كوممۇنىست پارتىيىدىن چېكىنىش دولقۇنى ھەققىدە سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنىڭ كۆز قارىشى

0:00 / 0:00

"ئۇلۇغ ئىرا گېزىتى" دە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا، خىتايلارنىڭ چوكانتال بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ مۇستەبىت سىياسىتى تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتكەن بىگۇناھ خەلقنى ئەسلەش، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ بويۇملىرىنى كۆيدۈرۈپ ئۆزلىرىنىڭ ئەقىدىسىنى پاكلاشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان. بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان كىشىلەر "خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەت قۇرغاندىن بۇيانقى 55 يىل قان بىلەن بويالغان ۋە يالغانچىلىق بىلەن يېزىلغان تارىخ" دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى "پارتىيىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش" دېگەن سىياسىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي كومپارتىيىسىدىن چېكىپ چىققانلارنىڭ سانى 600 مىڭدىن ئاشقان.

خىتايدا پەيدا بولغان كوممۇنىست پارتىيىدىن چېكىنىش، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ بۇيۇملىرىنى كۆيدۈرۈش، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ تەسىرىنى تازىلاشنى تىل -يېزىقتىكى ئاتالغۇلاردىن باشلاش دولقۇنى ھەققىدە، ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق سىياسىي ئوبزورچى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى مۇخبىرىمىز ۋەلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.