
گەرچە خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى 2 - ئاپرىل كۈنى رىم پاپاسى جون پائۇل 2 نىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن بولسىمۇ، بېرىلگەن خەۋىرى 100 خەتتىن ئېشىپ كەتمىگەن بولۇپ، مەزمۇن جەھەتتىمۇ پەقەت پاپىنىڭ تۇغۇلغان يىل ۋە ئاي، كۈنى، ئۇنىڭ پاپالىققا سايلانغان ۋاقتى ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونترولى ئاستىدىكى خىتاي كاتولىك دىنى ۋەتەنپەرۋەرلەر جەمئىيىتى بىلەن خىتاي كاتولىك دىنى بىرلەشمىسىنىڭ رىم پاپاسى كېسەل مەزگىلىدە ئۇنىڭدىن ھال سورىغانلىقى قاتارلىق ئاددىي مەزمۇنلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق كونترولى ئاستىدىكى ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدىمۇ رىم پاپاسى جون پائۇل 2 گە ماتەم بىلدۈرۈش ھەققىدىكى خەۋەرلەر پۈتۈنلەي چەكلەنگەن بولۇپ، بېرىلگەن خەۋەرلەر مەزمۇنى ناھايىتى ئاددىي بولغان شىنخۋا ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن خەۋەرلەر بىلەن ئوخشاش بولغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى رىم پاپاسى جون پائۇل ئىككى ۋاپات بولغان مەزگىلدە نۇرغۇن كاتولىك دىنى رەھبەرلىرىنى قولغا ئالدى
ئامېرىكىدىكى گۇڭ پىڭمېي ناملىق كاتولىك دىنى فوندى جەمئىيىتى ئېلان قىلغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، رىم پاپاسى جون پائۇل ئىككى ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى يەر ئاستى كاتولىك دىنى جەمئىيىتىنىڭ بىر نەپەر كاتولىك باش روھانىيسى بىلەن ئىككى نەپەر كاتولىك پوپى ياۋ لىياڭ، جاۋ كېشۈن ۋە ۋاڭ جىن لىن قاتارلىقلارنى قولغان ئالغان. ئۇلار يەنە 89 ياشقا كىرگەن باش روھانىي خې جىنلى بىلەن 71 ياشلىق باش روھانى جيا جىگولارنى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىغا ئاپىرىپ 24 سائەت نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرغان.
ئامېرىكىدىكى گۇڭ پىڭمېي ناملىق كاتولىك دىنى فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى گۇڭ مىنچۈەن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن باشلاپ ياشانغان كاتولىك دىنى رەھبەرلىرىنى قولغا ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم قىلدى.
سۆھبەت جەريانىدا، كاتولىك دىنى فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى گۇڭ مىنچۈەن بۇ ئىپىسكوپلارنىڭ قولغا ئېلىنىشىدىكى سەۋەپ، ئۇلارنىڭ رىم كاتولىك دىنىغا سادىق بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بېكىتىپ بەرگەن ۋەتەنپەرۋەر كاتولىك دىنى جەمئىيىتىگە كىرىشنى رەت قىلغانلىقىدىن كېلىپ چىققان. كاتولىك دىنى فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى گۇڭ مىنچۈەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خالىغانچە ئادەم تۇتىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ خېبېي ئۆلكىسىدىنلا 30 دىن ئارتۇق ئىپسىكوپلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ "بىر خېبېينىڭ ئۆزىدىلا 30 دىن ئارتۇق ئىپىسكوپنى قولغا ئالسا، مەملىكەت بويىچە قانچىلىك ئىپىسكوپنى قولغا ئالغاندۇ؟! " دەپ، ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئەھۋالدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇ ھەقتە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىنتايىن نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئېغىزدىكى بىلەن ئەمەلىيەتتىكى قارمۇ-قارشى
شۇ تاپتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ خىتايغا ياردەم قىلىش ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى فۇ شىچيۇ ئەپەندى رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا ھەدەپ دىنى ئەركىنلىك مەسىلىسى ھەققىدە چوڭ سۆزلەۋاتقان خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قاتتىق ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى:
"مەن ھازىر سىز بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىن زالى سىرتىدا سۆزلىشىۋاتىمەن. ئىچىدە 61 - نۆۋەتلىك دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى ئېچىلماقتا. شۇ تاپتا خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى قىلچە خىجىل بولماستىن خىتاينى "دىنى ئىتىقادتا مۇتلەق ئەركىن بولغان قانۇنىي دۆلەت " دەپ كۆرسەتمەكتە. بۇ پۈتۈنلەي ساختىپەزلىك، چۈنكى خىتايدىكى ئەمەلىي ئەھۋال ئۇلارنىڭ دېگىنى بىلەن پۈتۈنلەي قارمۇ- قارشى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي زاتلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ دىنى ئېتىقادىنى دەپسەندە قىلماقتا".
رىم پاپاسى جون پائۇلنىڭ ئارزۇسى
5 - فىۋرال كۈنى ئامېرىكا ۋول سترىت ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان " رىم پاپاسى ۋە خىتاي " دېگەن ماقالىدا، " خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رىم پاپاسى جون پائۇل ئىككى ۋاپات بولغان مۇشۇنداق پىر پەيتتە، مەتبۇئاتلارنى كونترول قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپلىگەن كاتولىك ئىپىسكوپلىرىنى قولغا ئالغانلىقى، ئۇلارنىڭ دىنىي پائالىيەت ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئىنتايىن چۆچۈيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ" دەپ كۆرسەتتى. مەزكۇر ماقالىدا يەنە خىتايدىكى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار سانىنىڭ 12 مىليونغا يېتىدىغانلىقى ھەمدە كاتولىك دىنى ۋەتەنپەرۋەرلەر جەمىئىيىتىدىكىلەرنىڭ ۋاتىكان بىلەن ئالاقىلىشىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى مەلۇم قىلىنغان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، رىم پاپاسى جون پائۇل ئىككى ھايات چېغىدا خىتايغا بېرىپ ئۆزىنىڭ كاتولىك دىنى قېرىنداشلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلغان. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان " ۋاتىكان ئالدى بىلەن تەيۋەن بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈشى كېرەك " دېگەن شەرت تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ خىتايغا بېرىش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋاتىكان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىغان تەغدىردىمۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار تۈپەيلىدىن، مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش مۇمكىنچىلىكى يوق دىيەرلىك بولغان.
دىن ۋە كوممۇنىزم ئىدىيىسى
ۋاشىنگىتوندىكى خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ۋۇ خۇڭدا ئەپەندى خىتاي - ۋاتىكان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، "كىشىلەرنىڭ دىنغا بولغان ئېتىقادىنى قاتتىق كونترول قىلىپ كېلىۋاتقان بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ھەر زامان دىنىي خادىملارغا كوممۇنىزىم ئىدىيىسىنى سىڭدۇرۇشنى ئويلايدۇ، ئۇلار رىم كاتولىكلىرىنىڭ خىتايغا بېرىپ كاتولىك ئىپىسكوپلىرىنى تەيىنلىشىگە ھەرگىزمۇ يول قويمايدۇ. شۇڭا مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەرقانداق سۆھبەتنىڭ نەتىجىلىك بولىشى مۇمكىن ئەمەس" دەپ كۆرسەتتى. (مېھرىبان)