خىتاي ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان تەشۋىقاتلىرىنى قانات يايدۇرماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيمەكتە. بۇ خىل مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىر تۈرى مەدەنىيەت ئالاقىلىرى ۋە تەشۋىقاتتىن ئىبارەت بولۇپ، 8-ئاينىڭ 18-كۈنى قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدە “جۇڭگو-شىنجاڭ مەدەنىيەت ھەپتىلىكى”ئۆتكۈزۈلدى.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستان ،قىرغىزىستاندا ئارىسىدا رادىئو- تېلېۋىزىيە تەشۋىقاتى بويىچە كېلىشىملەر تۈزۈلۈپ، خىتاي ئۆزبېكىستانغا ئۇيغۇر تىلىدا، قىرغىزىستانغا قىرغىز تىلىدا “جۇڭگو ئاۋازى” نامىدا رادىئو پروگراممىسى تارقىتىشنى باشلىغان.