4- ئىيۇن ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينى چاڭگىلىغا ئالغان ئۈچ چىرىك پادىشاھلىق (2)


2005.12.12

لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ " 4 - ئىيۇن ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينى چاڭگىلىغا ئالغان ئۈچ چىرىك پادىشاھلىق" دېگەن ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، كوممۇنىست پارتىيىدە بىرسى ئەمەل تۇتسا، ئۇنىڭ پۈتۈن جەمەتى باي بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.

1989 - يىلى بېيجىڭدا جىددىي قوزغالغان دېموكراتىك ھەرىكەت دەل مۇشۇنداق خىيانەتچىلىككە، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قوزغالغان ئىدى، كوممۇنىست خىيانەتچىلىرى بۇ ھەرىكەتنى قوراللىق باستۇردى. بۇ ھەرىكەتنى باستۇرغاندىن كېيىن، كوممۇنىست پارتىيە خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، خىيانەتچىلەرنى قاتتىق جازالاش، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ بالا-چاقىلىرى سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشنى قەتئىي چەكلەش، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىنى سەرپ قىلىپ ئالىي دەرىجىلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ۋە چەتئەللەرنىڭ زىيارەت قىلىشىنى قەتئىي چەكلەش دېگەندەك قارارلارنى چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەممىسى يالغانچىلىق بولغاچقا، كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى پەقەت بۇنداق سىياسەتلەرنى پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ رەقىبلىرىنى يىقىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىيانەتچىلىك، چىرىكلىكتىن تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە يولغا قويدى.

مەنسەپ تۇتقانلارنىڭ جەمەتى باي بولدى

" 4 - ئىيۇن ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينى چاڭگىلىغا ئالغان ئۈچ چىرىك پادىشاھلىق" دېگەن ئوبزورلار بايان قىلىنىشىچە، خىيانەتچىلىك ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرىدىغانلار قوراللىق باستۇرۇلغان، كوممۇنىست پارتىيە ئىچىدە چىرىكلىك كەڭ كۆلەمدە ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان بۇ يىللاردا، دېڭ شياۋپىڭنىڭ كۈيئوغلى ئازادلىق ئارمىيە قورال -ياراق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ تۇرىۋاتقان خې پىرنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا، دېڭ شياۋپىڭنىڭ ئوغلى دېڭ بافاڭ، دېڭ جوتاڭ ۋە قىزلىرى دېڭ لىن، دېڭ نەت، دېڭ روھلارنىڭ بالا جەمەتلىرى چېن يۈئەننىڭ قىزى چېن ۋېيل، ۋاڭ جىننىڭ ئوغلى ۋاڭ جۈن، خوڭكوڭدىكى ئەڭ چوڭ باي لى جاچېڭ قاتارلىقلارنىڭ جەمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە خوڭ كوڭ، شاڭخەي، شېنجېن قاتارلىق شەھەرلەردە رەڭلىك مېتال ۋە قورال -ياراق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، يەر- زىمىن تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەرنى قۇردى. شىركەتلىرىنىڭ تىجارىتىنى تەدرىجى ھالدا ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارغا كېڭەيتىپ، ھەممە جايغا چاڭگال سېلىشقا باشلىدى.

لى پېڭ جەمەتى ئېلېكتىر قۇۋۋىتىنى قولىغا ئالدى

" 4 - ئىيۇن ۋەقەسىدىن كېيىن، پۈتۈن خىتاينى چاڭگىلىغا ئالغان ئۈچ چىرىك پادىشاھلىق" دېگەن ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، لى پېڭ 80 - يىللاردىن تارتىپلا 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتقىچە باش مىنىستىر بولۇپ تۇردى، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە 10 يىلدەك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى بولدى، ئۇ 20 نەچچە يىل ئىچىدە ئېلېكتىر قۇۋۋىتى ساھەسىدىن قول ئۈزمىدى. چوڭ سۇ قۇرۇلۇشلىرىنى بىنا قىلىپ شىنجاڭغا كۆچمەن يۆتكەشنى يولغا قويدى. بۇ يىللاردا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 89 19 - يىلى 4 - ئىيۇندا خىيانەتچىلىككە، چىرىكلىككە قارشى تۇرىدىغان دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى قوراللىق باستۇرۇشىدا چوڭ خىزمەت كۆرسەتكەن لىپېڭنىڭ ئوغلى لى شاۋپېڭ قوراللىق ساقچى قىسىملار بىلەن بىرلىشىپ باشلىقنىڭ تەستىق قەغىزىنى سېتىپ بېيىشقا باشلىغان ئىدى.

ئازادلىق ئارمىيە 80 - يىللاردا گۇئاڭدۇڭدا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇشقا باشلىغان ھامان لى پېڭنىڭ خوتۇنى جۇلىننى شىركەتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىكىگە تەكلىپ قىلدى. لى پېڭنىڭ ئوغلى ھازىر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېلېكتىر قۇۋۋىتىنى كونترول قىلىدىغان خۇانېڭ ئىقتىسادىي گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى (مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك باشلىق)، لى پېڭنىڭ قىزى خىتاي ئېلېكتىر قۇۋۋىتى دەپ ئاتىلىدىغان خەلقئارالىق شىركەتنىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى ۋە ئىجرائىي رەئىسى. لى پېڭ جەمەتىنىڭ قولى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ناھايىتى ئۇزۇن سوزۇلغان.

جياڭ زېمىن جەمەتى ئۇچۇر – ئالاقە ساھەسىنى چاڭگىلىغا ئالدى

" 4 - ئىيۇن ۋەقەسىدىن كېيىن، پۈتۈن خىتاينى چاڭگىلىغا ئالغان ئۈچ چىرىك پادىشاھلىق" دېگەن ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، بۇ مەزگىللەردە جاڭ زېمىننىڭ ئوغلى جاڭ ميەنخېڭ شاڭخەي مېتاللۇرگىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە ئۇ خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دېگەن مەنسەپلەرگە ئىگە بولۇش ئارقىلىق، بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ بايلىق مەنبەلىرىنى ئىگىلەشكە باشلىدى ۋە ئۇچۇر - ئالاقە ساھەسىدىكى بىر مۇنچە مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىلى بولۇۋالدى. بۇ چاغدا شاڭخەي بىرلەشمە مەبلەغ سېلىش شىركىتى دېگەندەك چوڭ شىركەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ئىز -دېرەكسىز يوقىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا جاڭ ميەنخېڭنىڭ ئىسمى قويۇلدى. جاڭ زېمىن بولسا دېڭ شاۋپىڭ جەمەتىنى بەزى جەھەتلەردە قولىنى تارتىش لازىملىقى ھەققىدە جىددىي ئاگاھلاندۇردى. جاڭ زېمىن جەمەتى مۇشۇنداق ۋاستىلار بىلەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۇچۇر - ئالاقە ساھەسىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈشكە باشلىدى.

خۇ جىنتاۋ دەۋرى

لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر بولسا 4 - ئەۋلاد يادروسى دەپ ئاتىلىۋاتقان خۇ جىنتاۋ دەۋرى. بۇ دەۋردە ئازادلىق ئارمىيە قورال - ياراق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئالماشتۇرىۋېتىلگەندىن كېيىن، دېڭ شاۋپىڭ جەمەتىنىڭ رەڭلىك مېتال، قورال -ياراق پادىشاھلىقىنىڭ ھەرىكىتى ئاجىزلاپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما جاڭ زېمىن بىلەن لى پېڭنىڭ چىرىك پادىشاھلىقى يەنىلا مەۋجۇت. گەرچە خۇ جىنتاۋ يېقىندا يۇقىرىقى پادىشاھلىقلارغا چېقىلماقچى بولۇپ، ئادەم يۆتكەش تەدبىرىنى قوللىنىپ باققان بولسىمۇ، ئەمما قۇربى يەتمەيۋاتىدۇ.

خۇ جىنتاۋ بىلەن ۋېن جاباۋ ئۆزلىرىمۇ ھازىر يۇقىرىقى چىرىك پادىشاھلىقلار بىلەن رىقابەت قىلىپ، ئەڭ يېڭى پەن - تېخنىكا ساھەسىدە يەنە بىر يېڭى پادىشالىق تىكلەشكە تىرىشىۋاتسا كېرەك. مەيلى نېمە بولسۇن، بۇمۇ چىرىكلىكنىڭ بىر قىسمى. كوممۇنىست پارتىيە خىيانەتچىلىككە، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قوزغالغان ھەرىكەتنى باستۇرۇپ، خىيانەتچىلىك-چىرىكلىكنى تېخىمۇ ئەۋج ئالغۇزدى. قاراڭغۇ جەمئىيەت كىشىلىرىدە ئاز - تولا مەرتلىك -مەردانىلىق بار، كوممۇنىستلاردا شۇنداق نەرسىمۇ يوق. ھازىر خەلق بىلەن كوممۇنىستلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي پەرق بارغانسىرى زورايماقتا. خەلقنىڭ ئۇلارغا بولغان نەپرىتى ھەسسىلەپ ئۆرلىمەلتە. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.