ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسى بويىچە سۆھبەت - بىر ئوقۇغۇچىنىڭ پىكرى
2006.07.24
ھەقسىز لىنىيىمىز بويىچە كېلىۋاتقان تېلېفونلار ئىچىدە نۆۋەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان بېسىملارنىڭ كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسلارمۇ بار. بۇ ئىنكاسلاردا يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە خىتايلارنىڭ نوپۇس جەھەتتە تېز كۆپىيىۋاتقانلىقى ھەم ئۇلارنىڭ سىياسىي، سودا-ئىقتىساد قاتارلىق ھەر ساھەلەردە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن كەمسىتىش مۇئامىلىلىرىدە بولۇۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئاشكارا ئىپادىلەشتىن مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
مانا مۇشۇنداق كەمسىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ئىچكىرى خىتاي شەھەرلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مۇمكىن قەدەر ئىچكىرى خىتاي شەھەرلىرىدە ئىش تېپىپ قېلىشنى خالايدىكەن.
يېقىندا ئىستانسىمىزنىڭ ھەقسىز تېلېفون لىنىيىسى بويىچە تېلېفون قىلغان بىر ياش مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە، زىيالىلار ھەددىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغانلىقتىن ئۆمرى قىسقارماقتا
- ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىكتىكى ھەققىقى سەۋەب نېمە؟
- خىتايدا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى 20 يىل ئىچىدە 25 ھەسسە ئۆسۈپ كەتتى
- بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تېپىشى تەسكە چۈشمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىغا ھەربىي ئوفىتسېرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى "مۇھىم نۇقتىنىڭ مۇھىمى" دەپ تەكىتلەيدۇ؟
- ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر