ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ تەلەپلىرىگە قوشۇلۇپ، ھەرقانداق ئۇيغۇر پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇشقا ماقۇل بولىشى، كىشىلىك ھوقۇق، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر شۇم خەۋەر بولدى.
ئىنگلىزچە چىقىدىغان“ ئاسىيا ۋاقتى گېزىتى” دە يېقىندا ئاپتور ن ت تارىمىنىڭ، “ خىتاي-ئۆزبېكىستان كېلىشىمى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يامان خەۋەر ” دېگەن تېمىدىكى بىر پارچە ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، ئۆزبېكىستان خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىندى.
ئاپتور ماقالىسىدە، خىتاي پرېزىدېنتى خۇجىڭتاۋ بىلەن ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ -6ئاينىڭ -15كۈنىدىكى ئۇچرىشىشىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، ئىسلام كەرىموفنىڭ بۇ جەرياندا، خۇ جىڭتاۋ بىلەن ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر بىرلەشمە باياناتتا تۆۋەندىكى نۇقتىلار كۆرسىتىلدى. ئۇنىڭدا،“ خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستان، تېررورىزم، بۆلگۈنچى ۋە رادىكال كۈچلەرنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا داۋاملىق تەھدىت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ ھەم بۇ كۈچلەرگە بىرلىكتە زەربە بېرىدۇ. شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تېررورىزم، بۆلگۈنچى ۋە رادىكاللارغا زەربە بېرىش ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئاساسەن، ئىككى دۆلەتنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرى ئارىسىدا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ رايوندىكى بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ‘ شەرقىي تۈركىستان’ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق خىلدىكى تېررورلۇق كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىدۇ. شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ‘ شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق كۈچلىرى’ گە زەربە بېرىشنىڭ خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ مۇھىم قىسمى ئىكەنلىكىگە قوشۇلىدۇ” دەپ يېزىلغان.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي يەنە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە 9 يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۆزبېكىستانغا بولسا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى سۈپىتىدە 2.5 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئۆزبېكىستاندىكى بىر زىيالىينىڭ ئاپتورغا بىلدۈرۈشىچە، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتىگە قاراتقان كونتروللۇقنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ چىڭىيتىدىكەن. شۇنداقلا خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ۋە دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى ھەمكارلىقى، ئۆزبېكىستانغا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىغى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ماقالىنىڭ ئاپتورى دوكتور ن ت تارىمى، ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن يىللىق مۇناسىۋەتلەرنى سۆزلەپ كېلىپ، ئۆزبېكىستانغا كۆچۈپ كىرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلەرنىڭ جەمئىيەت، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ھاياتىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، نۆۋەتتە ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېك خەلقىغە ئوخشاشلا سۆز ئەركىنلىكى قاتارلىق ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ ئۆزبېك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بوغۇلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ھەمدە ھازىر ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقىنى قوللاش سۈپىتىدە ئېلىپ بارغان ھەرخىل سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق چەكلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ، ئۆزبېكىستاننىڭ دېمۇكراتىيىلىشىشىنى، ئۆزبېكلەردىنمۇ بەكرەك خالايدىغانلىقىنى يازىدۇ.
ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە يەنە، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاي تەرىپىدىن ئالاھىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىلىش بىلەن تەڭ، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان ۋە خىتايغا قارشى ئېقىملارنى پۈتۈنلەي چەكلىگەن. ھەتتا ئۆزبېك مەتبۇئاتلىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي مەسىلىسىگە ئائىت ماقالىلارنى ئېلان قىلىشنى رەت قىلغان ھەمدە تۈركىيە ۋە گېرمانىيىدە چىقىدىغان شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت گېزىت-ژورناللارنىڭمۇ چېگرىدىن كىرىشىنى توختاتقان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، -1947يىلدىن بۇيان خىتايغا قارشى ئاۋاز ئاڭلىتىش بېرىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىدىكى رادىئومۇ ۋاقىت جەھەتتىن كۆپ قىسقارتىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە سىياسىي مەسىلىلىرىگە ئائىت پروگىراممىلىرىنى ئاڭلىتىش چەكلەنگەن.
ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلىنىشى، -1994 يىلى خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى لى پېڭنىڭ ئۆزبېكىستانغا قىلغان زىيارىتىدىن باشلانغان بولۇپ، ئۇ چاغدا ئىككى دۆلەت نۇرغۇن ئورتاق كېلىشملەرگە قول قويۇشقان ئىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۆزبېكىستاندا چەكلىنىپ، نۆۋەتتە ئۆزبېكىستاندا بىرمۇ ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتى بولمىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەندى.
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن خىتايغا ياردەملىشىپ، ئۆزلىرى بىلەن مەدەنىيەت، ئۆرپ ئادەت ۋە تىل- ئەدەبىيات جەھەتتىن شۇنچە يېقىن بولغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ماقۇل بولىدۇ؟ چۈنكى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق، ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى باستۇرۇشتا خىتاينىڭ ياردىمىگە ئېرىشمەكچى.
ئاپتور ن ت تارىمى ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا، ئۆزبېك-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ -11سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا ئېلىپ بارغان خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە يېقىندىن ياردەملەشكەنلىكىنى، ھەتتا ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشى ئۈچۈن ھەربىي بازا ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنى كۆرسەتتى. گەرچە خەلقئارا جەمئىيەت ئۆزبېك-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ، ھاكىم مۇتلەق ئۆزبېك ھۆكۈمىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىدىغان بىر ھاكىمىيەتكە ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىككى يىلدىن كېيىنكى ھازىرقى ئۆزبېك ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. ( پەرىدە )