خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى پەرزەنتلىرىنى چەتئەللەردە قايسى پۇل بىلەن ئوقۇتىۋاتىدۇ ؟
2004.11.22
ئامېرىكىدا نەشىر قىلىنىدىغان "ئۇلۇق ئىرا گېزىتى" دە بېرىلگەن مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، ھازىر خىتايدا ئەمەلدارلارنىڭ چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ياكى ئولتۇراقلاشقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق، چەت دۆلەت بانكىلىرىغا پۇل يۆتكەش ئەھۋالى ناھايىتى ئومۇملاشقان. ئۇلار ھەتتا چەتئەللەرگە يىلىغا نەچچە يۈز مىڭلاپ پۇل ئەۋەتىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ باياشاتلىق ئىچىدە ئوقۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەرمەكتە.
پۇل نەدىن كېلىدۇ؟
مەسىلەن خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنىدا ئىشلەيدىغان بىر رەھبىرى كادىر چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان قىزى ئۈچۈن يىلىغا 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئەۋەتىپ بەرگەن. خۇنەندىكى بىر تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى ئەنگىلىيىدە ئوقۇۋاتقان قىزىغا ھەر يىلى 200 مىڭ يۈئەن پۇل ئەۋەتىپ بېرىدىكەن. مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ خىل ئەھۋال ھازىر خىتاينىڭ ھەممىلا يېرىدە مەۋجۇت بولۇپ، ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان بىر ئەمەلىيەتكە ئايلانغان.
ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغىنى شۇكى، ئايلىق كىرىمى چەكلىك بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرى قانداق قىلىپ بالىلىرىنىڭ چەتئەللەردە ئوقۇشى ئۈچۈن بۇنچىۋالا كۆپ پۇل ئېشىنالايدۇ؟ بۇ پۇللار زادى نەدىن كەلگەن؟ نيو-يوركتا تۇرۇشلۇق خىتاي دېموكراتىيىچىسى تاڭ ئەفەندى بۇ ھەقتە ئۆز ئوي - پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ مۇندا1ق دېدى:
"ھازىرقى مەسىلە شۇكى، نورمال ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى ۋە ئىقتىدارى ناھايىتى چەكلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇنچىۋالا پۇل چىقىم قىلىپ، بالىلىرىنىڭ چەتئەلدىكى ئوقۇش پۇلىنى ۋە تۇرمۇش خىراجىتىنى چىقىرالىشى بەكمۇ تەسكە توختايدۇ. ئەمەلدارلارمۇ ئەگەر ھالال تاپقان ئىش ھەققى بىلەن بالىلىرىنى ئوقۇتىمىز دەيدىكەن، يېمەي - ئىچمەي يىققاندىمۇ بۇنداق جىق پۇلنى تاپالمايدۇ. دېمەك، ناھايىتى ئېنىقكى بۇ مەسىلە خىيانەت قىلمىشلىرىغا بىرىپ تاقىشىدۇ. خىتايدا ھازىر خىيانەت ۋە پارىخورلۇق مەسىلىسى ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. بۇ خىل ئەھۋالدا، ئاچكۆز ئەمەلدارلار ئۆزلىرىنىڭ خىيانەت قىلىپ تاپقان پۇللىرىنى ئىمكانىيەت بار چەتئەللەردىكى بانكىلارغا يۆتكەشنى ئويلايدۇ. بولۇپمۇ چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان بالىلىرى ئارقىلىق بۇ پۇللارنى ناھايىتى قولايلىق بىلەن يوشۇرۇپ قالالايدۇ. دىمەك بۇ پەقەت ئوقۇش پۇلى ئەۋەتىش مەسىلىسىلا بولۇپ قالماي، بەلكى چىرىكلىكنىڭ ناھايىتى ئېغىر بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ."
ئىككى خىل ئارقا كۆرۈنۈشتىكى ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق
سۆھبەت جەريانىدا، خىتاي دېموكراتىيىچىسى تاڭ ئەفەندى يەنە چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇۋاتقان ئاددىي پۇقرا ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئوقۇغۇچىلار بىلەن رەھبىرى كادىر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئوقوغۇچىلارنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دىدى:
"پەرق ناھايىتى ئېنىقكى ئادەتتىكى ئائىلىدىن كېلىپ چىققان ئوقۇغۇچىلار چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەشكە مەجبۇرى بولىدۇ، ئۇلارداۋاملىق ھالدا يېرىم ئىشلەپ، يېرىم ئوقۇيدۇ. ئاتا-ئانىسى مەملىكەت ئىچىدە ھوقوقدار بولغان ئوقۇغۇچىلار بولسا، ھەرگىزمۇ ئىشلەپ جاپا تارتمايدۇ، كېلىپلا ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تۇرمۇش سەۋىيىسىدە ياشىيالايدۇ. باياشاتلىق ئىچىدە ئوقۇشىنى يىلدىن - يىلغا داۋاملاشتۇرالايدۇ. دېمەك، بۇ خىل پەرقتىنمۇ شۇنى كۆرىۋالغىلى بولىدىكى مەملىكەت ئىچىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسى ئادەمنى چۆچۈتكىدەك ھالەتكە يەتكەن."
بىر ئۇيغۇرنىڭ قارىشى
گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئاگاھى ئەپەندى مەزكۈر مەسىلە ھەققىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبەت جەريانىدا، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى:
خىتاينىڭ يېڭى سىياسىتى
خىتاي ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر خىتايدا چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، رەھبىرى كادىرلارنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، بولۇپمۇ بالىلىرى چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئەمەلدارلار ئۆزلىكىدىن يىللىق كىرىمىنى يۇقىرىغا دوكلات قىلىش دېگەندەك بەلگىلىمىلەر بېكىتىلگەن. لېكىن، خىتاي دېموكراتىيىچىسى تاڭ ئەفەندى "بۇ خىل چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق چىرىكلىك مەسىلىسىنى توسۇپ قېلىش ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس" دەپ تەكىتلەپ، " كومۇنىست خىتاي پەقەت ئۆز قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتكەندىلا، ئاندىن بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئالالىشى مۇمكىن" دەپ بىلدۈردى.(مېھرىبان)