نەنسى پېلوسى : جورج بۇش ئولىمپىك ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىشى كېرەك


2008.04.01

Pelosi-Dalay-200.jpg
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلۇسىنىڭ جۈمە كۈنى تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ دارامسالادىكى تۇرالغۇسىنى زىيارەت قىلدى. AFP Photo

بۈگۈن سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن ئامېرىكا كېڭەش پالاتا رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتى ۋە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش جەھەتلەردە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بەرگەن ۋەدىلىرىدە تۇرمىغانلىقى تۈپەيلى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ بۇ يىل 8 - ئاۋغۇست بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك يېغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.

ئولىمپىك ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسى ئوچۇق ‏ - ئاشكارا بولۇشى كېرەك

ئىلگىرى بۇش خىتاي پرېزىدېنت خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە خۇ جىنتاۋنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پېلوسى خانىم بۈگۈن ABC تېلېۋىزىيىسىگە بەرگەن زىيارىتىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشنىڭ باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىگە ئوخشاش ئىش كۆرۈپ بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش مەسىلىسىدە ئويلىنىپ كۆرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: "مېنىڭچە ئولىمپىك ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئىشىنى، باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قانداق قىلىشىغا قاراپ پرېزىدېنت بۇش كېيىن قايتا ئويلاپ كۆرۈشى كېرەك."

ئۇ يەنە ، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭمۇ ۋە باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭمۇ بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ياكى قاتناشماسلىق مەسىلىسىدە ئوچۇق ‏ - ئاشكارا بولغانلىقىنى ، شۇنداق بولغاندا ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە " مەنچە ئولىمپىك ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسى ئوچۇق ‏ - ئاشكارا بولۇشى كېرەك، شۇنداق بولغاندا خىتايغىمۇ ھۆرمەت كۆرسەتكەن بولىمىز "دېدى .

پېلوسى خانىم: "باشتىلا ئولىمپىك خىتايغا بېرىلمەسلىكى كېرەك ئىدى"

پېلوسى خانىم يەنە ئولىمپىكنىڭ خىتايغا بېرىلىشى مەسىلىسىدە توختىلىپ: "باشتىلا ئولىمپىك خىتايغا بېرىلمەسلىكى كېرەك ئىدى، لېكىن ئۇلار ئولىمپىكنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلار ۋەدىسى بىلەن ئېرىشتى، بىراق ئۇلار بۇ ۋەدىلىرىگە ۋاپا قىلغىنى يوق" دېدى.

پېلوسى خانىمنىڭ چاقىرىقىغا جاۋابەن ئاقساراي ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئولىمپىكىنىڭ پەقەت تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئىكەنلىكىنى ، سىياسىي بىلەن ئالاقىدار ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەقەت تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتى سەۋەبىدىنلا پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلماسلىقى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى .

پېلوسى خانىم : خىتاي كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ، ئاخباراتنى كەڭ قويۇۋېتىش ۋەدىلىرىدە تۇرغىنى يوق

بۈگۈن پېلوسى خانىم ئۆزىنىڭ ئولىمپىك مەيدانى ھەمدە خىتاي ھەققىدە ئېيتقانلىرى ئۈستىدە يەنە توختالدى ۋە ئۆزىنىڭ يېقىندا ھىندىستانغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا خىتاي ھەققىدە سەپسەتە تارقاتمىغانلىقىنى بەلكى خىتاينىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئاقلىمىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەت ئۈستىدە سۆز ئاچقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ھىندىستانغا بارغان چېغىمدا خىتاي ھەققىدە يالغان گەپ قىلغىنىم يوق، بەلكى خىتاينىڭ تىبەتتە نېمە قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ھەمدە خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلايمىز ۋە ئاخباراتنى كەڭ قويۇۋېتىمىز دەپ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا بەرگەن ۋەدىلىرىدە تۇرمىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەت ئۈستىدە توختالدىم."

خىتايدا بۇ يىل ئاۋغۇستنىڭ 8 - كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىگە دەل 130 كۈن قالدى، ئەمما خىتاي 2001 - يىلى ئولىمپىك ساھىبخانىلىقىنى ئېلىش ئالدىدا دۇنيا جاماتچىلىكىگە بەرگەن كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ، ئاخباراتنى كەڭ قويۇۋېتىش دېگەنگە ئوخشاش ۋەدىلىرىنىڭ بىرىدىمۇ تۇرغىنى يوق.

ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ 10 ‏ - مارت تىبەتتە ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشىنى زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرى ئىشلىتىپ باستۇرۇشى ، بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىكنى دۇنيا خاراكتېرلىك بايقۇت قىلىش ئىدىيىلىرىنى ئۇلغايتقان ئىدى.

ئانگېلا مېركېل ئولىمپىك ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

گەرچە ھازىر بىرەر دۆلەت بۇ ئولىمپىكنى پۈتۈنلەي بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسم غەرب ئەللىرى رەھبەرلىرى ئولىمپىك ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىشنى پولشا باش مىنىستىرى دونالد تۇسك جاكارلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مەزكۇر چاقىرىقىغا چېخ پرېزىدېنتى ۋاكلاۋ كلائۇس ئاۋاز قوشقان ئىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا ، 31 - مارت كۈنى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل خانىممۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئولىمپىك ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، فرانسىيە پرېزىدېنتى نەكولاس ساركوزىيمۇ ئۆزىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بايقۇت قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.