دوكتور قاھار باراتنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دوكلاتىغا بولغان قاراشلىرى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلار كومىتېتى سەيشەنبە كۈنى ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، مەزكۇر كومىتېتنىڭ خىتاي مەسىلىلىرى بويىچە تەييارلىغان دوكلاتىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ئىدى. خىتاي ئىشلار كومىتېتى 2000 - يىلى قۇرۇلغاندىن بېرى ھەر يىلى خىتاي ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات ھازىرلاپ كەلمەكتە.

دوكلاتتا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئاخبارات ئەركىنلىكىگىچە، ئاياللار ھوقۇقى ۋە دىنىي ئېتىقات ئەركىنلىكىدىن ئەيدىز مەسىلىسىگىچە بولغان كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنغان.

ئەمما ئامېرىكىدىكى بەزى زىيالىلار دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا تېگىشلىك قىسىمىنى يىتەرلىك ئەمەس، دەپ قارىماقتا. ئامېرىكىدىكى يېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.