0:00 / 0:00
يېقىندا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىم تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، خىتاي بۇنىڭدىن ناھايىتى بىئارام بولغان ئىدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا تۈرلۈك ئىنكاس ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنىپ، مېركېل خانىمنىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلىشىغا نىسبەتەن ئىجابىي باھالار بېرىلدى. سودا سانائەتچىلەر ساھەسىدىكى بىر قىسىم ئەربابلار بۇ ئىشنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ھەمكارلىقىغا دەخلى يېتىشىدىن ئەندىشە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مېركېل خانىمنىڭ بۇ قېتىم دادىللىق بىلەن باسقان قەدىمى ئۇلارغا ئىلھام بولغان ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، گېرمانىيىدىكى ئوبزورچىمىز پەرھات مۇھەممىدىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئانالىزلىرىنى ئاڭلاڭلار.