خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى سىياسىي يۈزلىنىش


2004-09-16
Share

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى -16نۆۋەتلىك -4 ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى -16سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا چاقىرىلدى. جىياڭ زېمىن ھەربىي ھوقۇقىنى تاپشۇرۇشى مۇمكىنمۇ؟ خۇجىڭتاۋ قانداق قىلىپ ھوقۇقنى نارازەت قىلىپ، چېرىكلىككە زەربە بېرىدۇ؟ دېگەن تېمىلار نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىككى چوڭ مەسىلىسى ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ 198 نەپەر ھەيئەت ئەزاسى -16سېنتەبىردىن -19سېنتەبىرگىچە 4 كۈن بېيجىڭدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ -16نۆۋەتلىك -4ئومۇمىي يىغىنىنى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي تېما قىلىشى، خىتاي كومپارتىيىسى تارىخىدا تۇنجى قېتىملىقى ھېسابلىنىدۇ.

جىياڭ زېمىن ھەربىي ھوقۇقنى تاپشۇرامدۇ-يوق؟

مەزكۇر يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە نۇرغۇن ماقالىلار ئېلان قىلىنىپ، خىتاي كومپارتىيىسى يۇقىرى قاتلىمىدىكى ھوقۇق كۆرىشى ئاساسلىق مۇنازىرە قىلىدىغان تېما بولغان ئىدى. بۇنىڭدا كىشىلەرنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلگىنى، خىتاي مەركىزى ھەربىي كومىتېت رەئىسى جىياڭ زېمىن پارتىيە ئىچىدە كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان تۈرلۈك بېسىملار ئاستىدا ھەربىي ھوقۇقنى دۆلەت رەئىسى خۇجىڭتاۋغا تاپشۇرامدۇ-يوق؟ دېگەن مەسىلە بولدى. ئەمما بەزى بىر قىسىم كۈزەتكۈچىلەر بولسا، جىياڭ بىلەن خۇ ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ كىشىلەر ئويلىغاندەك ئۇنداق كەسكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خوڭكوڭ شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفىسسورى جېڭ يۈشو، بۇ يىل 78 ياشقا كىرگەن جىياڭ زېمىننىڭ قاچانلا بولمىسۇن بەرىبىر تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى، چۈنكى بولمىدى دېگەندە -2007يىلىدىكى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ -17قۇرۇلتىيىدا ھوقۇقىنى چوقۇم ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، "روشەنكى، خۇجىڭتاۋ بىلەن ۋېن جىياباۋ ۋاقىتنىڭ ئۇلار تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى، شۇڭا جىياڭ بىلەن قارشىلىشىشنىڭ ئەھمىيىتى يوقلىقىنى بىلىدۇ. چۈنكى بۇ خەتەرلىك ۋە مۇقىملىققا پايدىسىز. ئۇلار جىياڭ زېمىننى بىۋاستە قارشىلىشىش ئەمەس، بەلكى ئاستا-ئاستا سىقىپ چىقىرىش ئۇسۇلى بىلەن بىر تەرەپ قىلماقچى" دەپ كۆرسەتتى.

خۇجىڭتاۋ پارتىيە ئىچىدىكى چىرىكلىكنى يوقاتماقچى

خوڭكوڭدىكى سىياسىي ئانالىزچى ليۇ سەنچەننىڭ بىلدۈرىشىچە، خۇجىڭتاۋ تەختكە چىققان ئىككى يىلدىن بۇيان، ھوقۇق كۈرىشى ئەمەس، بەلكى پارتىيە ئىچىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشىقا بەكرەك كۆڭۆل بۆلگەن. شۇنداقلا ئۇ، چىرىكلىك مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ بىردىن- بىر ئۇسۇلىنىڭ ھوقۇقنى نازارەت قىلىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن.

خۇجىڭتاۋ گەرچە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، غەربنىڭ دىموكراتىك تۈزۈمىنى قوللانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ سۆزىدە، غەرب ئىدىيىسى بولغان "ھوقۇق ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىنمىسا، چىرىكلىك ۋە ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ" دېگەن قاراشنى كۆپ قېتىم ئەسكەرتتى.

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سىياسىي ئانالىزچى "بېيجىڭ باھارى" ژورنىلىنىڭ تەھرىرى خۇپىڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ، خۇجىڭتاۋنىڭ غەربنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنى ئۈگەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىشىدىكى سەۋەپنىڭ، ئاساسلىقى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بۇنى ئۈگەندۇق دەپ گۇمران بولۇپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە مۇنداق ئانالىز قىلدى. "خۇ جىڭتاۋ غەرب سىياسىي تۈزۈلمىسىنى قاملاشتۇرالماسلىقتىن ئەڭ ئەندىشە قىلىدۇ. گەرچە ئۇ پارتىيە ئەمەلدارلىرىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ۋە ناچار ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئەگەر بۇ چاغدا خەلقنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەش چارىسىنى قوللىنىپ قالسا، ئۇ چاغدا خىتاي كومپارتىيسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشى تەس بولىدۇ."

ليۇ سەنچەن بۇ ھەقتە، ھازىر خىتاي كومپارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ سىياسىي ئىسلاھاتنى، ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىماسلىق ۋە كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈمنى يولغا قويماسلىق دېگەن چەكلىمە ئىچىدە ساقلاپ قېلىۋاتقانلىقىنى، خۇجىڭتاۋنىڭمۇ مانا مۇشۇ ئاساستا، ھوقۇقنى تەڭشەش ۋە چىرىكلىكنى يوقۇتۇش چارىسىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇجىڭتاۋنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش چارىلىرى كۆپ قېتىم مەغلۇپ بولغان

سىياسىي ئانالىزچى خۇپىڭ، خۇجىڭتاۋنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 50 يىللىقىدا قىلغان چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەققىدىكى ھەرخىل چارىلىرىنىڭ ھېچقانداق بىر يېڭى نەرسە ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەر قېتىمدا مەغلۇپ بولۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ھازىرغا قەدەر ھېچكىم پارتىيە ئىچى ئىسلاھاتىغا بىرەر پىشقان لايىھە سۇنغىنى يوق. ئۇلار ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان تۈرلۈك ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى كۈرمىڭ قېتىم يولغا قويۇلۇپ باققان نەرسىلەر. ئۇنىڭ ھېچقانداق ئۈنىمى يوق. مەسىلەن، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەت، پارتىيە ئىچىدىكى دىموكراتىيە دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ".

خوڭكوڭدىكى سىياسىي ئانالىزچى ليۇ سەنچەنمۇ ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا ئانچە ئۈمىدلىك قاراپ كەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خۇجىڭتاۋنىڭ بۇ مەسىلىدە زادى قانچىلىك قەدەم باسالايدىغانلىقىنى ئەمەلىيەت ئىسپاتلاپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي كومپارتىيىسى -16 نۆۋەتلىك -4 ئومۇميىغىنىدا ئاساسلىقى چىرىكلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشتىن سىرت يەنە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ھەققىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن. چۈنكى خىتاي رەھبەرلىرى نۆۋەتتە چىرىكلىك مەسىلىسىنىڭ ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت