خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر (3)
2004.11.01
سۈن فېڭ ئەپەندىنىڭ " كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ماھىيىتى زومىگەرلىك" سەرلەۋھىلىك بىر مۇلاھىزىسى "خەۋەرلەر مەجمۇئەسى"دە ئېلان قىلىندى. سۈن فېڭ ئەپەندى ماقالىسىدا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ماھىيىتى زومىگەرلىك قىلىپ ھەممىنى ئىگەلىۋىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپلا قالماي، بەلكى كوممۇنىست پارتىيە خىتايدەك دۆلەتتە ھازىر خەلقنىڭ مۇھاسىرە ئىچىدە قالغانلىقىنىمۇ كۆرسەتكەن.
كوممۇنىست پارتىيىنىڭ زومىگەرلىك نەزىرىيىسى
سۈن فېڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ زومىگەرلىك نەزەرىيىسى "كوممۇنىزم" دېگەن قۇرۇق خىيال ئاساسىغا قۇرۇلغان. كوممۇنىست پارتىيە ئۆزىمۇ غايىسىنى "كوممۇنىزمنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت" يەنى ھەممىنى ئومۇمنىڭ قىلىۋېتىش ئارقىلىق ھەممىنى ئۆزى ئىگەلىۋالىدىغانلىغىنى جاكالاپ كەلمەكتە. دېمەك، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ماھىيىتى "كوممۇنىزم" دېگەن قۇرۇق خىيالغا ئاساسەن يالغان سۆزلەش، ئالدامچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئىنسانىيەتتىكى رېئاللىقىنى يوققا چىقىرىش، ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئى شەكىللەنگەن ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى بۇرمىلاش، بۇزۇش، ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت بولدى. كوممۇنىست پارتىيە بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقنى "سىنىپ"قا ئايرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ خەلق ئىچىدە ئاداۋەت، ئۆچمەنلىك پەيدا قىلدى ۋە "سىنىپى كۈرەش" ئارقىلىق خەلقنىڭ ئەنئەنىۋى ئەدەپ ئۆلچەملىرىنى بۇزۇپ، شۇ ئارقىلىق ئاخىرقى ھېسابتا خەلقنىڭ پۈتۈن مۈلكىنى تارتىۋالدى. كوممۇنىست پارتىيە يولغا قويغان "سىنىپى كۈرەش" دېگەننىڭ ئەمىلىي جەريانى جەمىيەتتىكى ھەممە مەسىلىنى ھۆكۈمەتنىڭ قورال كۇچىغا تايىنىپ بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت بولدى. كوممۇنىست پارتىيىدە ۋەدىگە ئەمەل قىلىش، دۆلەتنىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلىش، قائىدىگە بۇي سۇنۇش، ئادالەت، ئىنسانپەرۋەرلىك دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس.
كوممۇنىست پارتىيىنىڭ پۈتۈن ھەرىكىتى ھەممىنى ئىگەلىۋىلىش
سۈن فېڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا كوممۇنىست پارتىيە قۇرۇلغاندىلا، ئۇنىڭ مەقسىدى باشقا ئەللەرگە تاجاۋۇز قىلىش، ھۇجۇم قىلىش ۋە ئۇنى ئىگەلىۋېلىشتىن ئىبارەت بولغان. ئۇ شۇ يول بىلەن ئۆز ئەتراپىدىكى تۈركىي ئەللەرنى ئىگەلىۋالدى. ئۇ ياۋروپادا، خىتايدا، كورىيىدە، ۋېتنامدا، ھەتتا كامبودىيەدىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش كوممۇنىست پارتىيە قۇرۇپ چىققان ئىدى. بۇ كوممۇنىست پارتىيىلەرمۇ ھەممىسى، خۇددى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىست پارتىيىسىگە ئوخشاشلا، ھوقۇق تۇتۇشتىن بۇرۇن باندىتلىق، بولاڭچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، ھاكىمىيەت قۇرغاندىن كېيىن ئۆز خەلقىغە زومىگەرلىك قىلىش، ۋە ئەتراپىدىكى ئەللەرگە تاجاۋۇز قىلىش بىلەن شۇغۇللاندى. ئاخىر 80 يىللىق ئەمىلىيەت ئارقىلىق خەلقئارادا كوممۇنىزم ۋە كوممۇنىست پارتىيە سىستېما جەھەتتىن پۈتۈنلەي گۇمران بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، خۇددى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىدەك ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا كوممۇنىزمدىن يۈز ئۆرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ تېخىچە خەلققە ئۆكتەملىك قىلىپ تۇرىۋاتقان پارتىيىمۇ ھازىر خەلقنىڭ مۇھاسىرىسى ئىچىدە قالدى.
كوممۇنىست پارتىيە خەلقنىڭ مۇھاسىرىسى ئىچىدە
سۈن فېڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مەركىزى كومىتىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇيىل 9 - ئاي ئىچىدىلا خىتايدا 170 تىن ئارتۇق شەھەر ۋە 390 دىن ئارتۇق ناھىيىدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلەر يۈز بەردى. بۇنىڭغا قاتناشقان ئادەم سانى 3 مىليون 110 مىڭدىن ئاشتى. بۇ نامايىشلار ئاساسەن دۆلەت ئېگىلىكىدىكى كارخانىلاردىن ئىشتىن بوشۇتۇلغان ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇشى قانۇنلۇق ئورۇنلاشتۇرۇلمىغانلىقى؛ ئىشچىلار ئىش ھەققىنى ئالالمىغانلىقى؛ خەلقنىڭ ئاساسى ھوقۇقى دەخل - تەرىزگە ئۇچرىغان ياكى تارتىۋېلىنغانلىقى؛ كوممۇنىست پارتىيە، ھۆكۈمەت، ساقچى، قانۇن ئورگانلىرىدا خىيانەتچىلىك - چىرىكلىك ئەۋج ئالغانلىقى؛ جەمىيەتتە ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش پەيدا بولۇپ، تۈۋەن تەبىقىنىڭ ئۇنىڭغا نارازى بولىۋاتقانلىقى؛ ھۆكۈمەتنىڭ جەمىيەتتىكى مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىشى ئادىل بولمىغانلىقى؛ يەرلىك ھۆكۈمەتلەر دېھقانلارنىڭ جان تومۇرى بولغان يەر - زېمىنىنى خالىغانچە ئېگەللىۋالغانلىقى؛ دېھقانلارغا قالايمىقان ئالۋاڭ- سېلىقلارنى كۆپەيتكەنلىكى؛ دېھقانلار ئىش ھەققىنى قولىغا ئالالمىغانلىقى؛ يېزىلاردا خىمىيە ئۇغۇت ۋە باشقا دېھقانچىلىق سايمانلىرىنىڭ باھاسى ئۆستۈرۈلۈپ دېھقانلارنىڭ سېلىقى ئاشقانلىقى؛ دېھقانلارنى مەجبۇرىي ھالدا ئۆستەڭ چاپىدىغان، يول ياسايدىغان ھەقسىز ئەمگەككە، يەنى ھاشارغا تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى قاتارلىق قانۇنسىزلىقلار تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان. ھازىر خىتايدا دېھقانلارنىڭ ھۆكۈمەتنى مۇھاسىرىگە ئالىدىغان قانۇنلۇق ھەرىكەتلەر بارغانسىرى ئەۋج ئالماقتا.
خۇجىنتاۋنىڭ مۇھاسىئىرىدىن قۇتۇلۇش شۇئارى
سۈن فېڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خۇجىنتاۋ قارىغۇ ئەمەس، پاڭ ئەمەس، دۆتمۇ ئەمەس، ئۇ خەلقنىڭ قارشىلىق نامايىشلىرىنى كۆردى، خەلقنىڭ غەزەپ - نەپرىتىنى ئاڭلىدى، خەلقنىڭ ئۆز ئەركىنىلىكىنى ۋە كىشىلىك ھۇقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندى. خۇجىنتاۋ دەل مۇشۇنداق شارائىتتا "پارتىيىنىڭ ھۇقۇق تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش" دېگەن شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىتايدا كوممۇنىست پارتىيە ھازىر ئۆزىنى خەلقنىڭ مۇھاسىرىسىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. سۈن فېڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۆرىشى، ماھىيەتتىن ئەيتقاندا، خەلقنىڭ كوممۇنىزمغا ۋە كوممۇنىست پارتىيىگە قارشى مەدەنىيەت كۆرىشىدىن ئىبارەت. (ۋەلى)