بىر جۇڭگونى پارچىلاپ تاشلىغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى (2)

فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە تۇرىۋاتقان ۋۇ جاڭ، جاڭ يۇلۇ ئەپەندىلەرنىڭ "بىر جۇڭگونى پارچىلاپ تاشلىغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى"دېگەن ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيسىنىڭ 1920 - يىللاردىكى يېتەكچىسى چېن دۇشۇ ئەپەندى ئېلان قىلغان ئەسلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، كوممۇنىزم ئىنتېرناتسىئونالىنىڭ ۋەكىلىگە سۈن جوڭسەن ئەپەندى "كوممۇنىستلار گومىنداڭغا كىرگەن ئىكەن، ئۇلار چۇقۇم گومىنداڭنىڭ نىزامنامىسىغا بوي سۇنۇشى كېرەك، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، بىز ئۇلارنى گومىنداڭدىن چىقىرىۋىتىمىز، ئەگەر بۇ مەسىلىسدە سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىست پارتىيسى ئۇلارغا يان باسسا، بىز سوۋېت ئىتتپاقىغا قارشى تۇرىمىز" دېگەن، بۇ شەرتكە كوممۇنىزم ئىنتىرناتسىئونالىنىڭ ۋەكىلى قۇشۇلغان ئىدى. ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى گومىنداڭغا قارىتا ئوڭچى، ئوتتۇرىچى، سولچى دەپ 3 كە ئايرىپ مۇئامىلە قىلىۋەردى. يەنى بىر قىسىمى بىلەن بىرلىشىش، ئىككىنجى بىرقىسمىنى ئۈزىگە تارتىش، يەنە بىر قىسمىغا زەربە بىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋەردى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئاغزىدا "ھەمكارلىق" دەپ ئاتىسىمۇ، ئەمما ئەمىلىيەتتە ھەمكارلاشمىدى. مەسىلەن، "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىلەن گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ ھەمكارلىقى" جاكالىنىپ بولغاندىن كىيىن، خىتاي كومممۇنىست پارتىيىسىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن چېن دۇشىۇ ئەپەندى 9231 - يىلى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 3 - نۆۋەتلىك پارتىيە قورۇلتېيىدا "گومىنداڭنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش" دېگەن پىلاننى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي كوممۇنىست پارتىىيسى 80 يىل بۇرۇن سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ يوليۇرۇقى بۇيىچە ئىش قىلىپ گومىنداڭغا قارىتا قوللانغان "3 كە ئايرىپ پارچىلاش" سىياسىتىنى، ئۇنىڭدىن 40 يىل كىيىنكى "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" دېگەن ھەرىكەتتىمۇ قوللاندى. ئەمدى بۆگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا خوڭكوڭلۇقلارغا قارىتا مۇشۇنداق 3 كە بۆلۈپ پارچىلاش سىياسىتىنى قوللىنىۋاتىدۇ.

"بىر جۇڭگونى پارچىلاپ تاشلىغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى" دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ "شاڭخەيدە 1927 - يىلى 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، جاڭكەيشى ھۈكۈمىتى ئىشچىلار تەرتىپ ساقلاش ئەترىتىنى قورالسىزلاندۇرغاندىن كېيىن خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى بىلەن گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ ھەمكارلىغى بۇزۇلدى" دېگەن تەشۋىقاتى كەمكۈتىسىز يالغانچىلىق. خۇبېي خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 80 يىلىىق تارىخىدا بولۇپ ئۆتكەن ۋاقەلەر" دېگەن كىتابتا "ھەمكارلىق"نى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بۇزغانلىقىنىڭ پاكىتلىرى بايان قىلىنغان. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 1923 - يىلى 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، 3 - نۆبەتلىك پارتىيە قورۇلتېيىنىڭ 1 - ئومۇميىغىنىدا گومىنداڭ بىلەن ھەمكارلىشىشنى قارار قىلغاندىن كىيىن، ئۇ، ئەمىلىيەتتە "جوڭگو"نى پارچىلاش بىلەن شۇغۇللاندى. خىتاينىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى "نىڭگاڭ قوزغىلىڭى" دەپ ئاتالغان ۋاقەنى 1926 - يىلى 8 - ئايدا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن لوڭ جاۋچىڭ "گومىنداڭنىڭ كۈزەتكۈچىسى" دېگەن نام بېرىپ قوزغىغان. 1926 -يىلى 11 - ئايدا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن جۇدﯤ، لىۇ بەيچېڭلار گومىنداڭ نامى بىلەن سىچۇەنگە بېرىپ قوزغىلاڭ ئۇيۇشتۇرغان. 1927 - يىلى 11 - ئايدا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن جاۋشىيىڭ، لويىنوڭلارمۇ گومىنداڭ نامى بىلەن شاڭخەيدە قوزغىلاڭ تەشكىللىگەن. 1927 - يىلى پۇكۇ پورتىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ "لېنىن" ناملىق پارىخوتىغا قاچىلانغان كوممۇنىزم تەشۋىق ۋاراقلىرى تېپىلغان. شۇنىڭدىن كىيىن ئەينى ۋاقىتتىكى جوڭگو ھۈكۈمىتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۈكۈمتى ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت بۇزۇلدى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ "خىتاي كوممۇنىست پارتىسى بىلەن گومىنداڭ ھەمكارلىقى" دېگەن ھەمكارلىقمۇ بۇزۇلدى.

فىرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە تۇرىۋاتقان ۋۇ جاڭ، جاڭ يۇلۇ ئەپەندىلەرئېلان قىلغان "بىر جۇڭگونى پارچىلاپ تاشلىغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى"دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىلەن گومىنداڭنىڭ ھەمكارلىقى" دەپ ئاتالغان ھەمكارلىق بۇزۇلغاندىن كىيىن، "ماۋزېدوڭ تاللانما ئەسەرلىرى"دە "ئىنقىلابى بازا" دەپ ئاتالغان تەپرىقىچى ھۆكۈمەتلەر ھەممە جايدا پەيدا بولدى. خىتايدىكى دەرسلىك كىتابلاردا ھازىرمۇ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى قىلچە نۇمۇس قىلماستىن تۇرۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۈزى "بىر پۈتۈن جوڭگو"نى پارچىلاپ قۇرغان سوۋېت ھۈكۈمىتى، جىڭگاڭسەن ئىنقىلابى بازىسى، چېگرا رايون ھۈكۈمىتى دېگەن تەپرىقىچى ھاكىمىيەتلەرگە مەدىھىيە ئۇقۇۋاتىدۇ. ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەت قۇرۇشتىن بۇرۇن بارلىق قۇۋلۇق - شۇملۇق، ھېلە - مىكىرىلەرنى قوللىنىپ، ھەتتا ئەينى ۋقىتتا يولغا قۇيۇلغان دېموكراتىيەدىن پايدىلىنىپ گومىنداڭنى ۋە بىر جوڭگونى پارچىلاپ تاشلىدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۈزى ھاكىمىيەت قۇرغاندىن كىيىن بولسا، يەنە شۇنداق ۋاستە قوللىنىپ خەلقتە دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك بولىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.