ئۇيغۇرلارنى بىردىن ئارتۇق بالا ئالماسلىققا نېمىلەر مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ ؟
2004.11.23
خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋېقاتلىرىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇسىنى كونتۇرۇل قىلىشتا ناھايىتى زور رول ئويناۋاتقانلىقىنى قەيت قىلماقتا. شۇنداقلا بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە، ئۇيغۇر ئېلىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭمۇ ئۆزلىكىدىن بىردىن ئارتۇق باقلا ئالماسلىققا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت بىرلا بالا ئېلىشىغا نېمىلەر سەۋەب بولىۋاتىدۇ؟
ئۇيغۇر ئېلىدىكى پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇسى شىددەت بىلەن ئېشىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە بالىلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى يىلدىن - يىلغا تۆۋەنلەۋاتقان بولۇپ، 2001 - يىلىدا بالىلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى 17٪كە يېقىن بولغان بولسا، بۇلتۇر ٪ 16كە چۈشكەن. مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىل بۇ نىسبەت يەنىمۇ تۆۋەنلەيدىكەن.
"بىر پەرزەنتلىك بولۇش كېلىشىمى"
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدىن باشقا مىللەتلەرنىمۇ پەقەت بىرلا پەرزەنتلىك بولۇشقا، ھەر خىل ئېتىۋار سىياسەتلىرى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ تەسىرىدە ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلارمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن پەقەت بىرلا بالا ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەرگە قول قويۇۋاتقان ئىكەن.
تەڭرىتاغ تور بېتىدە ئۆتكەن ھەپتە بۇ توغرۇلۇق بىر خەۋەر بېرىلگەن ئىدى. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيىلىرىدە پىلانلىق "تۇغۇت شەرەپنامىسى"، "يالغۇز پەرزەنت كۆرۈش شەرەپنامىسى" دىن ئىبارەت ئىككى خىل گۇۋاھنامىگە ئېرىشكەنلەر 590 مىڭ ئائىلىگە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 85 مىڭ ئائىلە يېزا قىشلاقلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىلىكلىرى ئىكەن.
بىر بالىلىق بولۇش ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسى
خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭمۇ نۆۋەتتە قانۇن يول قويغان ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى پەرزەنت ئېلىش ھوقۇقىدىن ئۆزلىكىدىن ۋاز كېچىشىنى، "ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ تۇغۇش مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققى قىلغانلىقى" دەپ تەشۋىق قىلماقتا.
كېلىشىم ۋە ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغىنى
ئەمما رادىئومىزغا تېلېفون قىلغان بەزى ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ قاتتىق يۈرگۈزىلىۋاتقانلىقىدىن باشقا، ھەر قايسى ئىدارە ئورگانلاردا قىز ئاياللارنى خىزمەتكە ئالغاندا، كېچىكىپ توي قىلىش، كېچىكىپ بالا ئېلىش ھەمدە بىرلا بالا ئېلىشقا ئوخشاش مەزمۇنلاردىكى كېلىشىملەرگە قول قويۇشنى شەرت قىلىدىغانلىقى، ئەگەردە بۇ كېلىشىمگە قول قويمىسا ياكى خىلاپلىق قىلسا، خىزمىتىدىن قۇرۇق قالىدىغانلىقى ھەم ئىقتىسادى ھەم روھى بېسىملارغا ئۇچرايدىغانلىقى، شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇرلارمۇ خىتاينىڭ بۇ خىل پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ماسلىشىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكى بىلدۈرمەكتە.
بەزى ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن بىر بالا ئېلىشنى تاللىدى؟
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت قانۇنىدا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ شەھەر ئاھالىلىرىغا ئىككى بالا ئېلىش، يېزا قىشلاق ئاھالىلىرىغا بولسا ئۈچ بالا ئېلىشقا رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغۇز بالا ئالغانلارنى ھەر جەھەتتىن مەنپەئەتلەندۈرۈپ، بىردىن ئارتۇق بالا ئالغانلارنى بولسا ھەر خىل ئىمتىيازلاردىن بەھرىمان قىلماسلىقى ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تەبىي ھالدا پەقەت بىرلا يالغۇز پەرزەنت كۆرۈشكە يۈزلەندۈرگەن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىشىگە سەۋەپ بولىۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياش ئاتا - ئانىلارنىڭ يالغۇز پەرزەنت ئېلىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقدىن ئەندىشە تۇيۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە نارازىلىقدىن چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان، گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان بەش پەرزەنتلىك بىر ئۇيغۇر ئانا مۇنداق دىدى:
(گۈلچېھرە)