خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنىڭ نۆۋەتتە خىتاي- ياۋروپا بىرلىكى مۇناسىۋەتلىرىدىكى بىر توسالغۇ بولىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ بۇ چەكلىمىنى بىكار قىلىشىنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىنكاسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ چەكلىمىنى بىكار قىلىشقا قارشى تۇرۇشىغا قارىتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەك سچوۋ (Jack Straw) بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايس (Condoleeza Rice)دۈشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۇچرىشىپ، خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش مەسىلىسىدە سۆھبەتلەشكەن. جەك سچوۋ سۆھبەت جەريانىدا كوندولىزا رايس خانىمغا، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بۇ يىل ئىچىدە بىكار قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، ياۋرپا بىرلىكىنىڭ يەنە، بۇ جازانى بىكار قىلىشتىن بۇرۇن يېڭىدىن تۈزۈم چىقىرىپ، خىتايغا قورال سېتىش بەلگىلىمىلىرىنى تېخىمۇ چىڭىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتايغا كىرىدىغان قوراللار سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ
ئامېرىكىنىڭ ئىزچىل قارشىلىقىغا ئۇچراۋاتقان بۇ مەسىلىگە قارىتا جەك سچوۋ يەنە، ياۋروپا بىرلىكىدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇرۇندىنلا خىتاينى قورال بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ياۋروپا بىرلىكى بۇ جازانى بىكار قىلىپ خىتايغا قورال ساتقان تەقدىردىمۇ، لېكىن خىتايغا كىرىدىغان قوراللار سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن يەنىلا بۇرۇنقىدىن كۆپ پەرق قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش مەسىلىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ياۋروپا بىرلىكى بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ بۇ ھەقتە توختالغان ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئىلمىي تەتقىقات ئورگىنى بولغان برۇكىڭس ئىنىستىتوتى(Brookings Institution) نىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار سىياسىتى ۋە ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى خۇاڭ جىڭ ئەپەندى، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا بىرلىكىنىڭ نۇرغۇن ئورتاقلىقلارغا ئىگە ۋە ئۇزۇن يىللىق يېقىن مۇناسىۋىتى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بۇ مەسىلە بىلەن يىرىكلىشىپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"تەسىرى بولىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنچە چوڭ ئەمەس. چۈنكى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا بىرلىكىنىڭ مۇناسىۋىتى ئەزەلدىن خېلى چوڭقۇر. بۇنداق بىر مەسىلە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۈپ توقۇنۇش يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ياۋروپا بىرلىكى قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى دېگەنلىك، ھەرگىزمۇ ئەمدى خىتايغا كۆپ مىقداردا قورال سېتىپ بېرىدۇ دېگەنلىك بولمايدۇ. بۇ جازا بىكار قىلىنغان بىلەن يەنە ئۇلار مۇزاكىرە قىلىدىغان نۇرغۇن تەپسىلاتلار بار. شۇڭا بۇ جازانى بىكار قىلىشنىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى ئەمەلىي ئەھمىيىتىگە قارىغاندا چوڭراق بولىدۇ".
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ناۋادا بۇ چەكلىمە بىكار قىلىنسا، خىتاينىڭ ئىلغار قوراللارغا ئىگە بولۇپ، بۇنى تەيۋەن ۋەزىيىتىگە ئىشلىتىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. ئەمما خۇاڭ جىڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە، نۆۋەتتە ياۋروپادىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىلغار قوراللارنىڭ يەنىلا ئامېرىكىنىڭ ياردىمى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئىلغار قوراللارنىڭ خىتايغا سېتىپ بېرىلىشى يەنىلا ئۇنچىلىك ئوڭاي ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ سۆزىدە يەنە، بۇ جازانى بىكار قىلىشنىڭ قانداقلا بولمىسۇن يەنىلا خىتاي ئۈچۈن پايدىلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ياخشىلاندىمۇ؟
خىتايغا قارىتىلغان قورال چەكلىمىسى، 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىن كېيىن چىقىرىلغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دېموكراتىك پائالىيەتنى قوراللىق باستۇرۇپ، نەچچە يۈزلىگەن ئوقۇغۇچى، ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئىدى. ياۋروپا بىرلىكىنىڭ 15 يىللىق بۇ جازانى بىكار قىلىشى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ خۇاڭ جىڭ ئەپەندىنىڭ بۇنىڭغا بەرگەن جاۋابى ئىنكار شەكىلدە بولدى. ئۇ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ھېچقانچە ياخشىلانمىغانلىقىنى، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ پەقەت خىتاي بىلەن بولغان ئىستراتېگىيىلىك ۋە سودا مۇناسىۋىتىنى دەپ بۇ جازانى بىكار قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
جەك سچوۋ بىلەن كوندولىزا رايس ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت خىتاي مەسىلىسىدىن سىرت يەنە، ئىراننىڭ يادرو قورال پروگراممىسى مەسىلىسىگىمۇ چېتىلدى. فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى دىپلوماتىك يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى تەكىتلەپ كەلدى. گەرچە ئامېرىكا بۇنىڭغا ئوخشاش قاراشتا بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ تېھرانغا بولغان تاقىتى بارغانسېرى ئاز قالدى. ھەتتا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج ۋ بۇش ئۆتكەن ھەپتە، ئىران يادرو قوراللىرى تەرەققىياتىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئىراننىڭ يادرو قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى نېمە ئۈچۈن چەكلىنىدۇ؟
نۆۋەتتە دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتلەر يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن ئىران ۋە شىمالىي كورىيىگە ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى چەكلەنگەن؟ بۇنىڭدىكى ئۆلچەم نىمە؟ خۇاڭ جىڭ ئەپەندىنىڭ بۇ سۇئاللارغا بەرگەن چۈشەندۈرىشى تۆۋەندىكىچە بولدى:
"يادرو قورال تەرەققىياتى دەسلەپ ئامېرىكا بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا باشلانغان. لېكىن سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەت يادرو قوراللارنىڭ ئىنسانلارنى ۋەيران قىلىدىغان تەھدىتى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كەڭ تارقىلىشىغا قارشى تۇرۇپ كەلدى. شۇڭا بۇنىڭدا خەلقئارا ھازىر بىر ئورتاق قاراشقا ئىگە بولدى. ئۇ بولسىمۇ، بىرىنچىدىن، يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولغان دۆلەت ئالدى بىلەن چوقۇم خەلقئارا بەلگىلىمىلەرگە بويسۇنىدىغان دۆلەت بولىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، خەلقئارا بەلگىلىمىگە بويسۇنغاندىن كېيىن، چوقۇم ھەممە ئىشقا مەسئۇلىيەتچان بولىشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، يادرو قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولغان دۆلەت چوقۇم ھازىرقى يادرو قوراللىرىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ يادرو قوراللارنى ئىشلىتىش ئاساسىي پىرىنسىپىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك."
خىتاي بىلەن رۇسىيە، ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى تەرەققىياتىغا ياردەم قىلىۋاتىدۇ
خۇاڭ جىڭ ئەپەندى بۇنىڭغا مىسال كەلتۈرۈپ، ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ، ئۆز دۆلىتى گۇمران بولۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىشكە ئوخشاش ئەجەللىك تەھدىتكە يولۇقمىغىچە يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىكنى پىرىنسىپ قىلغانلىقىنى، ئەمما شىمالىي كورىيە ۋە ئىرانغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ بۇ پرىنسىپقا بويسۇنماستىن، يادرو قوراللىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا ھەتتا تېررورلۇق پائالىيەتلەرگە ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. خۇئاڭ جىڭ ئەپەندى، ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىشىدا باشقا دۆلەتلەرنىڭ قولى بارلىقىغىمۇ ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، شەخسەن ئۆزىنىڭ رۇسىيە بىلەن خىتاينى، ئىراننىڭ يادرو قورال تەرەققىياتىغا ياردەم قىلىۋاتىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە )