ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە رۇسىيە

ئىككى يىلدىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ، كۈنسايىن تەرەققى قىلىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۆتكەن ھەپتىدە رۇسىيىنى ئۆزىگە رەسمى ئەزا قىلدى. رۇسىيىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتقا كىرىشىنى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستاندىن ئىبارەت تۆت دۆلەت قوللىدى. تۈركمەنىستان بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولمىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى ھەرقانداق بىر رايون خاراكتېرلىك سىياسىي، ھەربىي تەشكىلاتلار ھەم ئىتتىپاقلاردىن مۇستەسنا تۇتۇشتەك نېتىرال تاشقى سىياسەت بەلگىلىگەن .

رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىشىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئالدىغا قويغان ۋەزىپىلىرىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشى ھەمدە ئۇنىڭ مەۋقەلىرىدە بۇرۇلۇش بولۇشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا. رۇسىيىدىكى ئىنتېرنېت گېزىتلىرىدىن بىرى "http://www.gazetasng.ru" دا ئېلان قىلىنغان "موسكۋا ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى ئاشۇرماقتا" ناملىق مۇلاھىزىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە؛ ئەسلىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتى يېقىن ئارىدا رايون خاراكتېرلىك بىرلىككە كەلگەن بازار قۇرۇش، ئىقتىسادىي، ئېنېرگىيە، قاتناش ۋە ئالاقە ساھەلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى.

بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رولى ۋە مەقسىتى ھەققىدە مەيدانغا چىققان تەھلىللەرنى ئەسلىگىنىمىزدە؛ كۈزەتكۈچىلەر، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى نىشانىنىڭ ئىقتىسادىي مەۋقەلەردىن سىرت يەنە سىياسىي مەۋقە بىلەن ھەتتا تۈركچىلىك ئىدىيىلىرى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان ئىدى.

مەلۇمكى، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى دەسلەپكى چاغلاردا ، ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈركچىلىك پىكىرلىرى يەنى ھەر قايسى قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تارىخىي، مەدەنىي باغلىنىشى ھەققىدىكى ئورتاقلىق نوقتىنەزەرلىرى ئەركىن ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دۇنياۋى تۈرك دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى دېگەندە شەكىلدە بىر سىياسىي ئىتتىپاق قۇرۇش پىكىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا ياش ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى بۇنىڭغا قىزىققان بولسىمۇ، ئەمما قازاقىستان رەھبىرى نۇرسۇلتان نازاربايەۋ مەزكۇر پىكىرنى رەت قىلغان. ئۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە سلاۋىيانلار بىلەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىرلىشىشى ئاستىدا ياۋرو-ئاسىيانى ئورتاق باشقۇرۇشنى ئاساس قىلغان ياۋرو-ئاسىيا نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. دەسلەپكى چاغلاردا ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى چىقىش يولىنى ئىزدەپ، تۈركىيە بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان ھەمدە تۈركىيە مودېل ئىنى ئۈلگە قىلغان. لېكىن، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى، جۈملىدىن رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا نىسبەتەن ئۆز تەسىرىنى كۈچەيتىشى نەتىجىسىدە تۈركچىلىك خائىشلىرىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارنى ئاساسىي شوئار قىلغان مەزكۇر تەشكىلاتنى قۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئورتاق گۈللىنىشنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولۇشقان.

"http://www.gazetasng.ru" دا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە؛ رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىشى بىلەن ئەھۋالدا تېز ئۆزگىرىش يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئىلگىرى قازاقىستان ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تېز ئۆسۈشى بىلەن مەزكۇر تەشكىلاتتا باشلامچىلىق رول ئوينىغان بولسا، مانا ئەمدى بۇ ئورۇننى رۇسىيىنىڭ ئىگىلىشى تەبىي. چۈنكى، رۇسىيە يەنىلا مەزكۇر رايوندىكى ئىقتىسادىي، ھەربىي-سىياسى ۋە ئېنېرگىيە مۇناسىۋەتلىرىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە چوڭ دۆلەت .ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشتىن ئاخىرى تىرىشىپ كەلگەن ئىدى.

مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە؛ ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى خەلقئارا سىياسىي ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ مەركەزلىك نۇقتىسىغا ئايلانغان. بۇ جايدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى، گۇئام تەشكىلاتى قاتارلىق رايون خاراكتېرلىك سىياسىي تەشكىلاتلار مەۋجۇت بولۇپ، بۇلاردا رۇسىيە يەنىلا باشلامچىلىق رول ئوينىماقتا. رۇسىيىدىن مۇستەسنا قۇرۇلغان ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا موسكۋانىڭ كىرىشى ئۇنىڭ بۇ رايوندا يەنىمۇ بىر قەدەم پۇختا ئورۇن تۇتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىكەن.

قازاقىستان ئۇچۇر ئاگېنتلىقى "بۈگۈنكى قازاقىستان" نىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا رۇسىيە بۇ تەشكىلاتقا كىرگەندىن كېيىن، ياپونىيىمۇ دەرھال ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنى بىلدۈرگەن شۇنىڭدەك ئاستانادا "ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياپونىيە" دېگەن تېما ئاستىدا بۇ تەشكىلات بىلەن ياپونىيە تاشقى ئىشلار رەھبىرى يورىكو كاۋاگۇچى ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت بولغان ھەمدە ئورتاق بايانات ئېلان قىلىنغان.

مەزكۇر باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە؛ ياپونىيە ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن ئېنېرگىيە، ئېكولوگىيە، ئادەم ئالماشتۇرۇش ھەمدە ئىقتىساد ۋە سانائەت ساھەلىرى بويىچە ھەمكارلىقنى ئېلىپ بارىدىكەن. ياپونىيە 3 يىل ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىن 1000 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرىدىكەن ھەمدە بۇ خىل ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.

بۈگۈنكى قازاقىستان ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا ياپونىيە تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى ياپونىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا نىسبەتەن قىزىقىشىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئوتتۇرا ئاسىيا بۈگۈنكى، كۈندە ئامېرىكا، خىتاي، رۇسىيە ، تۈركىيە، ئىران، پاكىستان قاتارلىق مەملىكەتلەر بىلەنلا قويۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ قالماستىن بەلكى، يەنە ياپونىيە ، مالايشىيا قاتارلىق تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەملىكەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىن ئۈلگە ئېلىشقىمۇ تىرىشماقتا. (ئۈمىدۋار)