خىتاينىڭ يېڭى باج سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى باي قىلامدۇ؟

0:00 / 0:00

خىتايدىكى بايلار بىلەن كەمبەغەللەر كىرىم پەرقىنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىشى ئۇزۇندىن بېرى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز مەتبۇئاتلىرى ئەگەر خىتايدا "پۇقرالار ئارا بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى ھازىرقىدەك كۈندىن -كۈنگە چوڭلاپ كېتىۋەرسە، بۇ كەڭ كۆلەملىك توپىلاڭ چىقىشقا سەۋەبچى بولىدۇ"، دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتايدا دۆلەت پۇقرالىرىدىن ئېلىنىدىغان شەخسىي كىرىم بېجىنىڭ چەكلىمە سىزىقىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىش پىلانلانغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1980 - يىللاردىكى 800 يۇئەنلىك چەكلىمە سىزىقىنى 1600 يۇئەنگە ئۆزگەرتىش، تېخىمۇ تەپسىلىي بايان قىلغاندا، ئايلىق كىرىمى 1600 يۇئەندىن تۆۋەن بولغان خىتاي پۇقرالىرىدىن باج ئالماسلىق ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويماقچى بولغان بۇ ئىقتىسادىي سىياسەتنىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە نېمە مەنپەئەتى بار؟ بۇ مەسىلىدە ئىقتىسادىي پەنلەر بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان، ھازىر ئامېرىكىنىڭ ۋېرجىنىيا شىتاتىدا ياشاۋاتقان ئىليار شەمشىدىن ئەپەندىنىڭ قاراشلىرى قانداق؟