ياۋروپا پارلامېنتىدا ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى


2008.03.27

3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ياۋروپا پارلامېنتى پەۋقۇلاددە بىر يىغىن چاقىرىپ، 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا پارلامېنتى رەھبەرلىرىدىن توماس. مان ئەپەندى باشچىلىقىدىكى پارلامېنت خادىملىرى ياۋروپا پارلامېنتىدا جىددىي بىر يىغىن چاقىرىپ، تىبەت مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يىغىندا، پارلامېنتتىكى 100 دىن ئارتۇق كىشىدىن تەركىپ تاپقان تىبەتنى ھىمايە قىلغۇچىلار تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرىنى بريۇسېلغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ تىبەتتىكى قانلىق قىرغىنچىلىق ھەققىدە توپلىغان ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلاشنى ۋە تىبەت مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋالماسلىقنى ھەمدە 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى تەكىتلىگەن.

ياۋروپا پارلامېنتى ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈشى كېرەك

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 26 - مارتتىكى „ياۋروپا پارلامېنتى بۈگۈن ئولىمپىكنى مۇنازىرە قىلدى" ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياۋروپا پارلامېنتىدا تىبەتلىكلەرنىڭ يېقىن دوستلىرى كۆپكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، پارلامېنت رەئىسىمۇ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش تەرەپدارى ئىكەن. ئەگەر ياۋروپا پارلامېنتىدا ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ھەققىدە قارار ئېلىش ئاۋازغا قويۇلسا، پارلامېنت رەئىسى بىلەن بىرگە، يۈزلىگەن پارلامېنت ئەزالىرى قوللاپ ئاۋاز بېرىدىكەن.

ئولىمپىك مەش`ئىلى گىرېتسىيىدىن خىتايغا قاراپ يولغا چىقىپ نەچچە كۈن ئۆتمەيلا چاقىرىلغان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ يىغىنى، دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى. تېخى ئىككى ھەپتە ئىلگىرىلا، ياۋروپا پارلامېنتى د ئۇ ق رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ شان - شەرىپىنى قوغداش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. بۇ يىغىن يەنە خىتاي پۇقرالىرى ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ چۇقان سېلىۋاتقان بىر چاغدا چاقىرىلغان.

پارلامېنت ئەزاسى توماس. مان ئەپەندى بۇ يىغىندا مۇنداق دېگەن: "ياۋروپا پارلامېنتى تىبەتتىكى قىرغىنچىلىققا قارىتا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈشى كېرەك. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ دائىم بىر كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاراپ تۇرۇشى توغرا ئەمەس. بۇنداق ئەھۋال كۆپ سادىر بولدى. بۈگۈن بىز بۇ يىغىندا ياۋروپا پارلامېنتى ياكى كېڭىشىنىڭ ئېنىق بىر سىگنال بېرىشىنى ئارزۇ قىلىمىز."

گەرچە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا قانداق بىر قارارنى قوبۇل قىلغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، يىغىندا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تىبەتكە تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىش، تىبەتنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئېنىقلاش ئارقىلىق ئوبيېكتىپ بىر قارار قوبۇل قىلىش تەكىتلەنگەن ھەمدە ب د ت نىڭ بۇ قېتىمقى كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا خىتاينى مۇتلەق رەۋىشتە ئەيىبلەشنى كۈن تەرتىپكە ئېلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تەيۋەن خىتايغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقان

26 - مارتتىكى "تەيۋەن، تىبەت ۋە ئولىمپىك" ناملىق خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، تىبەت ۋەقەسىنىڭ دۇنيادىكى تەسىرى ئۇنداق ئاسان ئاخىرلاشمايدىكەن. تىبەتلىكلەرنىڭ دوستلىرى كۆپ ساننى ئىگىلىگەن ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇپ، تىبەتنى ھىمايە قىلىش مەزمۇنىدىكى تۈرلۈك قارارلارنى قوبۇل قىلىش باسقۇچى تېخى ئەمدى باشلانغان. بۇ خىلدىكى قارارلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى، پەقەت تىبەتتىكى قانلىق توقۇنۇش توغرىسىدىكى ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە باغلىق بولۇپ قالغان.

"تەيۋەن، تىبەت ۋە ئولىمپىك"ناملىق خەۋەردە يەنە، تەيۋەنلىكلەرنىڭ تىبەتتىكى قانلىق قىرغىنچىلىقتىن ساۋاق ئالغانلىقى، خىتايغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئۈزۈل - كېسىل يوقاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تەيۋەننىڭ تىبەتكە ئوخشىمايدىغانلىقى، تەيۋەننىڭ دېموكراتىك، قۇدرەتلىك بىر دۆلەت سۈپىتىدە مەۋجۇد بولۇپ كەلگەنلىكى، ئەگەر خىتاي تەيۋەن مەسىلىسىنى قورال كۈچىگە تايىنىپ ھەل قىلماقچى بولسا، تىبەتتە يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشتىن تۈپتىن ھالقىپ كەتكەن پەۋقۇلاددە ئېغىر ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى شەرھىلەنگەن.

گېرمانىيە تېخى ئاخىرقى قارارنى چىقارمىدى

ياۋروپا پارلامېنتىدا چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى يىغىندا، پارلامېنت ئەزاسى، دېموكراتلار پارتىيىسى خادىملىرىدىن جېسسىرو ئەپەندى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تەنتەربىيە بىلەن سىياسەتنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش ئىدىيىسىنى قاتتىق تەنقىدلەپ: "ھەممىگە مەلۇمكى، تەنتەربىيە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە سىياسەتنىڭ بىر قورالى. ئولىمپىك مەلۇم بىر دۆلەت ھۆددىگە ئېلىپ قۇرغان نەرسە ئەمەس. خەلق`ئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا مەس`مەسئۇلىيىتى بار" دېگەن.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيە ۋە بېلگىيە ھۆكۈمەتلىرىدىمۇ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش تەرەپدارلىرى كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەن. بېلگىيە ھۆكۈمىتى كۆپ ساندا تەنھەرىكەتچى ئەۋەتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گەرچە گېرمانىيە ئولىمپىك كومىتېتى ھەپتە ئىلگىرى ئولىمپىكنى بايقۇت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تېخى ئېنىق ئىپادىسىنى بىلدۈرمىدى. گېرمانىيە فېدېرال جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بورس ئەپەندى 26 - مارت كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش ھەققىدە ئاخىرقى قارارنى چىقارمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەممە يەرنى قاپلىغان

ئانالىزلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ 2008 - يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ئارزۇسىدا ئالدىراپ خوش بولۇپ كېتىشكە ئاساسى يوق ئىكەن. تىبەتتىكى قىرغىنچىلىق، خىتاينىڭ ئولىمپىك ھەققىدە دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقى، خەلق`ئارا مۇخبىرلارنىڭ خىتايدا ئەركىن زىيارەتتە بولالمىغانلىقى، تىبەتتىكى ھەقىقى ئەھۋالنى ئىگىلەش نىيىتىدىكى مۇخبىرلارنىڭ تىبەتكە كىرەلمەيۋاتقانلىقى، خىتايدىكى ئومۇمى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك قاتارلىق بىر سۈرە مەسىلىلەر خىتاينىڭ ئارزۇلىرىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۈمكىن ئىكەن.

ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى توماس مان ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىندا بۇ ھەقتە توختىلىپ: „ خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەممە يەرنى قاپلىغان. بۇنداق بىر دۆلەتنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتى يوق" دەپ ئېنىق ئەسكەرتكەن. ئەگەر ياۋروپا پارلامېنتى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدە ھەر قانداق بىر قارار قوبۇل قىلسا، بۇ قارار ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرگە مۇتلەق تەسىر كۆرسىتىدىكەن. (ئەكرەم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.