نازار بايېفنىڭ ئارزۇسى - ئوتتۇرا ئاسىيانى بىرلەشتۈرۈش

0:00 / 0:00

ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى كەلگۈسىدە بىر گەۋدىگە ئايلىنالامدۇ؟ بۇ سوئال ئوتتۇرا ئاسىيا زىيالىيلىرى، سىياسىيونلىرى تەرىپىدىن داۋاملىق قويۇلۇپ كەلمەكتە. يېقىندا قازاقىستان رەھبىرى ئوتتۇرا ئاسىيانى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خۇددى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش بىر سىياسىي، ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدە قۇرۇش ئارقىلىق رايوننىڭ گۈللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى.

ئوتتۇرا ئاسىيا مۇقىم گۈللىنىشكە مۇھتاج

ئوتتۇرا ئاسىيادا يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان ئۆكتىچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇقىملىقى بىلەن باغلىنىشلىق مەسىلىگە ئايلىنىۋاتقانلىقى، شۇ سەۋەبتىن يېقىنقى ھەپتىلەر داۋامىدا بىشكەكتە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ قىرغىزىستاننىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر جۈملىدىن ئالدى بىلەن قوشنا قازاقىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، خەلقئارا جەمىيەتمۇ مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ 15 يىلدىن بۇيان مۇستەقىللىق مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن دېموكراتىك ئىسلاھاتلارنى يېتەرلىك رەۋىشتە ئېلىپ بارمىغانلىقى ۋە ئۆكتىچىلەرگە نىسبەتەن قاتتىق قول چارىلەر قوللىنىلغانلىقىنى تەنقىد قىلىنماقتا.

2005-يىلى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن لالە ئىنقىلابى ئۇكرائىنىيە ۋە گرۇزىيىدە غەلىبە قىلغان رەڭلىك ئىنقىلابلارنىڭ داۋامى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىش بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ دېموكراتىك ئۆزگىرىشلىرىگە تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولدى. گەرچە، ھاكىمىيەت ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە مەزكۇر مەملىكەتتە قايتىدىن ئۆكتىچىلىك ھەرىكەتلىرى مەيدانغا كېلىپ، رايوندىكى يېڭى بىر سىياسىي داۋالغۇش دولقۇنىنى پەيدا قىلدى.

مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى قازاقىستان رەھبىرى نۇرسۇلتان نازاربايېف تېلېۋىزىيە ئارقىلىق، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاندىن ئىبارەت بەش جۇمھۇرىيەتنى بىرلەشتۈرۈپ،" ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى"نى قۇرۇش ئىدىيىسىنى قايتىدىن تەشەببۇس قىلدى.

ياۋروپا بىرلىكىنى مودېل قىلىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئىتتىپاقى

قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، نۇرسۇلتان نازاربايېف "قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە قىرغىزىستاننىڭ ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ پارلاق كېلەچىكىنى تەمىن ئېتىدۇ" دەپ كۆرسىتىپ، رايون رەھبەرلىرىنى ئۆزىنىڭ "ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى"نى قۇرۇش ھەققىدىكى تەشەببۇسىنى ئويلىشىپ بېقىشقا چاقىردى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادا 55 مىليون نوپۇس ياشايدۇ، بۇ ئەنگىلىيىنىڭ نوپۇسىدىن ئاز بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ زېمىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا باراۋەر، ئوتتۇرا ئاسىيا ئوتتۇرا شەرق بىلەن ئىقتىسادى تەرەققى قىلىۋاتقان رۇسىيە، خىتاي ۋە ھىندىستاننىڭ ئارىسىغا جايلاشقان.

نازاربايەف نېمە ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىگە مۇنداق بىر ئىتتىپاق كېرەك ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ، رايوننىڭ بۇنداق بىرلىشىشىگە پۈتۈنلەي ئاساس بارلىقىنى كۆرسىتىپ،" مەزكۇر رايون ھېچ تەرەپكە تايانماي تۇرۇپ، ئۆز ئاشلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۆزىنى تولۇق تەمىنلىيەلەيدۇ، ئۆزىنى ئېنېرگىيە جەھەتتىن ۋە باشقا تەرەپلەردىن تولۇق تەمىنلىيەلەيدۇ، ھەتتا، مۇستەقىل بازارغا ئىگە بولىدۇ، ئەگەر مۇنداق بولسا، ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەر ئۆزلىرىگە نېمە كېرەك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ" دەيدۇ.

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش تەشەببۇسىنى بۇنىڭدىن بىر قانچە يىللار ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەينى ۋاقىتتا، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان رەھبەرلىرىنىڭ بۇ تەكلىپلەرنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. نازاربايېف مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ بىرلىككە كەلگەن سىياسىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە باشقا سىستېمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لايىھىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

نازاربايېفنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئېرلان بايجانوپ، قازاقىستاننىڭ باشقا تۆت جۇمھۇرىيەت بىلەن بىرلىكتە تاۋار، ئادەم ۋە مەبلەغلەرنىڭ ئەركىن ھەرىكەتلىنىشى ئاساسىدىكى بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي بوشلۇق قۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ،" بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مودېلىغا يېقىن، مەزكۇر پىلاننىڭ مەقسىتى رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، سىياسىي مۇقىملىقى ھەم گۈللىنىشنى تەمىن ئېتىشتىن ئىبارەت" دەپ بىلدۈرگەن.

پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ مەزكۇر تەشەببۇسى ئىزچىل توسقۇنلۇققا ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، غەرب كۆزەتكۈچىسى تونى خالپىننىڭ قارىشىچە، باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھوقۇقى جەھەتتىن ئۆز دۆلەتلىرىدە ياخشىلىنىش بولۇشنى خالىمايدۇ. ئۇلار ئۆز ھوقۇقلىرىنى تۇتۇشنى خالايدۇ.

ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش تەشەببۇسى يېقىندا تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىملىرى، سىياسىيونلىرىنىڭ يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتىدىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، تاجىكىستان ئالىملىرى 15 يىلدىن بېرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ، مەدەنىيەت ھەم باشقا جەھەتلەردىن مۇستەقىل تەرەققى قىلىش يولىغا ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىپ، بىرلىشىش تەشەببۇسىغا قارشى چىققان.

قازاقىستان رايوندىكى باشلامچى دۆلەتمۇ؟

غەرب كۆزەتكۈچىسى تونىي خالپىننىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا، قازاقىستان مول ئېنېرگىيە زاپىسىغا ئىگە بولۇپ، ئۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەبلەغلىرىنى ئۆزىگە ئۈنۈملۈك جەلىپ قىلماقتا، قازاقىستان ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتى ، ئېنېرگىيە زاپىسى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى باشلامچى دۆلەتكە ئايلىنىش ئېھتىماللىقىغا ئىگە. چۈنكى، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستانلار مۇنداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئەمەس.

ئەلۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇش شۇئارى ئاستىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي گەۋدىسى دېگەندەك تۈرلۈك بىرلىك شەكىللىرىنى قۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ئۈنۈملىرىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى تەكىتلىنىپ كەلگەن ئىدى. مەلۇمكى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، ئۆزبېك، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر تۈركىي تىللىق خەلقلەر بولۇپ، ئۇلار زور مەدەنىيەت ئورتاقلىقىغا ئىگە.(ئۈمىدۋار)