ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى سىياسىي پاناھلىق مەسىلىسى (2)

0:00 / 0:00

سىياسى پاناھلىق مەسىلىسى، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئەڭ جىددى قىزىقىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ئەمما، خىتاينىڭ سىياسى بېسىمى ۋە زىيانكەشلىكى تۈپەيلىدىن چەتئەللەرگە قېچىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان خېلى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار، سىياسى پاناھلىق تىلەش جەھەتتىكى خەلقئارالىق پرىنسىپلار ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەللەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى قانۇن – تۈزۈملىرى ھەققىدە يېتەرلىك دەرىجىدە مەلۇماتقا ئىگە بولمىغىنى ئۈچۈن، ئۇلار سىياسى پاناھلىق تىلەش جەريانىدا ھەرخىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، شۇڭا ئىستانسىمىزىنىڭ گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق ئوبزورچىسى پەرھات مۇھەممىدى، بۈگۈندىن ئېتىبارەن سىزلەرگە، خەلقئارالىق قانۇن – قائىدىلەر ۋە ياۋروپا بىرلىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا، سىياسى پاناھلىق ھەققىدە مەخسۇس ئىلمىي ساۋات بېرىدۇ.

بۈگۈنكى پۇروگراممىمىزدا ئالدى بىلەن، سىياسى پاناھلىق تىلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ.