مەتبۇئاتلاردا بىلدۈرىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇندا بېكىتىلگەن پېنسىيىگە چىقىش ياش بەلگىلىمىسنى ئۆزگەرتىپ ئۇنى ئۇزارتماقچى بولغانلىقى، خىتاي جەمىيىتىدە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان پېنسىيە پۇلىنى تارقىتىپ بېرەلمەسلىك سەۋىبىدىن ئىكەن.
خىتايدىكى ياشانغانلار سانىنىڭ كۆپىيىشىدىكى سەۋەپلەر
خىتايداھازىر يېشى 60 تىن ئاشقانلار ئومۇمى نوپۇسىنىڭ % 11 ئىنى ئىگىلىگەن. دىمەك بۇ، خىتاينىڭ ياشانغانلاردەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىنى كۆرستىپ بېرىدۇ. ئامېرىكا دىيۇك ئۇنىۋېرسىتىتى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى زىڭ يى ئەپەندىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە،خىتاي نوپۇسىنىڭ قېرىلىشىش سۈرئىتىنىڭ تېزلەپ كېتىشىدىكى سەۋەپ 50 - ۋە 60 - يىللاردىكى تۇغۇش نىسپىتىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى بولىشى ۋە 70 -يىللاردىن بۇيانقى تۇغۇش نېسپىتىنىڭ بىردىنلا تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئىكەن. خىتايدىكى ياشانغانلار سانىنىڭ كۆپىيىشى بۇندىن كېيىنكى 50 يىل ئىچىدە دۆلەت، جەمىيەت ۋە ئائىلىگە نۇرغۇنلىغان
مەسىلىلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن. پروفېسسور زىڭيى" خىتايدىكى پىشقەدەملەرسانى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئۆرلىمەكتە. بۇ پىشقەدەملەرنىڭ ھەممىسى دىگىدەك يېشى 80 دىن ئاشقان، باشقىلارنىڭ كۈتىشىگە ۋە بېقىشىغا مۇھتاج. 2000 - يىلى خىتايدىكى پىشقەدەملەر سانى تەخمىنەن 13 مىليون ئىدى. لېكىن 2050 - يىلىغا بارغاندا بۇ سان، يۈز مىليونغابارىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي ياشانغانلارنىڭ پېنسىيە پۇلىنى بېرىشتە زور مەسىلىلەرگە دۇچ كە لمەكتە
پېنسىيە پۇلى بېرىش ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ياشانغانلار دەۋرىگە قەدەم قويىشى بىلەن دۇچ كېلىدىغان ۋە ئۆزىنى قاچۇرغىلى بولمايدىغان مەسىلە بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۆزىنىڭ "خىتاي ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كاپالىتى سىياسىتى" ناملىق ئاق تاشلىق كىتاۋىدا بىلدۈرىشىچە: خىتاي پېنسىيەپۇلى بىخەتەرلىك تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشتا، 90 - يىللارنىڭ بېشىدىلا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان شۇنداقلا دۆلەت بىر تۇتاش پىلانى ۋە شەخسى ھىساۋات كىنىشكىسىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، پېنسىيە پۇلى بىخەتەرلىك خىزمىتىگە قاتناشقان ھەر بىر كىشىنىڭ ياشانغاندا دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا شەخسى ھىسابات ئېچىپ بەرگەن. شۇنداقلا ھىساۋاتنىڭ شەخسى، كارخانا ۋە دۆلەت تەرىپىدىن چىقىرىلغان پۇل ئارقىلىق توپلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. لېكىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ خىل تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشتا ئېغىر دەرىجىدە مەسىلىلەر يۈزبەرگەن بولۇپ،ھىساباتقا پۇل كىرمەي ئاق پېتى قالىدىغان ئەھۋال بەكمۇ ئومۇمىلاشقان.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئىقتىساد شۇناس خې چىڭلىيەن خانىم بۇ خىل قۇرۇق ھىساباتنىڭ مىقدارى ھەققىدە توختۇلۇپ، "خىتايدا ھازىر ھىساباتقا پۇل كىرمەي ئاق پېتى قالىدىغان ئەھۋال يىلدىن - يىلغا ئېغىرلاشماقتا. مەسىلەن 1997 - يىلى 14 مىليارد يۆەن پۇلنىڭ ئورنى يوق بولغان بولسا، 1998 - يىلىغا كەلگەندە ھىساباتقا كىرگۈزۈلمىگەن پۇلنىڭ سانى 45 مىليارد يۈەن بولۇپ، بىريىل ئۆتۈپلا، يەنى
1999 -يىلى ھىساباتتا يوق بولغان پۇلنىڭ سانى100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىمۇ پېنسىيە پۇلى مەسىلىسىنىڭ بۇنداق ئېغىربولىۋاتقانلىقىغا ئىقراربولدى.خىتاي ئەمگەك ۋە ئىجتىمائى كاپالەت مىنىستېرلىگىنىڭ باياناتچىسى خۇ شىاۋ يى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرھەر يىلى 3 - 4 يۈز مىلياد يۈەن پېنسىيە پۇلى ئاجرىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ پۇلنىڭ ھەممىسى دىگىدەك ئاساسەن پېنسىيىگە چىققان 36 مىليون كىشىگە تارقىتىپ بېرىش بىلەن تۈگەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دىمەك ھازىر تېخى خىزمەت ئورنىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ بۇندىن كېيىن پېنسىيىگە چىققاندائېلىشقا تېگىشلىك بولغان پۇلىنى بېرىشتە،خىتاي ھۆكۈمىتى ناھايىتى زور ئاۋارىچىلىقلارغا يولۇقىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى پىنسىيىگە چىقىش ياش بەلگىلىمىسىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىماقتا
پېنسىيە پۇلىنى بېرىشتە زور بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئەسلىدە ئۆز قانۇنىدا بېكىتىلگەن ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ پىنسىيىگە چىقىش ياش بەلگىلىمىسىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىماقتا.خىتايدىكى چىنخۇا ئۇنىۋېرسىتىتى ئىجتىمائى تەرەققىيات مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى سۈن لىپىڭ "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىنسىيىگە چىقىش ياش بەلگىلىمىسىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىشىدىكى ئەڭ ئاساسى سەۋەب كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان پېنسىيە پۇلى مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇش، شۇنداقلا ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتىن، ئۇلارنى بېقىش مەسئۇلىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش" دەپ بىلدۈردى.
مەلۇماتلاردا ئېيتىلىشىچە: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پېنسىيىگە چىققانلار پېنسىيە پۇلىنى ئالالمىغانلىقتىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ،ھەرخىل قارشلىق ھەركەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.بۇ خىل ھەركەتلەر جەمىيەتتە زور تەسىر كۆرسىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن چوڭ باش ئاغرىقى پەيدا قىلماقتا. (مىھرىبان)