رۇس ئانالىزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قاراشلىرى (1)

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئىلگىرىدىنلا رۇسىيە سىياسىي ئانالىزچىلىرىنىڭ مۇھىم دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاپ كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ جىددىيلىشىشى ھەم خەلقارا سەھنىگە قاراپ يۈزلىنىشى بىلەن ئىگور روتتار، ئاندرېي چېبوتارىيېۋ، ئالېكساندىر سوبيانىن، بورىس ماينايېۋ ۋە باشقا رۇس ئاپتورلىرى تۇشمۇ-تۇشتىن ماقالىلارنى يېزىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىگە ئۆز چۈشەنچىلىرىگە تايىنىپ تۈرلۈك باھالارنى بەردى.

رۇس ئانالىزچىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلار "مىللىي بومبا "

ئىگور روتتار، بورىس ماينايېۋ قاتارلىق رۇس ئاپتورلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى ئەسىرلىك كۈرەش تارىخى بولۇپمۇ، ئۇلارنىڭ توختاۋسىز تۈردە ئېلىپ بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قەتىي سەل چاغلاشقا بولمايدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى بەئەينى ھامان بىر كۈنى پارتلايدىغان ۋاقىت ئۆلچىمى يوق بومبىغا ئوخشىتىپ، ئۇلارنى " مىللىي بومبا " دەپ ئاتىغان . مەسىلەن. موسكۋالىق ئانالىزچى ئىگور روتتار 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا موسكۋادا چىقىدىغان "مۇستەقىللىق گېزىتى" دە، ئۇيغۇرلار خىتايدىكى ئېتنىك بومبا" دېگەن تېمىدا چوڭ ھەجىملىك بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ماقالىسى ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا چوڭ تەسىر قوزغىغان بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن، گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق رۇس مۇتەخەسىسى بورىس ماينايېۋمۇ شىۋېتسىيىدە چىقىدىغان" ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيە" ناملىق ئىلمىي ژۇرنالدا "خىتاينىڭ غەربىي قىسىمدىكى مىللىي بومبا-ئۇيغۇرلار" دەپ ئاتالغان چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي-ئانالىز خاراكتېرلىك ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ ماقالە رۇسچە ۋە ئەنگلىزچە تىللاردا ھەرخىل گېزىت ھەم ئىنتېرنېت سەھىپىلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم تارقىتىلدى.

ئىگور روتتار بىلەن بورىس ماينايېۋ قاتارلىقلار ئۆز ماقالىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىنلا مۇستەقىل ياشىغان قەدىمىي بىر خەلق بولغانلىقىنىڭ ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنىڭ ئۈزۈلمەسلىكىگە سەۋەب بولغانلىقىنى شەرھلەشكە تىرىشقان. مەزكۇر رۇس ئاپتورلىرى بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىن تارتىپلا، ئۆز ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا كۈرەش قىلىشنى ھېچقاچان توختىتىپ قويمىغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئىلگىرى كېيىن 400 قېتىمدىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك قوزغىلاڭلارنى كۆتۈرۈپ، بىر قانچە قېتىم مۇستەقىللىق جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئەمما، بۇنىڭ بىلەن ئۆز ئارزۇسىدىن قەتىي يانمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. مەزكۇر ئاپتورلار ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن مۇنداق ئۆز غايىسىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى، ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك سىياسىي، ئىجتىمائىي سەۋەبلەر جۈملىدىن بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارغا قاراتقان سىياسەتلىرى بىلەنمۇ باغلىغان. ئۇلار مەزكۇر مەسىلىنىڭ ۋاقتىدا ھەل بولماسلىقىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولۇش ئېھتىمالىقىنى قىياس قىلغان. بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز ماقالىلىرىدا ئۇيغۇرلارنى "مىللىي بومبا" دەپ ئاتىشىدىكى ئاساسىي نۇقتا بولسا كېرەك؟!

رۇس ئاپتورلىرىنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇر ئېلى" خىتاي چېچىنىيىسى"

رۇس ئانالىزچىلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي مەسىلىنىڭ كۈنسايىن ئۆتكۈرىلىشىۋاتقانلىقىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ خىتاي ئۈچۈن كرىزىس پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقىنى تەھلىل قىلىش بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنى موسكۋانىڭ بېشىنى ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە ئاغرىتىۋاتقان دۇنياۋى قايناق نۇقتىلاردىن بىرى، كاۋكازىيىدىكى چېچىنىستانغا ئوخشىتىدۇ ھەمدە ئۇنى "خىتاي چېچىنىيىسى" دەپ ئاتايدۇ. مەسىلەن موسكۋالىق رۇس ئاپتورى سېرگېي داۋىدوۋ ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىدىن بىرى دا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئېلان قىلغان ماقالىسىنى "خىتاي چېچىنىيىسى" دېگەن سەرلەۋە بىلەن ئاتايدۇ.

رۇسىيىنىڭ ئاتاقلىق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدىن بىرى ئىتار-تاسسنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئالېكساندر زىيۇزاگوف " بۈگۈنكى رۇسىيە فېدېراتسىيىسى " ناملىق گېزىتتە ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماقالىسىدا ئۇيغۇر ئېلىنى "چېچىنىستانغا ئوخشاتقان.

ئۇيغۇرلار رۇس-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى "ئويۇن قەرتى"

رۇس ئاپتورلىرىنىڭ بەزىلىرى مەسىلەن ئالېكساندىر سوبيانىن، م. دىمىترىيېۋ ۋە باشقىلار ئۇيغۇرلارنىڭ موسكۋا بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدىكى دىپلوماتىيىلىك كۈرەشلەردىكى ئويۇن قەرتى بولۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. م. دىمىترىيەۋ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە قايتىدىن موسكۋا بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدىكى مۇھىم مەسىلىگە ئايلىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ بۇنى ئالماشتۇرۇش قەرتى سۈپىتىدە ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

يەنە بىر رۇس سىياسىي مەسىلىلەر ئانالىزچىسى ئالېكساندر سوبيانىن رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى يېڭى باسقۇچكا كىرىپ، بۇ ئىككى مەملىكەت ئارىسىدا بىر قاتار شەرتنامىلەر ۋە كېلىشىملارنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بېيجىڭ ۋە موسكۋا رەھبەرلىرى ئارىسىدىكى مۇزاكىرە ئۈستۈلىگە چىقىشى ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ كېلىشىملىرىدە ئورۇن ئېلىشىنى "ئۇيغۇر مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى روسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئورتاق مەسىلىسى" ۋە "موسكۋانىڭ يېڭى چېگرىسى" قاتارلىق ماقالىلىرىدە ئەكىس ئەتتۈردى. ئۇ، بۇ ئەمگەكلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۈگۈنكى كۈنلەردە يەنىلا رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق ھەل قىلىدىغان مەسىلىگە قايتىدىن ئايلانغانلىقى ، رۇسىيىنىڭ گەرچە ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىدىن ئايرىلىپ قالسىمۇ، يەنىلا بۇ رايوننى ئۆز تەسىر دائىرىسىدىكى جايلار دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ جەنۇبىي چېگرىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن يەنە يۈز يىلنىڭ ئالدىدىكىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينىڭ ئىتتىپاقچىسى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

يەنە بىر رۇس تارىخچىسى ۋالېرىي بارمىن بولسا، ئۆزىنىڭ 1943-1949-يىللاردىكى "سوۋېت –خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە شىنجاڭ مەسىلىسى" ناملىق كىتابىدا تارىخىي نۇقتىدىن پىكىر يۈرگۈزۈپ، موسكۋانىڭ 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنى باشتا قوللاپ، ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ خىتاي ۋە خەلقارا سىياسىتىدىكى "ئويۇن قەرتى" تەرىقىسىدە پايدىلىنىپ، ئاخىرىدا نابۇت قىلىۋەتكەلىكىنى شەرھلىگەن.

سوبيانىن، دىمىترىيېۋ ، بارمىن ۋە باشقىلار موسكۋانىڭ يەنىلا كونا ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ھەقىقەتەن يېقىنقى ۋاقىتلاردا خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا تۈزۈلگەن "خىتاي دوستلۇق، ئىناق قوشنىدارچىلىق شەرتنامىسى" ۋە "تېررورىزىمغا ئورتاق قارشى تۇرۇش كېلىشىمى" شۇنىڭدەك ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىرلەشمە باياناتلىرىدا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بىر-بىرىنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە تېررورىزىمغا ئورتاق قارشى تۇرۇش رامكىسى ئاستىدا ئۇيغۇر ھەم چېچېنلەر مەسىلىسىدىكى مەيدانى ئېنىق تەكىتلەنگەن ئىدى. (ئۈمىدۋار)