جىن جوڭ ئەپەندى ماقالىسىدا خەلقئارادا كوممۇنىزمنىڭ ۋە كوممۇنىست پارتىيىلەرنىڭ گۇمران بولغانلىقى ۋە ئەمما خىتايدا كوممۇنىزمنىڭ نامى ئۆزگەرتىلىپ، كوممۇنىست پارتىيە ئۆزىنى ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇپ قالغانلىقى ھەققىدە توختالغان.
خىتايدا كوممۇنىزم ئۆزگەردى ئەمما كوممۇنىست پارتىيە ئۆزگەرمىدى
جىن جوڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خەلقئارادا كوممۇنىزم ۋە كوممۇنىست پارتىيىلەر ئۆزى دەسلەپتە پەيدا بولغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا لېنىن، ستالىن، مالىنكوۋ، خېروشېۋ، بىرىƀنېۋ، گورباچېۋ قاتارلىق 8 ئەۋلاد رەھبەرنىڭ ئىدارە قىلىشى جەريانىدا، 80 يىللىق ئەمەلىيەت ئارقىلىق سىنالغاندىن كېيىن ئاخىر گۇمران بولدى. رۇسىيە ۋە 8 ياۋرۇپا دۆلىتى ھەممىسى بۇرۇن ئۆزلىرى ئېتىقات قىلغان كوممۇنىزمدىن ۋە كوممۇنىست پارتىيىدىن ۋاز كېچىپ، ھېچبىر ئىككىلەنمەستىن ئۆزلىرى تەنقىد قىلغان، قارشى تۇرغان كاپىتالىزىمغا ماڭدى. بۇ دۆلەتلەردە خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئەسلىگە كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. كوممۇنىزمدىن ۋاز كەچمىگەن، داۋاملىق تۈردە "ئۇلۇغ داھى" نىڭ ئۇلۇغ سىياسىتى داۋاملاشتۇرىلىۋاتقان خۇددى شىمالى كورىيىدەك دۆلەتتە، ھازىرغا قەدەر پۈتۈن خەلقنىڭ 50٪ ئى ئاچارچىلىقتا ئۆلۈپ بولدى. خىتايدا بولسا، كوممۇنىست پارتىيە ئۆزىنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر تۇتاش سوتسىيالىزمنىڭ نامىنى ۋە كوممۇنىزمنىڭ نامىنى "خىتايچە سوتسىيالىزىم"، "شاۋكاڭ" دېگەن ناملارغا ئۆزگەرتىۋالدى. ئەمما كوممۇنىست پارتىيە ئۆزى ئۆزگەرمىدى . بەلكى بۇ كوممۇنىست پارتىيە شۇنىڭدىن تارتىپ پەقەت ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۆزىنى قانۇنلۇق قىلىش ئۈچۈنلا خەلق بىلەن داۋاملىق قارشىلىشىپ كەلمەكتە.
جاڭ زېمىن ئاتقان پو
خىتايدا جاڭ زېمىن ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنى ھەممىنىڭ "ۋەكىلى" دەپ ئېلان قىلىپ، ھەدەپ قوراللىق ساقچى قوشۇنلىرىنى كېڭەيتىپ، خەلققە قارىتا "قاتتىق زەربە بېرىش" دېگەن قانۇنسىز ھەرىكەت قوزغاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان خەلقنى باستۇردى. خەلق ئىچىدىكى ئەنئەنىۋى دىنى ئېتىقاتلارنى باستۇردى. جاڭ زېمىن بۇنىڭدىن 11 يىل بۇرۇن "ماركسىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزم ئەگەر فالۇنگوڭنى 3 ئايدا يېڭەلمىسە، كۈلكىگە قالمامدۇ" دەپ پو ئاتقان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن فالۇنگوڭ داۋاملىق تەرەققى قىلدى، 10 نەچچە يىلدا 60 نەچچە دۆلەتكە كېڭەيدى. بۇ دەۋردە پۈتۈن خەلقنىڭ كوممۇنىست پارتىيىگە، سوتىسيالىزمغا بولغان قارشىلىقى بارغانسىرى ئەۋج ئالدى. مانا بۇمۇ سىناقتىن ئۆتكەن ئەمەلىيەت.
خۇ جىنتاۋنىڭ پارتىيىنى قۇتقۇزۇش شۇئارى
خىتايدا خۇ جىنتاۋ ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن، ئادالەتسىزلىككە چىداشلىق بېرەلمىگەن خەلق يۇقۇرىغا ئەرىز سۇنۇش، نارازىلىق بىلدۈرۈش قاتارلىق قانۇنلۇق شەكىل بىلەن كۈرەش قىلىشقا باشلىدى. كوممۇنىست پارتىيە پۈتۈن مەملىكەتتە خەلقنىڭ نارازىلىقى، لەنەت - نەپرىتى ئاستىدا قالدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا خۇ جىنتاۋ كوممۇنىست پارتىيىنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن "كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھوقۇق تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇش" دېگەن شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ مەنىسى يەنىلا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ دىكتاتورلىقىنى ئاشۇرۇش ۋە داۋاملاشتۇرۇش، كوممۇنىست پارتىيىنى قايتىدىن كۈچلەندۇرۇش دېگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس.
كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئەجەللىك نوقتىسى
كوممۇنىست پارتىيە 50 نەچچە يىلدىن بۇيان خىتايدا خەلقنى كوممۇنىزم ۋە سوتسىئالىزمدىن ئىبارەت تۇيۇق يولغا، ھالاكەت يولىغا، مەغلۇبىيەتكە باشلىدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى خەلقنى بۇ يولغا ماڭغۇزۇش ئۈچۈن خەلقنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكىنى، نەشرىيات ئەركىنلىكىنى قاتتىق چەكلەش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. خەلق بۇ يولدا سىياسى جەھەتتە قاتتىق ئېزىلدى، ئىقتىسادىي جەھەتتە خانىۋەيران بولدى. بۇنىڭ پۈتۈن جەرياننى ئەسلەپ كۆرىدىغان بولساق، كوممۇنىست پارتىيە خەلقنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكى، نەشرىيات ئەركىنلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىشتىن ئەڭ قورقىدۇ، مانا بۇ، كوممۇنىست پارتىيە ھەممىدىن بەك قورقىدىغان مەسىلە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئەجەللىك نوقتىسى. جىن جوڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتايدا خەلقنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكى، نەشرىيات ئەركىنلىكى، يەر - زىمىن ھۇقۇقى، سايلاش - سايلىنىش ھۇقۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھۇقۇقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلسە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە ئورۇن قالمايدۇ. (ۋەلى)