"خىتاي ئۇچۇر مەركىزى" ئېلان قىلىغان "خىتايدا كوممۇنىستىك پارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ پىنسىيە تەمىناتى جەھەتتىكى ئىمتىيازلىرى" ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردا بايان قىلىنىشىچە، جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پىنسىيە تۈزۈمىدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئەمەلدارلار ۋەزىپىدىن چىكىنىپ ئارامغا چىقىدۇ، 1949 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن بۇرۇن "ئىنقىلابى خىزمەتكە قاتناشقان" ئەمەلدارلار ۋەزىپىدىن ئايرىلىپ ئارامغا چىقىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
ئالاھىدە ئىمتىياز
ۋەزىپىدىن چىكىنىپ ئارامغا چىققانلار خىزمەت قىلغان يىل سانىغا ئاساسەن بەلگىلەنگەن نىسبەت بويىچە مائاش ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىنىدۇ، ۋەزىپىدىن ئايرىلىپ ئارامغا چىققانلار ئەمەلىيەتتە خىزمەتتىن چىكىنمىگەن، پەقەت خىزمەت قىلماي ئارام ئالىدىغانلار. ئۇلار تۇلۇق مائاش ۋە باشقا سۇغۇرتىلار بىلەن تەمىنلىنىدۇ. ئارامغا چىققان ئەمەلدارلارنىڭ قولىدا نەق ھوقۇق بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ ئالدىغا خوشامەتچىلەر كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدىغاندىن باشقا ئۆزگىرىش يوق. بۇلارنىڭ ئىچىدە دەرىجىسى يۇقىرى بولغانلىرى، بولۇپمۇ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بەھرىمان بولىۋاتقان ئىمتىيازلار ناھايىتى پەۋقۇلئاددە. ئەڭ پەۋقۇلئاددىلىرى مەركىزى كومىتېتتىن ئارامغا چىققانلار بولۇپ، ئۇلار بەھرىمان بولىۋاتقان ئىمتىيازلار بەكلا ئالاھىدە.
خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى تەشكىلات مىنىستىرلىقى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىزمەتتىن ئايرىلىپ ئارام ئېلىۋاتقان ئۆلكە دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ سانى 5537، ئۇلار نىڭ ھەر بىرىگە 3 - 5 كىچە مەخسۇس خىزمەتچى بېرىلگەن، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن بىر يىلدا 6 مىليون يۈەندىن ئارتۇق چىقىم بولىۋاتىدۇ. كوممۇنىست پارتىيىنىڭ تەيۋەن ئىشلىرىغا قويغان ئەمەلدارى ۋاڭ داۋخەننىڭلا بۇلتۇرقى بىر يىللىق چىقىمى 9 مىليون 470 مىڭ يۈەن، ئۇنىڭ مەخسۇس داۋالىنىش پۇلى 5 مىليون يۈەندىن ئاشقان. لى پېڭ، جاڭ زېمىن، ۋەنلى، ليۇخۇئاچىڭ قاتارلىق خىزمەتتىن ئايرىلىپ ئارام ئېلىۋاتقان دۆلەت دەرىجىلىك 12 نەپەر ئەمەلدار ئۈچۈن ھەر بىر كىشىگە 6 مۇھاپىزەتچى، 2 شوپۇر، ئىككى كۈتكۈچى، ئىككى كاتىپ، بىر ئاشپەز، بىر سېستىرا بېرىلگەن.
زىيادە چىقىم
ھازىر جاڭ زېمىن ئەڭ پەۋقۇلئاددە، ئۇنىڭ كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 17 - قۇرۇلتىيىغىچە ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىدىغان ئىدارە(نازارەت) باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 8 نەپەر خىزمەتچى تەيىنلەنگەن ئىشخانىسى بار. مەركىزى كومىتېتنىڭ سىياسى بيۇرو ئەزاسى دەرىجىلىك خىزمەتتىن ئايرىلىپ ئارام ئېلىۋاتقان 117 نەپەر ئەمەلدار ئۈچۈن ھەر يىلى 1 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق چىقىم بولىدۇ، ھەر بىر كىشى بېشىغا 10 مىليون يۈەندىن توغرا كېلىدۇ. ھازىر ئارام ئېلىۋاتقان مۇشۇ دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەك تۇرىدىغان مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى باشلىقى دېگەندەك ئەمەلدارلار ئۈچۈن ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ 2 ئايروپىلانى، ھەربىي كومىتېتنىڭ 2 ئايروپىلان، تۆمۈر يول سىستېمىسىنىڭ 3 يۈرۈش پويىزى ۋە 7 مەخسۇس ۋاگونى ھەر ۋاقىت خىزمەتكە تەييار. بېيجىڭدا ئازادلىق ئارمىيە باش دوختۇرخانىسىنىڭ ئالىي مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىپ تاپقان 3 داۋالاش گۇرۇپپىسى، شاڭخەيدە 2 داۋالاش گۇرۇپپىسى، گۇاڭجۇدا 1 داۋالاش گۇرۇپپىسى بۇلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا ھەر ۋاقت بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرىدۇ.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان 12 نەپەر ئەڭ ئالىي ئەربابنىڭ چوڭ شەھەرلەردە، ئارامگاھلاردا يەنە مەخسۇس تۇرالغۇلىرى ياكى داچىلىرى بار. بۇلار ئۆز يېنىدىن بىر پۇل چىقىم قىلماي مەخسۇس خەلقنىڭ پۇلى بىلەن بىنا قىلىنغان 'خىتايچە سوتىسيالىزم' دېگەن 'جەننەت’ تە ياشايدىغان كىشىلەر. خۇددى ماۋزېدوڭ ئېيتقاندەك پەۋقۇلئاددە ماتېرىيالدىن ياسالغان بۇ كوممۇنىستلار بىلەن خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا ئاسمان - زېمىن پەرق بار.
"خىتاي رەھبەرلىرىنى دوزاخقا سېتىۋېتەيلى"
"يېڭى ئەسىر جۇرنىلى" دا 1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، كۆپچىلىككە تۇنۇش بولغان "كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات مىنىستىرلىقىغا ئوت قويۇۋېتەيلى" دەپ ئوبزور يازغانلىقى ئۈچۈن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلىقىدىن قالدۇرۇلغان جاۋ گوبياۋ ئەپەندىنىڭ بىر ئوبزورى ئېلان قىلىندى. بۇ ئوبزوردا كوممۇنىست ئەمەلدارلار ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن.
ماۋ زېدوڭنى تالانتلىق ھەربي ئالىم دەيدۇ، ـــ دەپ بايان قىلىدۇ جاۋ گوبياۋ ئەپەندى ئوبزورىدا، ـــ مىنىڭ قارىشىمچە، ماۋ زېدوڭنىڭ "خەلق ئۇرۇشى" دېگەن نەزىرىيىسى، ئەمەلىيەتتە ھەممە دۆلەت پۇقرالىرىنى بەدىنىگە بومبا تېڭىپ جەڭگە ئاتلاندۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. دۇڭ سۇڭرۈي دېگەن شۇلارنىڭ بىرى. ماۋ زېدوڭنىڭ نەزەرىدە خەلقنىڭ ھاياتى ئەرزىمەس نەرسە. ئۇ پۈتۈن خەلقنى ئۆلۈمگە، ئوت دېڭىزىغا، يەنى دوزاخقا قاراپ مېڭىشقا سەپەرۋەر قىلغان. ئەگەر دۆلەت بىرەر مۇستەبىتنىڭ ياكى پادىشانىڭ قولىدا بولماي، خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ قولىدا بولسا، خەلق ئۆز دۆلىتىنى ئاڭلىق ھالدا قوغدايدۇ. ئەمما مەلۇم شەخسنىڭ دۆلىتىنى قوغدايدىغان مەجبۇرىيىتى يوق. مەن بۇرۇن جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى دېگەن بۇ دۆلەتنى قوغداش ئەمەس، بەلكى بۇ دۆلەتنى قانداق قىلىپ سېتىۋېتىش ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ كەلدىم. مەن بۇرۇن خىتاينى 100 يىلغىچە خىتايدىن باشلىق قويمايدىغان شەرت بىلەن ئامېرىكىغا سېتىۋېتەيلى دەپ پىكىر قىلغان ئىدىم. ــ دەيدۇ جاۋگوبياۋ ئەپەندى، ـــ ھازىر قارىسام دۆلەتنى ساتماي ئادەم ساتقان دۇرۇستەك قىلىدۇ. بۇ دۆلەتتكى ئاشۇ خەلق ئالدىدا قان قەرزى بار، خەلقنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغىدىغان "دۆلەت رەھبەرلىرى" دېيىلگەن بىر ئۇچۇم كىشىلەرنى بىۋاستە دوزاققىلا سېتىۋېتەيلى. (ۋەلى)