رۇس مۇتەخەسسىسى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە


2004.10.27

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ تېرروزىمغا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش ھەمكارلىقلىرى كۈچەيگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر مەسىلىسى بۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

موسكۋا ۋە بېيجىڭنىڭ ئالى رەھبەرلىرىنىڭ ھەر بىر قېتىملىق ئۇچرۇشىشلىرىدا بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش قىلىش رامكىسى ئاستىدا ئۇيغۇر ۋە چېچەن مەسىلىلىرى سۆھبەت ئۈستىلىدىن ھەم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان سىياسىي ھۆججەتلەردىن ئورۇن ئالدى.

ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئەزەلدىنلا رۇس –خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە مۇھىم ھالقا ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشەنگەن رۇس سىياسەتچىلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ھەر بىر ئۆزگىرىشلەر جۈملىدىن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەقدىرلىرىگە دىققەت نەزىرىنى ئاغدۇرماي قالمىدى. دېمەك ، يېقىندىن بۇيان رۇسىيە ئانالىزچىلىرى يەنىلا خۇددى تارىختىكىگە ئوخشاشلا موسكۋا ئۈچۈن ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتمىغان ھەمدە كۈندىن– كۈنگە خەلقاراغا يۈزلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىشتا ئۆزلىرىنىڭ تېگىشلىك ئورنىنى ئىگىلىدى.

ئۇيغۇرلار رايون ئالاھىدىلىكى بويىچە مىللىي ھەركەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە

رۇس ئاپتورلىرىنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ ماقالىلارنىڭ بىرى يېقىندا موسكۋادا چىقىدىغان ئىنتېرنېت جۇرنىلى "دۇنياۋى مۇنازىرە" دە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، پاۋېل دراگان ئىسىملىك بۇ ئاپتور ئۆزىنىڭ " رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىككە ئائىت تېكىستلەردىكى ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىكى مەسىلىسى" ناملىق بۇ ئانالىزىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەبلەر ، ئۇنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭ خەلقارا ھەمدە خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەر ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزگەن.

ئۇ، ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ جايلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە خەلقارا سىياسىي، ئىجتىمائى-مەدەنىيەت تەسىرلىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشىچە؛ شەرقىي تۈركىستان ئەتراپتىكى مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش بويىچە تۆت رايونغا بۆلۈنىدۇ. تەڭرى تاغلىرى، ھىندۇقۇش ، پامىر ۋە كوئىنلۇن تاغلىرى شۇنىڭدەك، تەكلىماكان، جۇڭغارىيە چۆللۈكلىرى ئۇيغۇرلارنى تۈرلۈك رايون خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلىش رولىنى ئوينىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى بۆلۈڭەن ۋادىلار بويىچە ئەتراپتىكى مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرىگە يولۇققان.

ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تەسىرىگە ئۇچراش بويىچە تۆت خىل رايونى

پاۋېل دراگاننىڭ قارىشىچە؛ ئۇيغۇرلارنىگ جەنۇبىي رايونلىرى يەنى قەشقەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىم ۋادىسىنىڭ كۆپ قىسىمى فەرغانە ۋادىسىدىكى ئەندىجان، قوقاند ۋە ئوش قاتارلىق شەھەرلەر بىلەن تۇتاشقانلىقى ئۈچۈن بۇ جايلارنىڭ تەسىرىگە دۇچ كەلگەن. خوتەن ،ياركەنت بىر رايون سۈپىتىدە ھىندۇقۇش ۋە كوئىنلۇن تاغلىرى ئارقىلىق كېلىدىغان جەنۇبىي ھەم غەربىي ئاسىيانىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ جايلاردا ھىندى ۋە پاكىستان تەسىرى مەۋجۇت.

ئىلى ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭغارىيە يەتتە سۇ بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا رايونىنى شەكىللەندۈرگەن . مەزكۇر رايون يەتتە سۇنىڭ تەسىرىگە دۇچ كەلگەن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە ئۈرۈمچىدىن باشلانغان جايلار شەرقىي نۇقتا بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتايدىن كېلىدىغان تەسىر كۈچلىكرەك.مەزكۇر رۇس ئاپتورى ماقالىسىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى ئازادلىق كۈرەشلىرىدە بۇ خىل رايون خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكلەرنىڭمۇ بەلگىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئۇيغۇر مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلىش ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر

پاۋېل دراگاننىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە؛ ئۇيغۇر مەسىلىسى رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەگەر بۇ توغرا ھەل قىلىنمىسا ، خىتاينىڭلا ئەمەس بەلكى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايوننىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىشى مۇمكىن.

ئۇنىڭ قارىشىچە؛ رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىشى مۇمكىن بولغان ئاساسىي ئىككى خىل ئامىل مەۋجۇتتۇر.

بىرىنچىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مىللىي مەسىلىلەرنىڭ مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىنىشى؛ چۈنكى، ئەينى ۋاقىتتا كۆپ سانلىق مىللەت ھېسابلانغان ئۇيغۇرلار 90-يىللاردا ئاز سانلىققا ئايلىنىپ قالدى. ھازىرقى خىتاي رەھبەرلىرى رۇسىيە-خىتاي ئۇسۇلى بويىچە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ھەل قىلىشقا مايىل بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى بىلەن كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى تاقاش، خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن ياخشى شارائىتلارنى يارىتىش بەدىلىگە خىتاي نوپۇسلىرىنى ئېلىپ چىقىش ھەمدە ئۇيغۇرلارغا بولغان ئاسسىمىلاتسىيىنى كۈچەيتىش ۋە باشقىلارنى ئېلىپ بارماقتا. ئىككىنچىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش بەدىلىگە دىنىي تۇيغۇلىرىنى ئاجىزلىتىپ، ئىسلامىي ئىدىيىلەرنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىگە كۈچلىك تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

ئۇيغۇرلارنىڭ ھەركەتلىرىنى قامال قىلىش ئوتتۇرا ئاسىيانى كونتۇرول قىلىشنىڭ ئاساسى

ئاپتور ماقالىسىدە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتپەرۋەرلىك ۋە مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئۇسۇلى بىلەن يوقىتىشنىڭ بىۋاستە خىتاينىڭ قوشنا ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرگۈزىدىغان كونتۇروللۇق ئىستراتېگىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى تولۇق قامال قىلغاندىلا ئوتتۇرا ئاسىياغا نىسبەتەن مۇتلەق كونتۇروللۇق ئورنۇتالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئۇ ئاخىرىدا بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ مەزكۇر مەقسەتلەرنى نەزەرگە ئېلىپ، تەڭپۇڭ ۋەزىيەت يارىتىش ھەمدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان سىياسىتىنى مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.