بىر جۇڭگونى پارچىلاپ تاشلىغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى (1)

فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە تۇرىۋاتقان ۋۇ جاڭ، جاڭ يۇلۇ ئەپەندىلەر "بىر جۇڭگونى پارچىلاپ تاشلىغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى" دېگەن ماقالىسىدە، ئالدى بىلەن، بۇنىڭدىن ئۈچ يىل بۇرۇن خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ چەتئەللەر بىلەن ئالاقە باغلاش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى تاڭشۇبېي ئەپەندى پارىژ شەھىرىدىكى خىتاي بازىرىدا، ساياھەتكە كەلگەن مۇھاجىرلارغا زىياپەت بەرگەندە يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئەسلەپ ئۆتكەن. شۇ قېتىمقى ھەشەمەتلىك زىياپەتتە كوممۇنىست ئەمەلدارى تاڭ ئەپەندى" ئىككى قىرغاق مەسىلىسىگە دائىر ھەرقانداق سوئال بولسا ئوتتۇرىغا قويۇڭلار، بىز سۆزلىشەيلى" دېگەندە، ساياھەتچى مۇھاجىرلار ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ئەپەندى "1912 - يىلى سۈن جوڭسەن ئەپەندى "دۆلىتىمىزنىڭ نامى "جۇڭخۇا مىنگو" ، ئۇنىڭ قىسقارتىلمىسى "جۇڭگو" دەپ جاكارلىغان ئىدى. بۇنىڭغا 89 يىل بولدى. ئەمما كوممۇنىست پارتىيە ھازىر "دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 50 يىل مابەينىدە..." دەپ سۆزلەۋاتىدۇ. زادى "جۇڭگو"نى پارچىلىغان كىم؟" دەپ سورىغان ئىدى، تاڭ ئەپەندىنىڭ چىرايى دەرھال ئۆڭۈپ"سەن تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىدىن ئىكەنسەن، ئەگەر چوڭ قۇرۇقلۇققا بارساڭ دۇمبا يەيسەن" دەپ ۋارقىرىدى. زىياپەت بۇزۇلدى. زىياپەت ئەھلى بۇ سوئال خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تىتاڭ تومۇرىغا تىگىپ كەتتى.... دېيىشتى.

"بىر جۇڭگونى پارچىلاپ تاشلىغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى" دېگەن ماقالىدە خىتاينىڭ 1920 - يىللاردىكى ئەھۋالىنى ۋە پارچىلانغاندىن كىيىنكى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن تەيۋەن ئارىلىدىكى جۇڭخۇا مىنگونىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دەپ بايان قىلىنغان: سۈن جڭسەن قۇرغان جۇڭخۇا مىنگودا، 1920 - يىللاردا خەلقنىڭ توپلىنىش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، سۆزلەش، نەشر قىلىش، ماكانلىشىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش يولغا قويۇلۇشقا باشلىغانلىقتىن، 1921 - يىلى 7 - ئايدا قۇرۇلغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەركىنلىك پارتىيىسى، ھەتتا بۇددا دىن پارتىيىسى دېگەن پارتىيىلەرمۇ قانۇن جەھەتتە كاپالەتكە ئىگە بولغان. شۇ ۋاقىتتا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىمۇ قانۇنلۇق ھالدا سايلام ئارقىلىق ھۇقۇق يۈرگۈزىدىغان پارتىيىگە ئايلىنالىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن جۇڭگونى پارچىلاش يولىغىلا ماڭدى. ئۇ جۇڭگو زېمىنىدە "سوۋېت ھۆكۈمىتى" دەپ ئاتىلىدىغان ھۈكۈمەتلەرنى قۇرىۋالدى. ئاخىر جۇڭگو 1949 - يىلى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كىيىن، تەيۋەندە شۇ ۋاقىتتا يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان دېموكراتىيە ھازىرغا قەدەر تەدرىجى ھالدا مۇكەممەللەشتۈرۈلمەكتە. ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى جۇڭگونى پارچىلاپ قۇرغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە 50 نەچچە يىلدىن بۇيان دېموكراتىيە مەۋجۇت ئەمەس.

"بىر جوڭگونى پارچىلاپ تاشلىغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى" دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، بۆلگۈنچىلىكنى ماۋزېدۇڭ باشلىغان. ماۋزېدۇڭ 1919 - يىلىدىلا "شاڭجاڭ ئوبزورلىرى" دېگەن ژورنالدا جۇڭگونى پارچىلاپ بىرمۇنچە كىچىك جۇمھۇرىيەتلەرگە ئايلاندۇرۇشقا تەييارلىق كۆرگەن ئىدى. 1920 - يىلىغا كەلگەندە، ماۋزېدۇڭ ئۇچۇق ئاشكارا ھالدا خۇنەندە چىقىدىغان داگوڭباۋ گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ "خۇنەننى خۇنەنلىكلەر ئۆزى ئىدارە قىلىدۇ" ، "خۇنەننى گۈللەندۈرۈشتىكى تۈپ مەسىلە --- خۇنەن جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش"تىن ئىبارەت دەپ جاكارلىغان، ھەتتا "خۇنەن ئاساسى قانۇنى" دېگەن قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنىڭدىكى جۇڭگونى بىرمۇنچە كىچىك جۇمھۇرىيەتلەرگە پارچىلايدىغان سىياسى نىشاننى شۇ يىلى 10 - ئايدا خۇنەندە ئۆتكۈزۈلگەن 10 مىڭ كىشىلىك يىغىلىشتا ۋەز ئېيتىپ جاكارلىغان. ئەمما ماۋزېدۇڭ ھاكىمىيەت قۇرىۋالغاندىن كىيىنلا، خەلققە بەرگەن ھەممە ۋەدىسىدىن تىنىۋېلىپ، مۇستەبىت تۈزۈمنىلا يولغا قويدى.

"بىر جۇڭگونى پارچىلاپ تاشلىغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى" دېگەن ماقالىدە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ بۆلگۈنچىلىك قىلىش ئىدىيىسى نەدىن كەلگەن، دېگەن مەسىلە توغرىسىدا بايان قىلىنىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى 1991 - يىلى 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئۆزىنىڭ گۇمران بولغانلىقىنى رەسمى جاكارلىغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەخپى ئارخىپلىرى دۇنياغا ئاشكارا بولدى. ئۇنىڭدا مەلۇم بولىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ باشقا پارتىيە - گۇروھلارغا ئىشپىيون كىرگۈزۈپ ئارىغا سوغۇقچىلىق سالىدىغان "بىرلىكسەپ" سىياسىتى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەينى ۋاقىتتا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە ۋەخپى ھالدا تاپشۇرغان ۋەزىپىلەر ئىدى. كوممۇنىزم ئىنتېرناتسئونالى 1920 - يىلى 8 - ئايدا موسكۋادا ئېچىلغان 2 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن خىتاي ئىشلىرىغا قول سېلىشقا باشلىغان. كوممۇنىزم ئىنتېرناتسىئونالىدىن مارىڭ ئەپەندى 1921 - يىلى 6 - ئايدا "يىراق شەرقتە كوممۇنىزم ئىنتېرناتسىئونالىنىڭ بىر شۆبىسىىنى قۇرۇش ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغىلى شاڭخەيگە كەلگەن. ئۇ 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 1 - قورۇلتېيىغا قاتناشقان. ( بۇ ئارخىپ ئارقىلىق بىزگە مەلۇم بولدىكى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزىنىڭ 1 - قورۇلتېيىنى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئېچىلدى دېگىنى يالغان). مارىڭ ئەپەندى قۇرۇلتايدا "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى گومىنداڭ پارتىيىسى دائىرىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك" دەپ يوليورۇق بەرگەن. مارىڭ ئەپەندى 1922 - يىلى 8 - ئايدا يەنە ئىنتېرناسىئونالنىڭ ۋەكىللىرىدىن كارىل رادىك، ئادافىيوفلار بىلەن بىللە بېيجىڭغا كەلگەن. ئۇلار 8 - ئاٍينىڭ 28 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىدىكى شىخۇ كۆلىدە ئېچىلغان مەركىزى كومىتېتنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتناشقان. ئۇلار يىغىندا كوممۇنىزم ئىنتېرناسىئونالىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى گومىنداڭغا ئەزا بولۇپ كىرىشى كېرەك" دېگەن يوليورۇقىنى يەتكۈزگەن. 1923 - يىلى 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئادافىيوف بىلەن سۈنجوڭسەن ئەپەندى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ گومىنداڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلەشكەنلىكىنى جاكارلىغان. شۇنىڭدىن كىيىن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى جۇڭگونى ھەرخىل يول بىلەن پارچىلايدىغان پائالىيەتلىرىنى باشلىغان. (ۋەلى) (داۋامى بار)