"ئۇلۇغ ئېرا گېزىتى" نىڭ 26 - ئۆكتەبىر سانىدا جىن جوڭ ئەپەندىنىڭ "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئەجەللىك نوقتىسى" سەرلەۋھىلىك بىر مۇلاھىزىسى ئېلان قىلدى. بۇ مۇلاھىزىدە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تۈپ سىياسىتى خەلقنى سۆزلەش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشتىن ئىبارەت بولغانلىقى، كوممۇنىست پارتىيە بۇ مەقسەت ئۈچۈن خەلققە قولىدىن كەلگەن ھەممە قۇۋلۇق-شۇملۇقنى قىلغانلىقى، قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە ھەر قانداق ۋەھشى ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشقا تەييار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
جىن جوڭ ئەپەندى ماقالىسىدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 50 نەچچە يىللىق تارىخىدىكى ماۋ زېدوڭ قوزغىغان ئېچىلىش - سايراش، چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش، دېڭ شاۋپىڭ قوزغىغان ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، جاڭ زېمىننىڭ "قاتتىق زەربە بېرىش" ھەرىكىتى ۋە خۇ جىنتاۋنىڭ "پارتىيىنىڭ ھوقۇق تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش" شۇئارى قاتار تارىخىي ۋەقەلەرنى ئەسلەپ - سېلىشتۇرۇپ، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئەجەللىك نۇقتىسىنى كۆرسەتكەن.
ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى قالپاق كىيگۈزۈش، كۈرەشكە ئېلىش
جىن جوڭ ئەپەندى ماقالىسىدا ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىكى قالپاق كىيگۈزۈش ۋە كۈرەشكە ئېلىشنى ئەسلەپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تۈپ سىياسىتى خەلقنى گەپ قىلغۇزماسلىق، يەنى خەلقنى سۆزلەش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشتىن ئىبارەت بولدى. مەسىلەن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قانداقلىقى بىر نەچچە يىللىق ئەمەلىيەتتە سىنالغان ئىدى. شۇڭلاشقا خەلق كوممۇنىست پارتىيىگە باھا بېرىشكە، ھەتتا پارتىيىنى تەنقىتلەشكە باشلىغاندا، 1957 - يىلى ماۋ زېدوڭ "ھەممە بەس - بەستە سايراش" ، "سۆزلىگۈچىدە گۇناھ يوق" دېگەن يالغان سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ پۈتۈن خەلقنى كوممۇنىست پارتىيىگە پىكىر بېرىشكە چاقىردى.
خىتايدا ھەر ساھە زىيالىيلىرى چوڭ قىزغىنلىق ۋە سەمىمىيلىك بىلەن كوممۇنىست پارتىيىگە پىكىر بەردى، ھەرخىل مۇۋاپىق تەكىلىپلەرنى قويدى، خاتالىقلارنى تەنقىت قىلدى. ئۇلار سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ماۋ زېدوڭ ئۇنى "سوتسىيالىزمنىڭ ئەۋزەللىكىنى يوققا چىقارغانلىق"، "كوممۇنىست پارتىيىگە قارشى تۇرغانلىق" دەپ دەپ جاكارلاپ ، مىليونلىغان زىيالىيغا "ئوڭچى" دېگەن قالپاقنى كىيگۈزۈپ، ئۇلارنى دىكتاتور ئاستىغا ئالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە "چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش" دېگەن ھەرىكەتنى قوزغىدى. بۇ ھەرىكەت جەريانىدا 3 يىل ئىچىدە 30 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئاچارچىلىقتا ئۆلدى. بۇنىڭغا نارازى بولغانلارغا يەنە "ئوڭچىللىق" دەپ قالپاق كىيگۈزدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ماۋ زېدوڭ "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" دېگەن ھەرىكەتنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قايتىدىن تارتىپ چىقىرىپ نادان بالىلارغا كۆرەشكە ئالغۇزدى. بۇ ھەرىكەتتە يەنە بىر نەچچە ئون مىليون بىگۇنا ئادەم ئۆلدى. دېمەك، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تۈپ سىياسىتى خەلققە زومىگەرلىك قىلىش ۋە خەلقنى سۆزلەش ھۇقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشتىن ئىبارەت بولدى. ماۋ زېدوڭ تا ئۆلگىچە خەلقنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكىنى چەكلەپ خەلق بىلەن قارشىلىشىپ ئۆتتى.
دېڭ شاۋپىڭ دەۋرىدىكى قوراللىق باستۇرۇش
جىن جوڭ ئەپەندى ماقالىسىدا دېڭ شاۋپىڭ دەۋرىدىكى قوراللىق باستۇرۇشنى ئەسلەپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، دېڭ شاۋپىڭنىڭ نوپۇزى ماۋ زېدوڭدەك مۇتلەق ئۈستۈنلىككە ئېگە ئەمەس ئىدى. بەزى سىياسى قېرىلار ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايتتى. شۇڭلاشقا ئۇ ماۋ زېدوڭنىڭ تۇتقان يولىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، 1978 - يىلى ئالدى بىلەن "ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى" ھەققىدە مۇنازىرە باشلاپ، بۇ ئارقىلىق خۋا گوفېڭنىڭ "ماۋزېدوڭ بىكىتكەنلىكى نەرسىنى ئۆزگەرتمەسلىك" دېگەن سىياسىتىنى رەت قىلدى. ئۇنىڭغا ئۇلاپلا "ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش" دېگەن سىياسەتنى قوللىنىپ ۋە ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە دېگەننى كۆپرەك تەكىتلەپ، بۇ ئارقىلىق خەلقنى ئەركىنلىككە باشلاپ سىياسى قېرىلارنىڭ باستى. ئەمما بۇ يىللاردا خەلقئارادا كوممۇنىزمنىڭ گۇمران بولۇشىغا ئەگىشىپ، خىتايدىمۇ كوممۇنىست پارتىيىگە، سوتىسيالىزمغا قارشى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىك ھەركەت ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان ئىدى. خىتايدا زىيالىيلار ئەركىنلىشىپ سۆزلەشكە باشلىغاندا، خىيانەتچى- چىرىك ئەمەلدارلارنى جازالاشنى تەلەپ قىلغاندا، دېڭ شاۋپىڭ دەرھال ئۇلارنى قوراللىق باستۇردى. سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق، ماۋ زېدوڭ زىيالىلارنى "كۆپىنچىسىنى قولغا ئالماسلىق، بىرنىمۇ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلماسلىق، تەنقىد قىلىپ، نازارەت ئاستىغا ئېلىپ ئۆزگەرتىش" دېگەن سىياسەتنى قوللىنىپ قالپاق كىيگۈزۈپ، كۈرەشكە ئېلىپ، قىناپ-ئازاپلىغان بولسا، دېڭ شاۋپىڭ بىۋاستە ھالدا زىيالىيلارنى قورال بىلەن ئېتىپ قانلىق باستۇردى. (ۋەلى)