خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىقى، گەرچە 50 يىلدىن بۇيانقى ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە دائىر ۋەقەلەرنى ئاشكارىلىماسلىق ھەققىدە چەكلىمە چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭدا ئىككى چوڭ يىغىن باشلانغان ھامان، بۇنىڭدىن 50 يىل بۇرۇن ماۋزېدۇڭ قوزغىغان 'ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش' ھەرىكىتىدە زەربىگە ئۇچرىغان كىشىلەر ئىمزا قويۇپ تەكلىپ يوللاپ، بۇ ھەرىكەتنى تەل-تۈكۈس ئىنكار قىلىپ، زەربىگە ئۇچرىغانلارغا ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا باشلىدى. بۇ ھەرىكەت ھازىر داۋاملىشىۋاتىدۇ.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى بۇ ھەرىكەتنى قوزغاش ئۈچۈن ئالدامچىلىق تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان ئىدى
تۈركىيىدىكى تاراكىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور سۇلتان ماخمۇت قەشقەرى ئەپەندىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى بۇ ھەرىكەتنى قوزغاش ئۈچۈن ئالدامچىلىق تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغانلىقىنى كۆرسەتتى.
خىتايدىكى 'ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى' ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئوڭچى -يەرلىك مىللەتچىلەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى بولغان ئىدى
پروفېسسور سۇلتان ماخمۇت قەشقەرى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ئالدامچىلىق تەشۋىقاتىدىن كېيىن ئېچىلىش -سايراش باشلانغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بۇ سىياسىي ھەرىكەتنىڭ نىشانى بورۇلۇپ يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش بولغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى بايان قىلدى.
ماۋزېدۇڭ قوزغىغان 'ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ' ھەرىكىتىنى تەل-تۈكۈس ئىنكار قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرگە تۆلەم بېرىلىشى كېرەك
پروفېسسور سۇلتان ماخمۇت قەشقەرى ماۋزېدۇڭ قوزغىغان 'ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ' ھەرىكىتىنى تەل-تۈكۈس ئىنكار قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرگە تۆلەم بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.(ۋەلى)