ھازىر شىئەن شەھىرىدە تەتقىات ۋە يازغۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.

'خىتايدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان نۇپۇس تۈزۈمىنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق دېلوسى' دېگەن ماقالىدا، ئاپتور ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە ئاساسەن بايانىنى مۇنداق دەپ داۋاملاشتۇرىدۇ: مەدەنىيەت ئىنىقلابى'دېگەن ھەرىكەتتە، ماۋزېدوڭ 1968 ‏- يىلى 12 ‏- ئاينىڭ 20 ‏- كۈنى تيەنئەنمېن مەيدانىدا قول پۇلاڭلاتقاندا، ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇپ يېزىلارغا ۋە يېراق چېگرا رايونلارغا 'قايتا تەربىيە ئېلىش' دېگەن نام بىلەن مېڭىشقا قەتئى بەل باغلىغان 16 مىليون 500 مىڭ زيالىي ياشنىڭ ئىسمى شەھەردىكى نۇپۇس دەپتىرىدىن ئۈچۈرۈلگەندە، ئۇلار ئۆزىنىڭ شەھەردىكى ئىمتىيازلاردىن مەڭگو مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى سېزىپ دەرھال بەدىنىگە تىتىرەك ئولاشقان ئىدى. 1989 ‏- يىلىدىكى بىر تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، خۇنەننىڭ مەلۇم بىر يېزىغا چۈشكەن 90 نەپەر زىيالىي ياشنىڭ ھېچقايسى بۇ 'ئۇلۇق داھى'نىڭ چاقىرىقىنىڭ پايدىسىنى كۆرمىگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىن كېيىن شەھەرلەرگە قايتىدىن كىرەلىگەنلىرى ئاران بىر نەچچە پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن 5 ى ساراڭ بولغان، 1 ى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان، 1 ى تۈرمىگە كىرگەن، 4 قىز باسقۇنچىلىق قىلىنىپ روھى مەڭگۈلۈك سۇنغان، 34 ى رىماتىزىم ۋە قان ئازلىق قاتارلىق ئاسان ساقايمايدىغان كېسەللەرگە دۇچار بولۇپ ئىستىقبالىنى يوقاتقان. ‏- دەپ مۇلاھىزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئاپتور، ‏- ئادەم تۇغۇلغاندا باراۋەر بولۇپ تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىكى نۇپۇس تۈزۈمى ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى تۇغۇلغاندىن كېيىنلا بىر -بىرىنى كەمسىتىشكە باشلايدىغان يولغا تىقىپ قويدى. خىتايدا ئادەملەر كەمسىلىتىشكە ئۇچرايدىغان بۇنداق نۇپۇس تۈزۈمىنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى تا ھازىرغىچە ئەمەلدىن قالدۇرمىدى. ئەمەلىيەتتە، خىتايدا ھازىرغا قەدەر ئىجرا قىلىنىۋاتقان نۇپۇس تۈزۈمىنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق دېلوسى.

ھازىر شىۋىتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئادىرىشىت ھاجى كېرىمى ئۆز يۇرتىدىكى كەچۈرمىشلىرىگە ئاساسەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان نۇپۇس تۈزۈمىنى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسىغا خىلاپلىق قىلىدىغان تۈزۈ دەپ كۆرسەتتى. (ۋەلى)