4 - ئىيۇن ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينى چاڭگىلىغا ئالغان ئۈچ چىرىك پادىشاھلىق (1)

0:00 / 0:00

ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە تۇرىۋاتقان مۇستەقىل يازغۇچى، سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ "خىتايدىكى 80 يىللىق كوممۇنىست چاپقۇنى" دېگەن كىتابى خەلقئارادا بىر قەدەر كەڭ دائىرىلىك تەسىر قوزغىغان كىتابلارنىڭ بىرى.

4-ئىيۇن ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۈچ پادىشاھلىق

لىن باۋخۇا ئەپەندى "خىتايدىكى 80 يىللىق كوممۇنىست چاپقۇنى" دېگەن سىياسىي ئوبزورلار توپلىمىنى "لىن فېڭ" دېگەن ئەدەبىي تەخەللۇس بىلەن نەشر قىلدۇرغان. بۇ كىتابتا بايان قىلىنىشىچە، 1989 - يىلىدىكى " 4 - ئىيۇن ۋەقەسى" دىن كېيىن، پۈتۈن خىتاينى 3 چىرىك پادىشاھلىق چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان، ئۇنىڭ بىرى دېڭ شاۋپىڭ جەمەتىنىڭ قورال ئەتكەسچىلىك پادىشاھلىقى، يەنە بىرى لى پېڭ جەمەتىنىڭ ئېلېكتىر قۇۋۋىتى پادىشاھلىقى، ئۈچىنچىسى، جاڭ زېمىن جەمەتىنىڭ ئۇچۇر- ئالاقە پادىشاھلىقىدىن ئىبارەت دەپ مۇلاھىزە قىلغان.

لىن باۋخۇا ئەپەندى ھازىر ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە تۇرىدۇ. ئۇ ھېچقانداق بىرەر پارتىيىگە بېقىنمايدىغان ياكى بىرەر ھوقۇقلۇق ئەربابقا ياللىنىپ، ئۇنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئىش قىلىپ جان باقمايدىغان، بەلكى تامامەن ئۆزىنىڭ قەلىمىگە تايىنىپ، ھەر كۈنى جاپالىق ئىشلەپ، راستچىللىق بىلەن ماقالە يېزىپ، مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ كىتاب نەشر قىلىپ تۇرمۇش كۆچۈرىدىغان مۇستەقىل يازغۇچى.

لىن باۋخۇا ئەپەندى مىنىڭ سوئالىمغا جاۋاپ بېرىپ، ئۇ مەزكۇر ماقالىنى يازغاندا، دېڭ شاۋپىڭنىڭ قورال ئەتكەسچىلىك پادىشاھلىقىنىڭ رەڭلىك مېتال شىركىتى دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ شىركەتلىرى خوڭكوڭدا پاي چېكىنى بازارغا سالغان چوڭ شىركەتلەر ئىدى. 1997 - يىلى دېڭ شاۋپىڭ ئۆلگەندىن كېيىن بۇ شىركەتلەرنىڭ پائالىيىتى ئاجىزلاپ قالغان، جاڭ زېمىننىڭ ئۇچۇر - ئالاقە پادىشاھلىقى ئاللىقاچان تىكلىنىپ بولغان، لى پېڭنىڭ ئېلېكتىر قۇۋىتى پادىشاھلىقىمۇ مەۋجۇت ۋاقىت ئىدى. ھازىر "4 - ئەۋلاد رەھبەرلىك يادروسى" دەپ ئاتالغان خۇ جىنتاۋ دەۋرىدىمۇ بۇلارنىڭ تەسىرى يەنىلا مەۋجۇت. خۇجىنتاۋ بىلەن ۋېن جاباۋ بۇ پادىشاھلىقلارغا چېقىلماقچى بولغان ئىدى، ئەھۋالدىن قارىغاندا ھازىر يەنىلا ئۇنى تەۋرىتەلەيدىغاندەك ئەمەس، دېدى .

كوممۇنىستىك پارتىيە ئۆزىنى ساقلاپ ئېلىش ئۈچۈن خەلقنى باستۇردى

لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ "خىتايدىكى 80 يىللىق كوممۇنىست چاپقۇنى" دېگەن كىتابىنىڭ " 4 - ئىيۇن ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان ئۈچ چىرىك پادىشاھلىق" دېگەن قىسمىدا بايان قىلىنىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا، خىتايدا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھاكىمىيىتىگە ئەڭ قاتتىق زەربە بېرىپ، ئۇنى ئامالسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان ۋەقە دەل بېيجىڭدا يۈز بەرگەن خىيانەتچىلىككە، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن پارتلىغان ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ھەرىكىتى. بۇ ھەرىكەتتىن ئەجەللىك زەربىگە ئۇچرىغان كوممۇنىست پارتىيە دەرھال ئۇنى قوراللىق باستۇردى. كوممۇنىست پارتىيە بۇ ھەرىكەتنى باستۇرغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭدىكى پارىخورلۇق -چىرىكلىك تېخىمۇ تەرەققى قىلدى، بۇ چاغدا يەنە "راستچىللىق، رەھىمدىللىق ۋە سەۋرىچانلىق" نى تەشەببۇس قىلىدىغان فالۇنگوڭ ھەرىكىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراشقا باشلىدى. كوممۇنىست پارتىيە فالۇنگوڭنى يوقاتماي تۇرۇپ ئۆزىنىڭ چىرىك سىياسىي ئورنىنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

ۋاسىتە تاللىمايدىغان دەۋر

لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ "خىتايدىكى 80 يىللىق كوممۇنىست چاپقۇنى" دېگەن كىتابىدا بايان قىلىنىشىچە، 89 - يىلىدىكى 4 - ئىيۇن ۋەقەسى كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھاكىمىيىتىگە بىۋاستە تەھدىت بولۇپ شەكىللەنگەن ئىدى. شۇڭلاشقا "8 قېرى" بىراقلا قۇتراپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەينى ۋاقىتتا پەقەت ياڭ شاڭكۇنلا مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولغاندىن باشقا، دېڭ شاۋپىڭ، چېن يۈن، ۋاڭ جېن، قاتارلىق 7 قېرىنىڭ ھېچقايسى سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزاسى ئەمەس ئىدى، لېكىن ئۇلار جەم بولۇپ چىقارغان دېموكراتىك ھەرىكەتنى باستۇرۇش قارارىنى سىياسىي بيۇروغا ئىجرا قىلغۇزغان. "8 قېرى" بىرلىشىپ 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنى قوراللىق باستۇرغاندىن كېيىن، خۇددى ماۋزېدوڭ دەۋرى دۆلەتتىكى سىياسىي ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىمايدىغان دەۋر بولغانغا ئوخشاش، بۇ چاغدىكى دېڭ شاۋپىڭ دەۋرىمۇ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىش ئۈچۈن ھەرگىز ۋاسىتە تاللىمايدىغان دەۋر بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى جاڭ زېمىن دەۋرى بولسا، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ، سىياسىي ھوقۇقلار بىلەن ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى پۈتۈنلەي چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان دەۋر بولدى. بۇنداق چىرىكلەشكەن، مۇستەبىت دەۋر ئىھتىياجى ئۈچۈن، خىتاينى دېڭ شاۋپىڭ جەمەتىنىڭ قورال ئەتكەسچىلىك پادىشاھلىقى، لى پېڭ جەمەتىنىڭ ئېلېكتىر قۇۋىتى پادىشاھلىقى، جاڭ زېمىن جەمەتىنىڭ ئۇچۇر- ئالاقە پادىشاھلىقى چاڭگىلىغا ئالدى. بۇ چىرىك پادىشاھلىقلار "4 - ئەۋلاد رەھبەرلىك يادروسى" دەپ ئاتالغان خۇ جىنتاۋ ھوقۇق بېشىدا تۇرىۋاتقان ھازىرقى دەۋرىدىمۇ يەنىلا مەۋجۇت.